بۇ سەككىز چوڭ ئامىل بۆرەك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

文摘   2024-11-13 21:09   新疆  


1. دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىش

ھازىر كىشىلەر كېسەل بولۇپ قالغاندا نۇرغۇن دورىلارنى ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دورا بۆرەككە زىيانلىق

2. جىنسىي تۇرمۇش ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇش

جۇڭيى تېبابىتىدە ئېيتىلىشىچە، زىيادە كۆپ مۇناسىۋەت قىلىش بەدەننىڭ نېرۋىلىرىغا بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزۈپ، بۆرەكنىڭ زەئىپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، ئوتتۇرا ياشقا كىرگەندىن كېيىن، بۇ ئادەم بەدىنىنىڭ قېرىشقا قەدەم قويغانلىقىدىكى تەبىئىي قانونىيەت.

3. قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى

قان رېئولوگىيىسى نۇقتىسىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا قان پلازمىسىنىڭ يېپىشقاقلىقى، پۈتۈن قاننىڭ يېپىشقاقلىقى، تالا ئاقسىلىنىڭ مىقدارى ۋە قان پلاستىنكىلىرىنىڭ توپلىشىشچانلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ، ھالبۇكى، بۇ ھادىسىلەر بۆرەك ھۈجەيرىلىرىگە قان يېتىشمەسلىك ياكى نېكروزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم سەۋەب.

4. يۇقۇملىنىش

يۇقۇملىنىش بۆرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، بادام بەز ياللۇغى قاتارلىق يۇقۇملىنىشلارنىڭ ھەممىسى بۆرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، زۇكام بولسا بۆرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋە ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل يۇقۇملىنىش.

5. ناچار مۇھىت

ناچار تاشقى مۇھىت ئامىلى، مەسىلەن، سوغۇق، نەملىك قاتارلىقلار ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ۋە كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

6. ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەش

ھەددىدىن زىيادە چارچاش ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقاندا، بۆرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

7. سۈيدۈكنى قىسىۋېلىش

سۈيدۈكنى ئۇزاق ۋاقىت قىسىۋالغاندا، دوۋساق زەخىملىنىپلا قالماي، سۈيدۈك دوۋساقتا ئۇزاق تۇرۇپ قالسا، ئاسانلا باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سۈيدۈك نەيچىسى ۋە بۆرەككە قايتا ئېقىپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلار بۆرەكنى زەخىملەندۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش، بۆرەك كېسىلى ھەتتا سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

8. تۇرمۇش بېسىمى زىيادە ئېغىر بولۇش

9. باشقا كېسەللىكلەر

بۆرەك تۇغما ئاساس، ئىچكى ئەزالارنىڭ ھەممىسى بۆرەك جەۋھىرىگە تايىنىپ ئادەم بەدىنىنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ، ھەرقايسى ئەزالار فىزىئولوگىيە جەھەتتە بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ ۋە چەكلەيدۇ، ئەگەر بەزى ئىچكى ئەزالاردا مەسىلە كۆرۈلسە، مۇقەررەر ھالدا بۆرەكنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

Saklik健康网

Saklik健康网
健康咨询
 最新文章