سۈت بىر خىل ساغلاملىق ئىچىملىكى بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ناشتىدا ياكى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سۈت ئىچىدۇ. لېكىن، سۈت ئىچىشكىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك، ئەگەر سۈت ئىچىش ئۇسۇلى توغرا بولمىسا، ئوزۇقلۇق تولۇقلىغىلى بولمايلا قالماستىن، ھەتتا سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ. سۈت ئىچىشتىكى بۇ خاتا قاراشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلەمسىز؟
1. سۈت قانچە قويۇق بولسا شۇنچە ياخشى
بەزىلەر كالا سۈتى قانچە قويۇق بولسا، بەدەندىكى ئوزۇقلۇق شۇنچە كۆپ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. قويۇق سۈت دېگىنىمىز، كالا سۈتىگە سۈت پاراشوكىنى كۆپرەك قوشۇپ، سۈت قويۇقلۇقىنى نورمال نىسبەتتىن ئاشۇرۇۋېتىشنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بەزىلەر يېڭى سۈتنىڭ بەك سۇس بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭغا سۈت پاراشوكى قوشىدۇ. ئەگەر بوۋاقلار دائىم قويۇق سۈت ئىچىپ بەرسە، ئىچ سۈرۈش، قەۋزىيەت، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ھەتتا تاماق يېمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە جىددىي خاراكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغى، قاناش خاراكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى يۇمران بولۇپ، زىيادە ئېغىر يۈك ۋە بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
2. سۈت + شاكىلات
بەزىلەر، كالا سۈتى يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىك، شاكىلات بولسا ئېنېرگىيە يېمەكلىكى، بۇلارنى بىرلا ۋاقىتتا يېگەندە چوقۇم پايدىسى زور بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس. سۇيۇق كالا سۈتىگە شاكىلات قوشۇلسا سۈت تەركىبىدىكى كالتسىي بىلەن شاكىلات تەركىبىدىكى ئوكسالات كىسلاتادا خىمىيەلىك رېئاكسىيە ھاسىل قىلىپ «كالتسىي ئوكسالات» ھاسىل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە كالتسىي ئادەم بەدىنىدە زىيانلىق ماددىغا ئايلىنىپ، كالتسىي كەملىك، ئىچى سۈرۈش، ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ يېتىلىشى كېچىكىش، چاچ قۇرۇش، سۆڭەك ئاسان سۇنۇش، سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشۈش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. سۈت + تۇخۇم
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، كالا سۈتىگە تۇخۇم قوشۇلغان ناشتىلىق ئىلمىي ئەمەس بولۇپ، ئاقسىلنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىشى قىيىن ئىكەن. ھازىر ٪9تىن ئارتۇق بالا ئەتىگەندە كالا سۈتى بىلەن تۇخۇم يەيدۇ، كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلار بۇنداق ناشتىلىقنى خەلقئارالاشتۇرۇش دەپ قارايدۇ، ئەمما بۇنىڭ ئىنتايىن خاتا قاراش ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئون نەچچە سائەت ئېنېرگىيە سەرپ قىلىش ئارقىلىق، ئادەم بەدىنى مول كاربون سۇ بىرىكمىلىرىگە بولغان ناشتىلىققا تايىنىپ، قايتىدىن ئېنېرگىيە تولۇقلاشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئەمما كالا سۈتى ۋە تۇخۇم بۇلارنى يېتەرلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ.
4. سۈت + گۈرۈچ شورپىسى، شوۋىگۈرۈچ
بەزىلەر بۇنداق ئىستېمال قىلغاندا ئوزۇقلۇقنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلىشىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئۇسۇل ئىلمىي ئەمەس. سۈت تەركىبىدە ۋىتامىن A بار، گۈرۈچ شورپىسى ۋە شوۋىگۈرۈچ ئاساسلىقى كراخمالنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ياغ ئوكسىدازا بار بولۇپ، ۋىتامىن A نى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. بالىلار، بولۇپمۇ بوۋاقلارغا ۋىتامىن A يېتىشمىسە بوۋاقلارنىڭ يېتىلىشى ئاستىلاپ، تېنى ئاجىز، كېسەلچان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئۈچۈن بولسىمۇ، ئىككىسىنى ئايرىپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.
5. سۈت + ئاپېلسىن شەربىتى ياكى لىمون شەربىتى
بەزى كىشىلەر سۈتكە ئازراق ئاپېلسىن شەربىتى ياكى لىمون شەربىتى قوشۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ قارىماققا ياخشى ئۇسۇل بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاپېلسىن بىلەن لىمون مېۋە بولۇپ، مېۋە كىسلاتاسى سۈتتىكى ئاقسىلغا يولۇقسا، ئاقسىلنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاقسىلنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
6. كالا سۈتى بىلەن دورا ئىستېمال قىلىش
بەزىلەر ئوزۇقلۇق قىممىتى بار نەرسە بىلەن دورا ئىستېمال قىلغاننىڭ چوقۇم پايدىسى بار دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنتايىن خاتا قاراش. سۈت ئادەم بەدىنىنىڭ دورىغا بولغان قوبۇل قىلىش سۈرئىتىگە روشەن تەسىر كۆرسىتىپ، قاندىكى دورىنىڭ قويۇقلۇقىنى ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە سۈتتىن باشقا دورا ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. كالا سۈتى بىلەن دورا ئىچكەندە يەنە دورا ئارقىلىق يوپۇق يېپىپ، سۈت تەركىبىدىكى كالتسىي، ماگنىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار ئىئونى بىلەن دورىغا خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ، سۇدا ئېرىمەيدىغان ماددا ھاسىل بولىدۇ، بۇ دورىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى دورا ئىچىشنىڭ ئالدى-كەينىدە، بىر-ئىككى سائەت ئىچىدە سۈت ئىچمەسلىك كېرەك.
Saklik健康网