قول تەرلەش كېسىلى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى

文摘   2024-11-03 23:04   新疆  


كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قولى تەرلەيدۇ، بەزىلەر قولى تەرلىگەنلىك سەۋەبىدىن ئۆزىنى كەمسىتىدۇ. باشقىلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشكە، باشقىلارنىڭ ئالدىدا خەت يېزىشقا، ماشىنا ھەيدەشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، دائىم ئېھتىيات بىلەن ياشايدۇ، ھەتتا بەزىدە قولى تەرلىگەنلىك سەۋەبىدىن سۆيگۈنىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، ئۇنداقتا قول تەرلەش زادى قانداق ئىش؟

قول كۆپ تەرلەش مېدىتسىنادا قول تەرلەش كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇنداق كېسەللىك ئادەتتە نېرۋا سىستېمىسى زىيادە ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىكتىن ئادەمنىڭ كونترول قىلىشىغا باقمايدىغان ھالەتتە پەيدا بولىدۇ، ئادەتتە جەنۇبتىكى كىشىلەرنىڭ قول تەرلەش كېسىلى پەيدا بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، %4.93گە يېتىدۇ.

قول تەرلەش كېسىلى ئادەتتە بىرلەمچى قول تەرلەش كېسىلى ۋە ئىككىلەمچى قول تەرلەش كېسىلى دەپ ئايرىلىدۇ، بىرلەمچى قول تەرلەش كېىسلى نېرۋا سىستېمىلىرىنىڭ قالايمىقانلىشىشى سەۋەبلىك بولىدۇ، ئىككىلەمچى قول تەرلەش كېسىلى بولسا كېلىماكتىرىيە دەۋرى ئۇنىۋېرسال كېسىلى، روھىي توسالغۇ، ئىچكى ئاجراتمىلار قالايمىقانلىشىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن پەيدا بولىدۇ. ئادەتتە كۆپ قىسىم كىشىلەردىكى قول تەرلەش دەل ئىككىلەمچى قول تەرلەش كېسىلى سەۋەبىدىن بولىدۇ.

ھەممە ئادەمدىكى قول تەرلەش ئالامىتى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزىلەرنىڭ قولى قىشمۇ-ياز ھۆل ھالەتتە تۇرىدۇ، ئۇنداقتا قول تەرلەشنى يوقىتىشنىڭ ئۇسۇلى بارمۇ؟

1. دورا يېيىش

قول تەرلەشنى داۋالاشتا غەربچە ۋە جۇڭيىچە دورا يېيىشكە بولىدۇ، بۇ خىلدىكى دورىلار قول تەرلەش ئالامىتىنى ياخشىلايدۇ، لېكىن ئۈنۈمى ئانچە كۆرۈنەرلىك ئەمەس. بولۇپمۇ غەربچە دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىرى بار، شۇڭلاشقا قول تەرلەشنى داۋالاشتا بۇ خىل ئۇسۇل بىر قەدەر ئاز قوللىنىلىدۇ.

2. تەرلەشنى تىزگىنلەش سۇيۇقلىقى سۈرۈش

بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ قول تەرلەشكە مەلۇم دەرىجىدە ئۈنۈمى بار، لېكىن كەينى-كەينىدىن ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ، ئۈنۈمىمۇ ھەم ئاستا. ئەگەر توغرا ئىشلىتىلمىگەندە تېرە سەزگۈر بولۇش، تېرە ياللۇغلىنىش قاتارلىق يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.

3. فىزىكىلىق داۋالاش

بۇ خىل ئۇسۇلدا ياخشى تەر تىزگىنلەش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ، لېكىن توغرا ئۇسۇلدا ئىشلەتمىگەندە بەدەندىكى ئورگانىزملارنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇلنى تاللىغاندا ناھايىتى ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

4. ئوكۇل سېلىش

دوختۇرخانىلاردا مەخسۇس قول تەرلەشكە سالىدىغان ئوكۇل بار، ئادەتتە بۇ خىلدىكى ئوكۇل 3-1 ئايغىچە ئۈنۈم بېرىدۇ، لېكىن ئوكۇل سالغاندا بىمارلاردا زىيادە ئاغرىش پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىلدىكى ئوكۇلنىڭ باھاسى قىممەت، قايتا-قايتا ئۇرغاندا ياللۇغ كۆرۈلىدۇ.

قول تەرلەشنى يۇقارقىدەك ئۇسۇللاردا تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، كېسەللىك بەكلا ئېغىر بولغاندا ئوپىراتسىيە قىلىش بىلەنمۇ داۋالىغىلى بولىدۇ، لېكىن قانداق داۋالاش ئۇسۇلى بولسۇن چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا بولۇش لازىم.

Saklik健康网

Saklik健康网
健康咨询
 最新文章