نېمە ئۈچۈن ئادەم قاتتىق ئۇخلاۋاتقاندا پۇت-قول ئۇيۇشۇپ قالىدۇ؟

文摘   2024-08-30 22:18   新疆  


كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىزنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىمىز كەچ سائەت 10 دىن سائەت 11 گە سۈرۈلدى. ھەر كۈنى ئىشقا بارىدىغان ۋاقتىمىز قىسقا سائەت توققۇز ئەتراپىدا، بىز ئومۇميۈزلۈك يەتتە سائەتتىن سەككىز سائەتكىچە ئۇخلايمىز. لېكىن، كۆپ ھاللاردا ئۇيقۇمىزدا ئاسانلا مەسىلە كۆرۈلىدۇ، ئۇلار ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھەتتا بىز ئۇخلىغاندا پۇت-قوللىرىمىز ئۇيۇشۇپ قېلىش مەسىلىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ مەسىلىنىڭ يۈز بېرىشى سالامەتلىكىمىزگە ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇڭا بىز بۈگۈن ئۇخلىغاندا دائىم پۇت-قوللىرىمىز ئۇيۇشۇپ قالىدىغان ئەھۋالنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.

ئۇخلىغاندا دائىم پۇت-قول ئۇيۇشۇپ قالىدىغان ئەھۋال زادى قانداق ئىش؟

قاندىكى ماي مىقدارى بەك يۇقىرى بولۇش. ئەگەر بەدىنىمىزدىكى قاندىكى ماي بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، پۇت-قولىمىز ئاسانلا ئۇيۇشۇپ قالىدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ يۈز بېرىشىدىكى سەۋەپ بولسا، قاندىكى ماي بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەندە قان تومۇر شىللىق پەردىسى ناھايىتى قېلىن بولۇپ كېتىدۇ، تەبىئىيلا بىزنىڭ ماددا ئالمىشىشىمىز ئاستىلايدۇ.

بۇنىڭ سالامەتلىكىمىزگە بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن قان تومۇرلار ئاستا-ئاستا توسۇلۇپ قېلىش مەسىلىسى كۆرۈلۈپ، پۇت- قوللىرىمىز ئۇيۇشۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا بىز قاننىڭ بەك يېپىشقاق بولۇپ كېتىشىدىن، قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. بىز ئىشنى يېمەك- ئىچمەكتىن باشلاپ، يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىپ، يېڭى كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ، قاندىكى ماينى كونترول قىلساق سالامەتلىككە پايدىلىق.

ئومۇرتقىنى بېسىۋالغاندا بويۇن ئومۇرتقىسى نورمالسىزلىشىپ، پۇت-قوللىرىمىز ئۇيۇشۇپ قېلىشى مۇمكىن. كۆپىنچە ھاللاردا بويۇن ئومۇرتقىمىز بېسىمغا ئۇچراپ، قان بارا-بارا توسۇلۇپ، پۇت قوللىرىمىز ئۇيۇشۇپ قالىدۇ.

شۇڭا، ئەگەر بىزدە قان تومۇر توسۇلۇش، بويۇن ئومۇرتقىسى بېسىلىپ قېلىش مەسىلىسى كۆرۈلسىمۇ، پۇت-قوللىرىمىز ئۇيۇشۇپ قېلىشى مۇمكىن. كۆپچىلىكنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بويۇن ئومۇرتقىسىدا مەسىلە كۆرۈلۈپ بېسىمغا ئۇچرىشى، ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ كومپيۇتېر ئوينىغان چاغدىكى، يانفون ئوينىغاندىكى قىياپىتىمىزنىڭ توغرا بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭۇ ئادەتتە يانفون بىلەن كومپيۇتېرنى ئاز ئويناش سالامەتلىكىمىزگە ناھايىتى پايدىلىق.

مېڭە تىقىلمىسى پەيدا بولۇپ، قان تومۇر توسۇلۇپ قېلىش. كۆپ ھاللاردا مېڭە تىقىلمىسى پەيدە بولسا قان تومۇردىكى قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بۇ چاغدا باش قېيىش، باش ئاغرىش، قۇسۇش، پۇت-قول ئۇيۇشۇپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن. پۇت-قولىمىز ئۇيۇشۇپ قالىدىغان ئەھۋال دائىم كۆرۈلسە، بىز بالدۇرراق ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. مېڭە تىقىلمىسىنىڭ يۈز بېرىشى بىزنىڭ پۇت-قولىمىزنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشى ۋە قان يېتىشمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن.

Saklik健康网

Saklik健康网
健康咨询
 最新文章