ھۆللۈك ئېشىپ كەتكەن ئاياللار بۇ تۆت نەرسىنى يېنىڭىزدىن ئايرىماڭ

文摘   2024-10-22 22:05   新疆  


جۇڭگو تېبابىتى نەزەرىيەسىدە ھۆللۈك ھەممە كېسەلنىڭ مەنبەسى دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا، ھۆللۈكنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى يەنىلا ئىنتايىن چوڭ، ئاياللارنى ئېلىپ ئېيتساق، ھۆللۈك ئېغىر بولسا ئاسانلا ئاياللار كېسەللىكى، سېمىزلىك، ئېغىز پۇراش قاتارلىق نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەگەر ئاياللاردا ھۆللۈك ئېشىپ كەتسە، تۆۋەندىكى تۆت خىل يېمەكلىكنى دائىم يەپ بەرسە، بەدەندىكى ھۆللۈكنى ھەيدەشكە ئالاھىدە مەنپەئەت قىلىدۇ.

نېلۇپەر يوپۇرمىقى
نېلۇپەر يۇپۇرمىقىنى جوڭيى تىبابىتىدە تومۇزدىن بولغان ھۆللۈكنى يوقىتىش، ئىسسىقنى ياندۇرۇش، قاننى سوۋۇتۇپ قان توختىتىش، شۇنىڭدەك قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش رولى بار دەپ قارايدۇ. ئەگەر ئاياللاردا ھۆللۈك ئېغىر بولسا، نېلۇپەر يوپۇرمىقىنى سۇغا چىلاپ ئىچىپ بەرسە، بەدەندىكى نەملىكنى ئۈنۈملۈك يوقاتقىلى بولىدۇ.

پىچەكگۈل
جۇڭيى تېبابىتىدە پىچەكگۈلنىڭ تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئاشقازاننى ئاسراش رولى بار دەپ قارىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، پىچەكگۈل يەنە بەدەندىكى سۇيۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ، بەدەندىكى ئارتۇقچە سۇنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ناھايتى ياخشى ھۆللۈك يۇقىتىش رولى بار. بۇنىڭدىن باشقا ئادەمنىڭ تال-ئاشقازىنى ياخشىلانسا، ھۆللۈك تەبىئىيلا چىقىپ كېتىدۇ.

ئاچچىق كاۋا
ئاچچىق كاۋىنىڭ ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش رولى بولۇپلا قالماي، ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇلغان ئاچچىق كاۋىنى سۇغا چىلاپ ئىچسە، ھۆللۈكنى يوقىتىپ، ئىسسىقنى قايتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئاچچىق كاۋا ياپراقچىسدە بىر خىل ئورۇقلاشقا پايدىلىق ئالاھىدە ئۈنۈملۈك تەركىب بولۇپ، بۇ خىل ماددا بەدەندىكى ئارتۇق مايلارنى تېز سۈرەتتە پارچىلايدۇ. شۇڭا، ئاياللارنىڭ بەدىنىدە ھۆللۈك ئېغىر بولسا، ئاچچىق كاۋىنى كۆپرەك يەپ بەرسە، ھۆللۈكنى ھەيدەش بىلەن ئۇرۇقلاش ئۈنۈمىگە تەڭ يەتكىلى بولىدۇ.

تەكىيە كاۋاتەكىيە كاۋا تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كۆكتات، ئۇنىڭ ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ ئىششىقنى ياندۇرۇش، ئاشقازاننى تازىلاپ، ئوتنى پەسەيتىش رولى بار. ھۆللۈك بىر قەدەر ئېغىر ئاياللار تەكىيە كاۋىنى كۆپرەك يەپ بەرسە، بەدەندىكى توكسىننى ھەيدەش بىلەن بىللە ھۆللۈكنى يوقىتىش ئۈنۈمىگە تەڭ يېتەلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا تەكىيە كاۋىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئورۇقلاشقا ناھايىتى ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

Saklik健康网

Saklik健康网
健康咨询
 最新文章