ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كەتسە قانداق يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك؟

文摘   2024-09-17 22:27   新疆  


بەدەن ئاجىزلەپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟ تۇرمۇشتا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تېنى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ھەر خىل كېسەللىكلەر ئارقا-ئارقىدىن ئىزدەپ كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش سۈپىتى ناچارلىشىپ، بەخت تۇيغۇسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بەدەن ئاجىزلاش جۇڭگو تىبابىتىدىكى ئاتالغۇ بولۇپ، غەرىپ تىبابىتىدە ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىش دىيىلىدۇ. جۇڭگو تىبابىتى بولسۇن مەيلى غەرب تېبابىتىدە بولسۇن، ھەممىسى شۇنى ئېنىق بىلدۈرىدۇكى، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كەتسە (ياكى تېنى ئاجىزلاپ كەتسە)، ئۇنداقتا ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، مەسىلەن، دائىم كۆرۈلىدىغان زۇكام، قىزىش، ئىشتىھاسى تۆۋەنلەپ كېتىش، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، ھەتتا قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى، ئۆسمە قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ئىممۇنىتېت كۈچى ئىنتايىن مۇھىم.

ئۇنداقتا ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كەتسە قانداق تەڭشەش كېرەك؟ دوختۇر تۆۋەندىكى بەش ئىشنى كۆپرەك قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى.

1. يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش

نۇرغۇن كىشىلەر ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ئۈچۈن تۈن بويى كىرپىك قاقمايدۇ ياكى يانفون ئويناپ تۈن بويى كىرپىك قاقماسلىق سەۋەبىدىن ئۇيقۇ يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى ۋە پۈتكۈل ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا تەسىر يېتىپ، ئىممۇنىتېت كۈچى تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ. ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تۈنەشكە بولمايدۇ، يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 7-8 سائەت ئۇخلاش كېرەك، بۇنداق بولغاندا كۈندۈزى چارچىغان ھەر قايسى ئەزا ۋە سىستېمىلار يېتەرلىك ئارام ئالىدۇ. تەجرىبىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېتەرلىك ئۇيقۇ قاندىكى T لىمفا ھۈجەيرىسى ۋە B لىمفا ھۈجەيرىسىنى كۆرۈنەرلىك كۆپەيتىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن.

2. يېمەك-ئىچمەك ساغلاملىقى

ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئاچكۆز، يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، شۇڭا دائىم بەزى «ئەخلەت يېمەكلىكلەر»نى يەيدۇ، يەنە بەزى كىشىلەر كۈچىنى تېجەش ياكى ۋاقىت قوغلىشىپ تەييار چۆپ يەيدۇ. بۇ «ئەخلەت يېمەكلىكلەر» ۋە تەييار چۆپنىڭ تەركىبىدە نۇرغۇن خۇرۇچ بار بولۇپ، سالامەتلىككە بەزى زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تاماق تاللاش، ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېيىش، تاماق ۋاقتى قانۇنىيەتلىك بولماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئادەم بەدىنىنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، پۈتكۈل ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەك ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، يېڭى مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىش، «ئەخلەت يېمەكلىك» ۋە تەييار چۆپنى ئاز يېيىش ياكى يېمەسلىك كېرەك.

3. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش

شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ھاياتلىق ھەرىكەتتە دىگەن سۆزنى ئاڭلىغان. ھالبۇكى، ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ خىزمىتى ئالدىراش ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەرىكەت مىقدارى ئازلاپ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ. ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇۋاپىق ھەركەت قىلىش كېرەك، مەسىلەن، ئاستا يۈگۈرۈش، يوگا مەشىق قىلىش، تەيجى گۇمپىسى ئويناش، گىمناستىكا ئويناش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ياخشى تاللاش بولالايدۇ. ئەگەر ۋاقىت يېتەرلىك، جىسمانىي كۈچ بىر قەدەر ياخشى بولسا، توپ ئوينىسىمۇ بولىدۇ، ئۇزاق مۇددەت بەرداشلىق بەرسە، ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ.

4. ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش

تەشۋىشلىنىش، جىددىيلىشىش، چۈشكۈنلىشىش قاتارلىق كەيپىيات ئادەمنىڭ ۋېگېتاتىۋ نېرۋىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەلۋىلىشىش كېسىلى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىپ، ئىممۇنىتېت سېستېمىسىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا تېخىمۇ چوڭ كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش كېرەك.

5. جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى

جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات ۋە ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق، قەدىمدىن ھازىرغىچە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بەدەن ئاجىزلاشقاندا، جۇڭگو تېبابىتى بويىچە داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللانغاندا بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ ھۇجۇمىغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرغىلى، «ساقايمىغان كېسەللىكلەر»نى داۋالاپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، شۇنداقلا تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى قوشۇمچە داۋالاپ، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەسەيتىپ، سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ.

قىسقىسى، يۇقىرىقى بەش ئىشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرساق، ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنى ئاشۇرۇرالايمىز.

Saklik健康网

Saklik健康网
健康咨询
 最新文章