قان شېكىرى قاندىكى گلۇكوزا بولۇپ، ئۇ بىر ھەرىكەتچان سانلىق قىممەت بولۇپ، تاماق يېيىش، دورا يېيىش ۋە ھەرىكەت قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بەدەندىكى مۇناسىۋەتلىك ھورمۇن فاكتورلىرىنىڭ تەڭشىشى ئاستىدا، قان شېكىرىنىڭ تەۋرىنىش دائىرىسى چوڭ بولمايدۇ. ئەمما، قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىتىلىشى نىسپىي ياكى مۇتلەق يېتەرسىز بولغاندا، قان شېكىرى يۇقىرىلاپ كېتىدۇ.
قان شېكىرىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشى پۈتۈن بەدەندىكى كۆپ ئەزالارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، دىيابېت كېسىلى بۆرەك كېسىلى، دىيابېت كېتون كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىش، دىيابېت كېسىلى تۆۋەنكى مۈچە قان تومۇر كېسەللىك ئۆزگىرىشى ۋە دىيابېت مەنبەلىك پۇت كېسىلى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە، پۇت بىر قەدەر ئاسان تەسىرگە ئۇچرايدىغان ئەزا بولۇپ، قان شېكىرى ئۆرلىگەندىن كېيىن، دىيابېت مەنبەلىك پۇت كېسىلى شەكىللىنىدۇ.دىيابېت مەنبەلىك پۇت كېسىلى ئاساسلىقى پۇتتا يارا پەيدا بولغاندىن كېيىن ئاسانلىقچە ساقايمايدۇ، ھەتتا ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن پۇت-قولىنى كېسىۋېتىدۇ.
ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دىيابېت كېسىلى سەۋەبىدىن پۇت-قولى كېسىۋېتىلگەن بىمارلار زەخىملەنمەي پۇت-قولى كېسىۋېتىلگەن بىمارلارنىڭ تەخمىنەن%50 ىنى ئىگىلەپ، بىمارلارغا ناھايىتى زور ئازاب ئېلىپ كەلگەن. تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، دىيابېت مەنبەلىك پۇت كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى تۆۋەندىكى ئۈچ ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بالدۇر ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.
1. بىمارنىڭ ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز بولىدۇ
بىمار دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن بەدەن مېتابولىزم قالايمىقانلىشىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، قاندىكى قەنت ماددىسى باكتېرىيەگە ناھايىتى ياخشى ئۆستۈرگۈچ بېرىپ، بىمارنى ئومۇميۈزلۈك ئاسان يۇقۇملىنىدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
2. قان تومۇر كېسەللىك ئۆزگىرىشى
كۆپچىلىككە مەلۇمكى، يۇقىرى قان قەنتى مۇھىتى قان تومۇر ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئوسموتىك بېسىمنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا قان تومۇردا داغ پەيدا قىلىپ، قان تومۇرلارنىڭ قېتىشىشىنى، ھەتتا توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنى كىلىنىكىدا قان تومۇر كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشى قان تومۇرلارنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىشىگە موھتاج، ئەگەر قان تومۇرلار توسۇلۇپ قالسا، ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، ساقىيىشقا تەسىر يېتىدۇ.
3. نېرۋىنىڭ ئۆزگىرىشى
قان شېكىرى داۋاملىق ئۆرلەپ كەتسە، بىمارنىڭ نېرۋىسىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بېرىپ، پۇتتىكى تەر چىقىرىش نېرۋىسى ئەسلىدىكى ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، پۇت ئىنتايىن قۇرغاقلىشىپ، ئاسانلا ئېپىدېرما چۈشۈپ كېتىدۇ ياكى يېرىلىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سەزگۈ نېرۋىلىرىمۇ تەسىرگە ئۇچراپ، ھەر خىل يارىلارغا سەزگۈر بولماي، ئاسانلا دىيابېت مەنبەلىك پۇت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.
مەيلى نېرۋا كېسىلى بولسۇن ياكى قان تومۇر كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولسۇن، كۆپىنچىسى قان شېكىرىنىڭ داۋاملىق يۇقىرى بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئالدى بىلەن قان شېكىرىنى كونترول قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۆزىنىڭ ئۈچ ۋاق تامىقى، دورا، ھەرىكەت ۋە قان شېكىرىنى كۆزىتىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.
قان شېكىرىنى ياخشى كونترول قىلغاندىلا، ئاندىن دىيابېت مەنبەلىك پۇت كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا،دىيابېت مەنبەلىك پۇت كېسىلىنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىنىڭ بىرى پۇتتا يارا بولۇشى، شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا پۇتنى ياخشى ئاسراش، ئامال بار پۇتنى زەخىملەندۈرمەسلىك كېرەك. شۇڭا بۇ يەردە كۆپچىلىككە ئادەتتە پۇتقا ماس كېلىدىغان يۇمشاق، ئازادە ئاياغ، پايپاقلارنى كۆپرەك كىيىشنى، پۇت يۇيغاندا 38 گىرادۇستىن 40 گىرادۇسقىچە سۇ ئىشلىتىشنى، قىشتا ئىسسىق سۇ خالتىسى ئىشلەتمەي پۇتنى ئىسسىتىشنى، پۇت تىرنىقىنى بەك قىسقا كېسىۋەتمەسلىكنى تاپىلايمەن.
بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، پۇتنى يۇيغاندا «ھەر كۈنى ئىلمان سۇدا پۇتنى يۇيۇش-تەكشۈرۈش-تېرە سىلىقلاش مەلھىمى سۈركەش-پۇت ئۇۋۇلاش-تۆۋەنكى مۈچە ھەرىكىتى» دىن ئىبارەت «بەش قەدەم»نى تاللاپ پۇتنى ئاسراش كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنىڭ ئالاھىدە بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر كىچىك يارا بولسىمۇ، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، بۇ مەزگىلدە شەخسىي تازىلىقنى ياخشى قىلىپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،دىيابېت مەنبەلىك پۇت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
يۇقىرىقى ئامىللاردىن باشقا، بىمار تاماكا تاشلىشى ۋە پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرماسلىقى كېرەك، چۈنكى بۇ ئىككى خىل تەدبىر قان تومۇرلارنىڭ قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پۇتنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئازايتىپ، دىيابېت مەنبەلىك پۇت كېسىلىنى شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، بارلىق شېكەرچى دوستلار ئۆزىنىڭ پۇتىغا دىققەت قىلىشى، قان تومۇر، نېرۋىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان-ئۇچرىمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشى، سىممېتىرىك سېزىم نورمالسىزلىقى، ئۇيۇشۇش ياكى يىڭنە سانجىش سېزىمى بار-يوقلۇقىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈشى كېرەك.
يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، دىيابېت كېسىلى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، دىيابېت مەنبەلىك پۇت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۇزاق مۇددەتلىك قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ھەر قايسى دېيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دوستلار دىيابېت مەنبەلىك پۇت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، كۈندىلىك تۇرمۇشتا،قان شېكىرىنى كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قان شېكىرىنى مۇقىم كونترول قىلىش ئارقىلىق دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەڭ ئاياغ، پايپاق كىيىش، مۇۋاپىق ئىلمان سۇدا پۇتنى يۇيۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىككى پۇتنى قوغداپ، پۇتنىڭ زەخىملىنىشىنى ئازايتىش كېرەك. ئەڭ مۇھىمى ۋاقتىدا كۆزىتىپ، قان تومۇر نېرۋا كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق، دىيابېت كېسىلى پۇت تەمرەتكىسىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
Saklik健康网