ھازىرقى دەۋردە راك كېسىلى ئانچە قورقۇنچلۇق ھېسابلانمايدۇ، قورقۇنچلۇق بولغىنى، راك كېسىلى بايقالغان ھامان ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قېلىشى بولۇپ، بۇنداق بولغاندا داۋالاشمۇ قىيىنلىشىدۇ، ئەگەر كېسەللىك بالدۇر بايقالسا، داۋالاشنىمۇ بالدۇر باشلاشقا بولىدۇ. تۆۋەندە مېڭە ئۆسمىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى بەش خىل ئالامىتى ۋە مېڭە ئۆسمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىمىز.
مېڭە ئۆسمىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى بەش خىل ئالامىتى.
بىرىنچى، قوش كۆرۈنۈش.
بۇ خىل بىمارلارنىڭ كۆزىدە شەيئىلەر قوش تەسۋىر ھاسىل قىلىدۇ، مەيلى قانداقلا قارىسۇن، ھەممە نەرسە ئىككى كۆرۈنىدۇ. قوش كۆرۈنۈش دەسلەپتە پەقەت مەلۇم بىر تەرەپكە قارىغان چاغدىلا ھاسىل بولىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، قايسىلا يۆنىلىشكە قارىسا قوش تەسۋىر ئىپادىلىنىدۇ. لېكىن بىر جۈپ كۆز ئالمىسى سىممېتىرىك بولمىغاندا، ئەكسىچە قوش كۆرۈنۈش ئالامەتلىرى ئاستا-ئاستا يوقاپ كېتىشى مۇمكىن.
ئىككىنچى، كۆرۈش دائىرىسى تولۇق بولماسلىق.
بۇ خىل ئەھۋال خۇددىي ماشىنا ھەيدىگەندە كۆرۈنمەس رايون پەيدا بولغانغا ئوخشايدۇ، بولۇپمۇ چېكە قىسمى كۆرۈنمەس رايون بولۇپ، ئېغىر بولغاندا يەنە بىر ئادەمنىڭ نورمال ھەرىكەت ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۈچىنچى، كۆز ئالمىسى پولتىيىپ چىقىش.
بۇ خىل ئەھۋال ئاساسىي جەھەتتىن بىرلا كۆز ئالمىسىدا كۆرۈلىدۇ، يەنى بىر تەرەپتىكى كۆز ئالمىسى ئالدىغا قاراپ پولتىيىپ چىقىدۇ، كېسىلى ئېغىر بىمارلارنىڭ كۆزىنى يۇمىۋېلىشىمۇ قىيىنلىشىدۇ. كىلىنكىدا، ئەگەر بىر تەرەپتىكى كۆز ئالمىسى پولتىيىپ چىقسا، ئۇنداقتا باش سۆڭىكىنىڭ ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك سەۋەبى مېڭە ئۆسمىسىدۇر.
تۆتىنچى، قۇلاق ئاڭلىماسلىق.
كۆز ئالمىسىنىڭ پولتىيىپ چىقىشىغا ئوخشاش، قۇلاق ئاڭلىماسلىقمۇ بىرلا قۇلاقتا پەيدا بولىدىغان ھادىسە. ئەگەر بىماردا ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى ۋە تاشقى قۇلاق يارىسى بولمىغان ئەھۋالدا، پەقەت بىرلا قۇلاقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىزلاشسا، يەنە كېلىپ قۇلاق غوڭۇلداش ھادىسىسى كۆرۈلسە، كۆپىنچە مېڭە ئۆسمىنىڭ ئاڭلاش نېرۋىلىرىنى بېسىشىدىن كېلىپ چىققان بولىدۇ.
بەشىنچى، باش ئاغرىش.
مېڭە ئۆسمىسى بىمارلىرىدا ئاساسەن باش ئاغرىقى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئاغرىقنىڭ ئالامەتلىرى بىر قەدەر روشەن بولۇپ، سەھەردە قوزغىلىش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى، بەزى بىمارلار ھەتتا ئۇخلاۋاتقاندا چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە ئورنىدىن تۇرۇپ مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن يېنىكلەپ قالىدۇ.
يۇقىرىقى بەش خىل كېسەللىك ئالامىتى مېڭە ئۆسمىسى بىمارلىرىدا بىر قەدەر روشەن كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىدۇر، شۇڭا پەيدا بولغان ھامان دوختۇرخانىغا چوقۇم ۋاقتىدا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك، بۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر مېڭە ئۆسمىسىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولسا، يەنە كېسەللىك سەۋەبىنى چۈشىنىش لازىم.
مېڭە ئۆسمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب نېمە؟
بىرىنچىسى، تۇغما ئامىل
تۆرەلمىنىڭ يېتىلىش جەريانىدا، ئەگەر باش سۆڭەك بوشلۇقىدا ئىپتىدائىي ھۈجەيرە ياكى توقۇلمىلار بولسا، مەلۇم شارائىتنى قاندۇرغاندىن كېيىن يەنە بەلگىلىك بۆلۈنۈپ كۆپىيىش ئىقتىدارى شەكىللىنىدۇ، ئۇنداقتا تەرەققىي قىلىپ تۇغما ئۆسمىگە ئايلىنىدۇ، بۇ خىل ئۆسمىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى بىر قەدەر ئاستا بولۇپ، ئادەتتە ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە ھېسابلىنىدۇ.
ئىككىنچىسى، ئېرسىيەت ئامىلى
بەزى ئۆسمىلەر خروموسوما ئاشكارا ئېرسىيەت خاراكتېرلىك بولغاچقا، مەلۇم ئېھتىماللىق بىلەن كېسەللىك ھامىلىغا ئېرسىيەت قالىدۇ، يەنە بەزى ئۆسمىلەردە بەلگىلىك خروموسوما ئۆزگىرىشى بولىدۇ، بالىنىڭ بەدىنىدە بۇ خىل ئۆسمىگە نىسبەتەن مەلۇم دەرىجىدە تەسىر پەيدا بولۇپ، راكقا ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
ئۈچىنچىسى، فىزىكىلىق ئامىل
جاراھەت چوڭ مېڭە ۋە مېڭە پەردە تۇتقاقلىق ئىز توقۇلمىلىرىنىڭ ئۆسمىگە ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەمما نۇرنىڭ يورۇتۇشىمۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ، يەنە كېلىپ بۇ خىل ئۆسمە ئاساسەن يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر.
تۆتىنچىسى، خىمىيىلىك ئامىل
خىمىيەلىك ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆسمىنىڭ كۆپىنچىسى مېڭە پەردە ئۆسمىسى ۋە يېلىمسىمان ھۈجەيرە ئۆسمىسىدۇر.
Saklik健康网