پەمىدۇرنىڭ بۇ روللىرىنى بىلەمسىز؟

文摘   2024-10-06 22:49   新疆  


پەمىدۇرنىڭ بەش چوڭ ئارتۇقچىلىقى

توكسىن ھەيدەپ چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ.

يېڭى پىشقان پەمىدۇرغا ئاز مىقداردا ئاق شېكەر قوشۇپ، سۈيىنى ئېزىپ چىقىرىپ ھەر كۈنى بىر ئىككى ئىستاكان ئىچىپ بەرگەندە بەدەندىكى توكسىننى ھەيدەپ، تېرىنى تېخىمۇ يۇمران ۋە سىلىق قىلىپ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش رولىنى ئويناپ، قېرىلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

يارىنى پەسەيتىدۇ.

يېنىك دەرىجىدىكى ھەزىم قىلىش خاراكتېرىدىكى يارا بىمارلىرى پەمىدۇر ۋە بەرەڭگىدىن ئېزىپ چىقىرىلغان سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ ھەر كۈنى ئەتىگەن كەچتە بىر قېتىم، بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە، ئاساسي جەھەتتىن دورا يېمەيمۇ داۋاغا ئېرىشەلەيدۇ.

ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۆستۈرىدۇ.

پەمىدۇردا ۋىتامىن ۋە پەمىدۇر قىزىل ماددىسى مول بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۆستۈرىدۇ. كېچە-كۈندۈز تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولغاندا بىر تال پەمىدۇر يېگەندە، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

پەمىدۇرنىڭ باشقا روللىرى:

تۇرمۇش جەھەتتە:

غەيرىي پۇراقنى يوقىتىدۇ.

پەمىدۇرنى سىقىپ چىقارغان شەربىتى توڭلاتقۇدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىدۇ. دەسمالنى پەمىدۇر سۈيىگە چىلاپ توڭلاتقۇنىڭ ئىچىنى سۈرتۈپ ئاندىن ئىلىمان سۇدا بىر قېتىم چايقىۋېتىپ قايتا ئېيتىۋەتسە بولىدۇ.

چىنە يۇيۇش كۆلچىكىدىكى داغلارنى يوقىتىدۇ.

پەمىدۇر سۈيىدە چىنە يۇيۇش كۆلچىكىنىڭ يۈزىدىكى داغلارنى سۈرتكەندە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ئوغۇت ياسىغىلى بولىدۇ.

پەمىدۇردا ئورگانىك ماددا بولۇپ، ئوغۇت ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. پەمىدۇرنى دۆۋىلەپ قويۇپ راسا پىشىپ ئېزىلگىدەك بولغاندا گۈلگە ئوغۇت قىلسا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.

ئائىلىدىكى تەشتەككە بىر قانچە تال پەمىدۇر كۆچىتى تىكىپ قويغاندا ھۆسن قوشۇپلا قالماي، يەنە پاشا ھەيدەيدۇ.

ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش جەھەتتە:

پەمىدۇردا گلۇتاتىئون ۋە تەبىئىي مېۋە يىلىمى مول بولۇپ، گلۇتاتىئون قارا پىگمىنېتنى تىزگىنلەيدۇ، مېۋە يىلىمى بەدەندىكى ئەخلەتلەرنى ئۈنۈملۈك تازلايدۇ.

تېرىنى ئاقارتىپ، داغ يوقىتىدۇ.

پەمىدۇرنى پاكىز يۇيۇپ، سۈيىنى ئېزىپ چىقىرىۋالغاندىن كېيىن، بىر قوشۇق ھەسەل قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، قورۇق ۋە داغ بار ئورۇنغا سۈرتۈپ، 15 مىنۇتتىن كېيىن سۈزۈك سۇدا پاكىز چايقىۋەتسە بولىدۇ.

بەدەننى ئورۇقلىتىدۇ.

پەمىدۇرنى ياپراقچە توغراپ سالات ياساپ كەچلىك تاماق ئورنىدا بىر ئاي داۋاملاشتۇرۇپ يېسە ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

چىشنى پاكىزلايدۇ.

پەمىدۇرنى تەڭ تۆت پارچە كېسىپ، ئېغىزنى چايقىۋېتىپ چىشقا بەش مىنۇت ئەتراپىدا سۈركەپ بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە بارغانسېرى تېرە ئاقارتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

Saklik健康网

Saklik健康网
健康咨询
 最新文章