يۇتقۇنچاقتا بەلغەم بولۇش ئادەتتە كېكىرتەك بىئارام بولۇش، نەپەسلىنىش جەھەتتە بىئارام بولۇش ۋە ئۆپكە بىئارام بولۇشتىن كېلىپ چىقىدۇ. يۇتقۇنچاق ياللۇغلىنىشتىن كېلىپ چىققان بەلغەم بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ، ئەگەر ئىسسىقى ئېشىپ كەتسە، ئېغىز قۇرۇش، تىل قۇرغاقلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بەلغەم بوشىتىش ئۈچۈن ، يۆتەل توختىتىپ بەلغەم بوشىتىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك، مەسىلەن، چارتال، نەشپۈت، ئاپېلسىن قاتارلىق يېمەكلىكلەر بەلغەم بوشىتىشقا ناھايىتى پايدىلىق.
قانداق يېمەكلىكلەر بەلغەم بوشىتىدۇ؟
1. چارتال، چارتال تەركىبىدە ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى گلۇكوزىد بار بولۇپ، يۆتەلنى توختىتىپ بەلغەمنى بوشىتىدۇ، ئۆپكىنى سىلىقلاپ يۆتەلنى توختىتىدۇ. چارتال بىلەن ناۋاتنى قاينىتىپ ياسالغان چارتال ئۇمىچىمۇ ئىسسىقنى ياندۇرىدۇ، بەلغەم بوشىتىپ يۆتەلنى توختىتىدۇ.
2. نەشپۈتنى ئىستېمال قىلغاندا ئۆپكىنى سىلىقلاپ، بەلغەمنى تازىلاپ، ئىسسىقنى ياندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ناۋات بىلەن نەشپۈتنى دۈملىگەندىن كېيىن سىچۈەن سوغىگۈلىنى قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، يۆتەلنى توختىتىپ بەلغەمنى بوشىتىش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
3.سېرىق ئاپېلسىن، سېرىق ئاپېلسىننىڭ يەلنى تەڭشەش، ئەندىشىنى تۈگىتىش، بەلغەمنى بوشىتىش، يۆتەلنى توختىتىش رولى بار، زىققىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە نەپەس چىقىرىشتا ناھايىتى ياخشى رول ئوينايدۇ.
يۇتقۇنچاقتا بەلغەم پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبى
1. يۇتقۇنچاق بىئارام بولۇش. ئەگەر يۇتقۇنچاق بىئارام بولسا، ياكى ياللۇغلىنىپ قالسا، يۇتقۇنچاق ئاغرىشى مۇمكىن، بۇ يۆتەلنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، يەنە ئىسسىقلىقنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ بەلغەم كۆپىيىدۇ، ئېغىز قۇرۇپ، تىل قۇرغاقلاشقان ئەھۋالدا يۇتقۇنچاق تېخىمۇ بىئارام بولىدۇ.
2. نەپەس ئېلىش جەھەتتە بىئارام بولۇش. ئەگەر نەپەس قىيىنلاشسا، سالامەتلىككە تەسىر يېتىدۇ، نەپەس نورمالسىزلىقى ئادەمنى بىئارام قىلىشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا كېكىردەك بىئارام بولۇپ، مۇناسىپ ھالدا بەلغەم كۆپىيىپ كېتىشى مۇمكىن.
3. ئۆپكە بىئارام بولۇش. ئۆپكىنىڭ نەملىكىنى ساقلاش كېرەك،ئەگەر ئۆپكە بىئارام بولسا مەسىلەن ئۆپكە قۇرغاقلاشسا، ئىسسىقى ئېشىپ كەتسە ئۆپكىنىڭ نەملىكىنى ساقلاشقا پايدىسىز. بۇ ۋاقىتتا نەپەس راۋان بولماي، تېخىمۇ كۆپ بەلغەم تۈكۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
Saklik健康网