قان تومۇر ۋە يۈرەك ساغلاملىقىنى قوغدايدىغان 9 خىل يېمەكلىك

文摘   2024-10-18 20:12   新疆  


نېمە يېسە قان تومۇرلارنى يۈرەكنى قوغدىغىلى بولىدۇ؟ «ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق يۈرەك قان تومۇر مېتابولىزم كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوللانمىسى»دا بۇ توققۇز خىل يېمەكلىكنىڭ يۈرەك ۋە قان تومۇرلارغا ئالاھىدە پايدىلىق ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

بىرىنچى خىلى، دانلىق زىرائەت ۋە تاتلىقياڭيۇ تۈرىدىكىلەر. كۆممىقوناق، تېرىق، يىرىك گۈرۈچ، قىزىل پۇرچاقنى تاللاپ، يەنە بىر قىسىم بەرەڭگە تۈرىدىكىلەرنى ماسلاشتۇرسا بولىدۇ، مەسىلەن:تاتلىقياڭيۇ، پىچەكگۈل، بۇلار يۈرەك قان تومۇرلىرىنى ئاسراشقا پايدىلىق.

كۆپچىلىك ئادەتتە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئاشلىقلارنى يەيدۇ، مەسىلەن، ئۇندىن ياسالغان موما، قاتلىما، ئۈگرە ۋە شالدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۈرۈچ ياكى گۈرۈچ ئۇنى قاتارلىقلار، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنچىكە ئاشلىق ھېسابلىنىدۇ، نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئىنچىكە ئاشلىقنى كۆپ يېگەندە، ئاسانلا ئۈچ يۇقىرى، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى ھەر كۈنى دانلىق زىرائەت ۋە ھەرخىل پۇرچاق تۈرىدىكىلەردىن 50g~100gنى، بەرەڭگىلەردىن 50g~100gنى يېيىش كېرەك، ئېغىرلىقى تەخمىنەن يېرىم قاچا كېلىدۇ.

ئىككىنچى خىلى، مېۋە-چېۋە. مېۋە-چېۋىلەرمۇ يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرىنى ئاسراشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى، ئالما، بانان، ئاپېلسىن تەركىبىدە ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار مول بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىم، مېڭە سەكتىسى قاتارلىقلارنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ، شۇڭا ھەر كۈنى 200-300 گىرام ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇ تەخمىنەن بىر ئالما ۋە يېرىم بانانغا تەڭ.

ئۈچىنچى خىلى، كەرەپشە. كەرەپشىنىمۇ ھەر كۈنى يېيىش كېرەك، مەسىلەن، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات، سەۋزە، پەمىدۇر قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ۋە سېللۇلوزا مول بولۇپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ، تاماق ئەتكەندە ماي ۋە تۇزنى ئاز قىلىپ، ئىسسىق قازاندا سەينى تېز قورۇپ تېز ئېلىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا كۆكتاتلارنىڭ ئەسلى تەمىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

تۆتىنچى خىلى، بېلىق گۆشى. بېلىق گۆشىمۇ يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرىنى قوغدايدىغان ئەلا سۈپەتلىك يېمەكلىك بولۇپ، تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بېلىق يېمەيدىغان ياكى بېلىقنى ناھايىتى ئاز يەيدىغان كىشىلەر بېلىقنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئاشۇرسا، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، شۇڭا ھەر ھەپتىدە ئىككى تال بېلىق يېيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

بەشىنچى خىلى، سېرىق پۇرچاق. پۇرچاق ۋە پۇرچاق ياسالمىلىرى يۈرەك، مېڭە قان تومۇر ساغلاملىقىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، پۇرچاق سۈتى، پۇرچاق قېقى، پۇرچاق ياسالمىلىرى تەركىبىدە ئۆسۈملۈك ئاقسىلى ۋە ئىزوفلاۋون مول بولۇپ، يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ، ھەر كۈنى پۇرچاق ياسالمىلىرىنى يەپ بەرگەندە يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرىنى تېخىمۇ ساغلاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.

ئالتىنچى خىلى، قاتتىق پوستلۇق مېۋە. قاتتىق پوستلۇق مېۋە يۈرەكنى قوغدايدىغان ساغلام يېمەكلىك، ياڭاق، ئۆرۈك مېغىزى، كاسىنە مېغىزى قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە ۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار مول بولۇپ، ھەر كۈنى بىر باغلام قاتتىق پوستلۇق مېۋە يەپ بەرسە، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى ۋە مېڭە سەكتىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق.

يەتتىنچى خىلى، سۈت. سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىمۇ يۈرەك قان تومۇرلىرىنى قوغدايدىغان مۇھىم يېمەكلىك، سۈت، قېتىق تەركىبىدە كالتسىي ۋە ئاقسىل مول بولۇپ، قان تومۇرلارنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئەزەلدىن سۈت ئىچمەيدىغان كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەر كۈنى سۈت ئىچىدىغانلارنىڭ يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى%23 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن، ھەر كۈنى بىر ئىستاكان سۈت ياكى قېتىق ئىچىپ بەرسە، كالتسىي ھەم ئوزۇقلۇق تولۇقلىغىلى بولىدىكەن.

سەككىزىنچى خىلى، چاي ۋە قەھۋە. گەرچە يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولسىمۇ، لېكىن بەزى ئاتالمىش ساغلاملىق چايلىرىغا قارىغۇلارچە ئىشەنمەسلىك كېرەك.


يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىدىن بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ، ئالدى بىلەن ھەر كۈنى ياخشى كەيپىياتنى ساقلاڭ، يېمەك-ئىچمەكنى ئىمكانقەدەر كۆپ خىللاشتۇرۇڭ، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭ، ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاڭ، شۇندىلا كېسەلدىن يىراق تۇرالايسىز.

Saklik健康网

Saklik健康网
健康咨询
 最新文章