دىيابېت بىمارلىرى چۇقۇم كالتىسىي تۇلۇقلاش كېرەك

文摘   2024-09-12 22:43   新疆  


دىيابېت بىمارلىرىدا مۇنداق بىر ئورتاق ئالاھىدىلىك بار، ئۇ بولسىمۇ تاماقنى كۆپ يەيدۇ، سۇنى كۆپ ئىچىدۇ، كىچىك تەرەتنى كۆپ قىلىدۇ، لېكىن كۈندىن-كۈنگە ئورۇقلاپ، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەيدۇ، بۇنى كىلىنىكىدا ئۈچ كۆپ، بىر ئاز بولۇش دەيدۇ.

دىيابېت بىمارلىرى كىچىك تەرەتنى كۆپ قىلغانلىقتىن، گلۇكوزىغا ئەگىشىپ، كۆپ مىقداردىكى كالتسىي بۆرەك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇزۇن مەزگىل داۋام ئەتسە، قاندىكى كالتسىينىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قالقان يان بېزى ئۇزۇن مۇددەت تۆۋەن كالتسىيلىك مۇھىتنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراپ، ئىككىلەمچى قالقان يان بەز فۇنكسىيىسى كۈچىيىپ كېتىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن قالقان يان بېزى كۆپ مىقداردا قالقان يان بەز ھورمۇنىنى ئاجىرىتىپ چىقىرىپ، سۆڭەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى كۈچەيتىدۇ، سۆڭەك توقۇلمىلىرىدىكى كالتسىي ئەركىن ھالدا قانغا كىرىپ، «كالتسىي كۆچۈش» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

دىيابېت بىمارلىرىدا كۆپ مىقداردا كالتسىي بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۆڭەكتىكى فوسفور، ماگنىيمۇ چىقىپ كېتىدۇ. تۆۋەن ماگنىيلىق مۇھىتمۇ قالقان يان بېزىنى غىدىقلاپ، ئوخشاشلا ئىككىلەمچى قالقان يان بەز فۇنكسىيىسى كۈچىيىپ كېتىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دىيابېت بىمارلىرى قەنت مېتابولىزمى قالايمىقانلاشقاندىن باشقا، يەنە ۋىتامىن D، كالتسىيتونىن قاتارلىق ماددىلارنىڭ ماددا ئالمىشىشى تەرتىپسىزلىشىپ، سۆڭەكنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى تەسىرىگە ئۇچراپ، ئاخىرىدا سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شۇڭا دىيابىت بىمارلىرى قەرەللىك ھالدا مىكرو ئېلېمېنتلارنى تەكشۈرتۈپ، بەدەندىكى كالتىسىي مىقدارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر كالتىسىي مىقداردا ئۆزگىرىش بولسا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا كالتىسىي تولۇقلىسا بولىدۇ.

Saklik健康网

Saklik健康网
健康咨询
 最新文章