ئەگەر بەدەندە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلسە،دىيابېت كېسىلىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى، سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
1.قان شېكىرى مۇقىم، تەۋرىنىشى كىچىك بولۇش.
داۋالاش لايىھەسىنى تەڭشىمەسلىك ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، قان شېكىرىنىڭ قىممىتى تەدرىجىي تۆۋەنلىسە، ھەمدە ئۆلچەمگە يەتسە، كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ قان شېكىرى تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلمىسە، بۇ بىمارنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىسى ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بەدەننىڭ قان شېكىرىگە بولغان ئىنكاسى كۈچلۈك بولسا، تەڭشەش-تىزگىنلەش ئىقتىدارىنىڭ تەدرىجىي كۈچەيگەنلىكى، دىيابېت كېسىلىنىڭ ياخشىلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، دىيابېت بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئىستېمال قىلىپ داۋالىغاندا، قان شېكىرىنى ساغلام كىشىلەرنىڭ نورمال دائىرىسى ئىچىدە كونترول قىلىش تەلەپ قىلىنمايدۇ (ئاچ قورساق ھالەتتىكى قان شېكىرى 3.9~6.1 مىللىمېتىر ).
دىيابېت بىمارلىرىنىڭ قان شېكىرىنى كونترول قىلىش نىشانى :
قان شېكىرىنى تۇراقلاشتۇرۇش: ئاچ قورساق ھالەتتىكى قان شېكىرىنى 4.4~7.0 mmol/L ئارىلىقىدا تۇراقلاشتۇرۇش، ئاچ قورساق قان شېكىرى <10. mmol/L.
قان شېكىرىنىڭ تەۋرىنىشى كىچىك:ھەر كۈنى ئەڭ يۇقىرى قان شېكىرى بىلەن ئەڭ تۆۋەن قان شېكىرىنىڭ پەرقى 4.4mmol/Lدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
2.ئاچلىق تۇيغۇسى يېنىكلەپ، بەدەن كۈچلىنىدۇ
قان شېكىرى يۇقىرى كىشىلەر ئادەتتە دائىم قورسىقى ئاچقاندەك ھېس قىلىدۇ، بىر نەرسە يەپ بولغىلى ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، يەنىلا تاماق يېگۈسى كېلىدۇ. چۈنكى، ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىلىرىنىڭ ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرىغاندا، بەدەن قەنتتىن ياخشى پايدىلىنالمايدۇ-دە، ئاسانلا ئاچلىق ھېس قىلىدۇ.
ئەكسىچە، دىيابېت بىمارلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمىكى نورمال بولۇپ، دائىم قورسىقى ئاچقاندەك ھېس قىلمىسا، بۇ ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى، بەدەننىڭ قەنت تۈرلىرىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىمارنىڭ كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
3.ئۇسساش پەسىيىدۇ، كېچىلىك سۈيدۈك ئازلايدۇ
قان شېكىرىنىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇشى دىيابېت بىمارلىرىدا دائىم ئۇسساش، «كۆپ ئىچىش» ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سۇ ئىچىش مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىش، سۈيدۈك مىقدارى كۆپىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
قان شېكىرى تۇراقلاشقاندىن كېيىن، بىمارنىڭ ئېغىز قۇرغاقلىشىش سېزىمىمۇ يېنىكلەپ، سۇ ئىچىش مىقدارى ئازىيىپ، كېچىلىك سىيىش قېتىم سانىمۇ تەبىئىي ھالدا تەدرىجىي ئازىيىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈيدۈك سۈزۈك ياكى سۇس سېرىق رەڭدە كۆرۈنىدۇ. بۇ سىگناللار پەيدا بولغاندا، دىيابېت بىمارلىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يېنىكلىگەنلىكىنى، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
4.ئورۇقلاش ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ، بەدىنىدە مۇسكۇل پەيدا بولىدۇ
دىيابېت كېسىلى بىر خىل خوراش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ئاساسلىقى بەدەندىكى مۇسكۇللارنى خورىتىۋېتىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن دىيابېت بىمارلىرىدا ئورۇقلاش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
يېمەك-ئىچمەك ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق مۇسكۇل مىقدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تۆۋەنلىمەي، ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، بۇ ئاقسىل قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تولۇق سۈمۈرۈلۈپ پايدىلىنىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، مانا بۇ قان شېكىرىنى تۇراقلاشتۇرۇشنىڭ پايدىسىدۇر بۇمۇ بىر ياخشى ئايلىنىشنىڭ باشلىنىشى. شۇڭا، دىيابېت بىمارلىرىنىڭ مۇسكۇل مىقدارىنىڭ ئېشىشى قان شېكىرى يۇقىرى بولۇش ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى، بەدەننىڭ تېخىمۇ جانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
5.پۇت-قولى ئىسسىپ، پۇت-قولى ئۇيۇشۇپ قالمايدۇ
دىيابېت بىمارلىرىدا نېرۋا كېسەللىك ئۆزگىرىشى ۋە مىكرو قان تومۇر كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەندە، ئاسانلا پۇت-قول مۇزلاش، پۇت-قول ئۇيۇشۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بىمارنىڭ پۇت-قولى ئىسسىسا، ئۇيۇشۇش سېزىمى يېنىكلىسە، بۇ قان شېكىرىنىڭ ياخشى كونترول قىلىنغانلىقى، ئەگەشمە كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ياخشىلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
6.ئاشقازان-ئۈچەي ياخشى، قەۋزىيەت بولمايدۇ
دىيابېت بىمارلىرىدا ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى قالايمىقانلىشىش، نېرۋا ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، ئاسانلا ئاشقازان كۆپۈش، ئاشقازان ئاغرىش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق، قەۋزىيەت، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر يېقىنقى مەزگىلدە ئاشقازان-ئۈچەي مەسىلىسى ياخشىلىنىپ، چوڭ تەرەتمۇ نورمال بولسا، بۇ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ياخشى كونترول قىلىنغانلىقىنى، ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ نورمال سۈمۈرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
Saklik健康网