تاماق يەپ بولۇپ قاچىنى چوقۇم تۆت سائەت ئىچىدە يۇيۇڭ

文摘   2024-10-25 20:18   新疆  


تاماق يېگەن قاچىلاردا تاماقنىڭ قالدۇقلىرى، ماي قالدۇقلىرى بولىدۇ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھورۇنلۇق قىلىپ تاماق يېگەن قاچىلارنى سۇغا چىلاپ قويۇپ ۋاقتىدا يۇمايدۇ، ھەتتا بەزىلەر ئىككى ۋاق تاماقنىڭ قاچىلىرىنى بىللە يۇيىدۇ، لېكىن بۇنداق ۋاقىتتا سىزنىڭ چىلاپ قويغىنىڭىز قاچا ئەمەس بەلكى بىر داس باكتېرىيە!

قاچىلارنى تۆت سائەت ئىچىدە يۇيمىسا باكتېرىيەلەر كۆپ مىقداردا كۆپىيىپ كېتىدۇ

ئىشلىتىپ بولغان قاچىلارنى ئۇزۇن ۋاقىت قويۇپ قويماڭ، چوقۇم تۆت سائەت ئىچىدە پاكىزلاڭ، ئادەتتە باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىدە قانۇنىيەت بار بولۇپ، باكتېرىيەلەر يېڭى مۇھىتقا كىرگەندىن كېيىن تەخمىنەن 4-1 سائەتكىچە ماسلىشىش ۋاقتى بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا باكتېرىيەلەرنىڭ ھەجىمى يوغىنايدۇ، لېكىن سانى كۆپەيمەيدۇ، كېينكى كۆپيىشىكە تەييارلىق قىلىدۇ. تاماق يەپ بولغان قاچىلارنى سۇغا چىلاپ قويغاندا، قاچا يۈزىدىكى قالدۇق مايلار باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىىشگە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ، تۆت سائەتتىن كېيىن باكتېرىيەلەر ناھايىتى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىدۇ، شۇڭلاشقا تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قاچىنى يۇيۇپ پاكىزلاش كېرەك، قازاندا قورۇما قورۇپ بولغاندىن كېيىن ئىسسىق سۇ قۇيۇپ قازاننى يۇيۇش لازىم، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، چاپلاشماس قازانغا نىسبەتەن، قازانغا بىۋاستە سوغۇق سۇ قۇيماسلىق، چوقۇم ئىلمان سۇدا يۇيۇش كېرەك، بولمىسا چاپلاشماس قازان يۈزىدىكى قوغداش قەۋىتى ئاسانلا بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، قاچىنى ۋاقتىدا يۇيۇشتىن باشقا يەنە قاچا يۇيغاندا تۆۋەندىكىدەك خاتالىقلاردىن ساقلىنىش كېرەك.

تاماقتىن كېيىن قاچىلارنى دۆۋىلەپ قويماسلىق

ماي قالدۇقى بار قاچىلارنى دۆۋىلەپ قويغاندا ئۆز-ئارا مىكروبلىنىپ تازىلاش قىيىنلىقى يەنە بىر ھەسسە يۇقىرىلاپ كېتىدۇ، تاماقتىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى قاچىلارنى تۈرگە ئايرىش، يۈزىدە ماي قالدۇقى بارلارنى، يۈزىدە ماي قالدۇقى يوقلىرىنى ئايرىپ يۇيۇش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا پاكىزە يۇيۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

قاچىلارنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن سۈرتۈپ قۇرۇتۇش

قاچا يۇيغاندا مەخسۇس قاچا يۇيۇش لاتىسى ئىشلىتىش، ئەڭ ياخشىسى قاچا يۇيىدىغان، قازان يۇيىدىغان، بۇس تارتقۇنى تازىلايدىغان لاتىلارنى ئايرىم-ئايرىم قىلىش، ھەر ھەپتىدە لاتىلارنى تازىلاش، ئالماشتۇرۇش كېرەك.

قاچىنىڭ ئاستى تەرىپىنى يۇيۇشنى ئۇنۇتماسلىق

قاچا يۇيغاندا بەزى كىشىلەر پەقەت قاچىنىڭ ئىچىنىلا يۇيىدۇ، ئاقىۋەتتە قاچىلارنى دەستىلەپ قويغاندا قاچا ئاستىدىكى مىكروبلار باشقا قاچىغا يۇقۇپ قالىدۇ، شۇڭلاشقا قاچا يۇيغاندا پاكىزە يۇيۇش، قاچىنىڭ تېگىنىمۇ يۇيۇش كېرەك.

قاچىلارنى قەرەللىك دېزىنفىكسىيەلەش

ھازىر نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەردە دېزىنفىكسىيەلەش ئىشكابى بار، لېكىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر پۇل تېجەشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئائىلىدىكى قاچىلارنى دېزىنفىكسىيەلىمەيدۇ، مېھمانلار كەلگەندە ئاندىن قاچىلارنى دېزىنفىكسىيەلەيدۇ، لېكىن بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس، كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ قاچا-قۇچىلارنى ۋاقىتلىق دېزىنفىكسىيەلەپ تۇرۇش كېرەك.

Saklik健康网

Saklik健康网
健康咨询
 最新文章