كۆز ئىنسانلارنىڭ سەزگۈ ئەزالىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەزالارنىڭ بىرى، چوڭ مېڭىدىكى تەخمىنەن%80 بىلىم ۋە ئەسلىمە كۆز ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. كۆزنى ئاسراشنىڭ مۇھىملىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان تۇنجى «دۇنيا كۆرۈش قۇۋۋىتى دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا بويىچە كۆرۈش قۇۋۋىتى زەخمىلەنگەن ياكى كۆرمەس بولۇپ قالغانلارنىڭ سانى 2 مىليارد 200 مىليوندىن ئاشىدىكەن.
يۆياڭ ئەيئېر كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دائىم كۆرۈلىدىغان بەش خىل ئەما بولۇپ قېلىش كېسىلى بار بولۇپ، كۆزگە ئاق چۈشۈش، گلاۋكوما، يىراقنى كۆرەلمەسلىك كۆز تېگى كېسەللىك ئۆزگىرىشى، ياشانغانلاردىكى سېرىق داغ ئۆزگىرىش، دىئابېت كېسىلى كۆرۈش تور پەردىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «بەش خىل رەڭلىك كۆز كېسىلى» دەپ ئاتىلىدىكەن. بىز ئادەتتە ئالدىنى ئېلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بۇ خىل كۆز كېسەللىكىنى بايقىغان ھامان چوقۇم ۋاقتىدا داۋالىشىمىز كېرەك.
كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسىلى
نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا ئەگىشىپ، كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا.
جۇڭخۇا مېدىتسىنا جەمئىيىتى كۆز كېسەللىكلىرى شۆبىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزدە 60 ياشتىن 89 ياشقىچە بولغان كىشىلەردە كۆزگە ئاق چۈشۈش نىسبىتى تەخمىنەن%80كە يېتىدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەلۇم ياشقا بارغاندا، ھەممە ئادەمدە دېگۈدەك كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
نۇرغۇن ياشانغانلار كېسەلنى يوشۇرۇپ، دوختۇردىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، بولۇپمۇ ئوپېراتسىيەدىن قورقىدۇ، كەينىگە سۈرۈش سەۋەبىدىن كۆرۈش قۇۋۋىتى داۋاملىق تۆۋەنلەپ، ئەڭ ياخشى ئوپېراتسىيە ۋاقتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ.
گلاۋكوما
گلاۋكوما كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈشتىن قالسىلا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەما بولۇشنى كەلتۈردىغان كېسەل بولۇپ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئەما كېسەللىكى ھېسابلىنىدۇ. گلاۋكوما كۆرۈش نېرۋىسىنىڭ مەڭگۈلۈك زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، گلاۋكوما سەۋەبىدىن ئەما بولۇپ قالسا، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پۇرسىتى بولمايدۇ.
گلاۋكوما ھەر قايسى ياش باسقۇچىدا كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەلگىلىك ئىرسىيەت خاھىشى بار. شۇڭا، گلاۋكوما جەمەت كېسەللىك تارىخى بار كىشىلەر بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئەگەر كۆز چىڭقىلىپ ئاغرىش، باش ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئالدى بىلەن گلاۋكومانى يوقىتىش كېرەك.
بالدۇر تەكشۈرۈش، بالدۇر بايقاش، بالدۇر داۋالاش گلاۋكومانىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنىڭ پىرىنسىپى. گلاۋكوما كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىم كۆز تەكشۈرۈشى قىلىشى كېرەك.
سۆسۈن رەڭلىك يىراقنى كۆرەلمەسلىك
نۇرغۇن كىشىلەر كۆز تېگىدىكى كېسەللىكنى يىراقنى كۆرەلمەسلىك كۆزئەينەكى تاقىسا، قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن نۇر سۇندۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرسىلا بولىدۇ، بۇنى «كېسەللىك» دېيىشكە بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ئەگەر يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى پاتولوگىيىلىك يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە تەرەققىي قىلسا، ئادەمنىڭ كۆرۈش سۈپىتىگە تەسىر يېتىپلا قالماي، يەنە كۆز تېگىدە چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، يىلپىزسىمان كۆز تېگى ۋە كۆرۈش تەخسىسى ئەتراپىدىكى تومۇرلۇق پەردە يىگىلەش، سېرىق داغلىق ئورۇندىن قان چىقىش، ھەتتا كۆرۈش تور پەردىسى تارتىشىپ چۈشۈپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئەما بولۇپ قېلىش خەۋپى كۆرۈلىدۇ.
يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىم كۆزىنى تەكشۈرتۈشى كېرەك، گىرادۇسى قانچە يۇقىرى بولسا ۋە ئوتتۇرا ياش، ياشانغان بىمارلار تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى كۆپەيتىشى كېرەك.
سېرىق داغ
ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كۆرۈش تور پەردىسى توقۇلمىلىرى چېكىنىپ، نېپىزلەپ، سېرىق داغنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، نەرسىلەرنى كۆرگەندە شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا، ئەما بولۇپ قالىدۇ.
ئوتتۇرا ياش، ياشانغان دوستلارنىڭ قەرەللىك ھالدا كۆز تېگىنى تەكشۈرۈپ، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر ئارىلىشىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
دىئابېت كېسىلى كۆرۈش تور پەردىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشى
دىئابېت كېسىلى كۆرۈش تور پەردىسىدىكى قان تومۇرلارنى ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى قەنتلىك مۇھىتتا تۇرغاندا، خۇددى يېرىلىپ كەتكەن سۇ تۇرۇبىسىغا ئوخشاش ئاسانلا كۆرۈش تور پەردىسى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سۇلۇق ئىششىق قاتارلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشى، ئەڭ ئاخىرىدا كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ ئاجرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەما بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
دىئابېت كېسىلى كۆرۈش تور پەردىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆزنىڭ «كۆرۈنمەس قاتىلى» دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كۆپ ھاللاردا ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ، كۆز ئاغرىمايدۇ، قىزىرىپ قالمايدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتى يېنىك دەرىجىدە تۆۋەنلىگەندە، بىمارمۇ بۇنىڭ ھەممىسى كىچىك نۇقسانلار دەپ سەل قارايدۇ.
كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى غۇۋالىشىش، كۆز ئالدىدىكى قارا كۆلەڭگە لەپىلدەش، كۆرۈش سېزىمىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، كېسەللىك ئۆزگىرىشى ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ. شۇڭا، دىيابېت بىمارلىرىنىڭ قەرەللىك ھالدا كۆز بۆلۈمىگە بېرىپ كۆز تېگىنى تەكشۈرتۈپ، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر ئارىلىشىپ، ھازىرقى كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئىمكانقەدەر ساقلاپ قېلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
Saklik健康网