ئەگەر قايسى كۆكتاتنىڭ تەمىنى ئادەم قوبۇل قىلالمايدۇ دېيىلسە، ئالدى بىلەن پىيازنىڭ نامى چىقىشى مۇمكىن، قانداقلا بولمىسۇن بەزى كىشىلەر پىيازنىڭ ئۆزگىچە تەمنى قوبۇل قىلالمايدۇ. گەرچە ئۇنىڭ پۇرىقى بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق كۆكتات، بۇنىڭدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە زادى قانداق پايدىسى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەيلى.
يۈرەك قان تومۇرلارنى قوغداش رولى بار
پىيازنىڭ تەركىۋىدىكى ئورگانىك گۈڭگۈرت قان نۆكچىسىگە قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، قان پلاستىنكىلىرىنىڭ ئۇيۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق، يەنە خولېستېرىن ۋە ترىگلىتسېرىدنىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ. مول بولغان فلاۋوننىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، يۈرەك سانجىقى ۋە مېڭىگە قان چۈشۈش قاتارلىق يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.
قان بېسىمى ۋە قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش رولى بار
پىياز تەركىۋىدە ئاللىي دىسۇلفۇدې، ئامىنو ئاكېد قاتارلىق ماددىلار بار بولۇپ، بۇ ماددىلار باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش رولىغا ئىگە. ئۇنىڭ ئۈستىگە پروستاگلاندىن A قان ئېرىش تالا ئاقسىلىنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ، قان تومۇرلارنى يۇمشىتىپ، قان سۇيۇقلۇقىنى تازىلاش، قاندىكى ماينى ۋە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
راكقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە
پىيازنىڭ ئاق، سۆسۈن ۋە سېرىق رەڭلىك تۈرلىرى بار بولۇپ، سۆسۈن رەڭلىك پىيازنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى، ئۇنىڭ تەركىۋىدە سىئانىن بار بولۇپ، ئۇ ئوكسىدلىنىشقا قارشى كۈچلۈك ماددا بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنى قوغداپ، بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاشقا پايدىلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇشچانلىقى راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.
پىياز يېيىشكە ماس كەلمەيدىغان كىشىلەر
سۆسۈن رەڭلىك پىياز چۈرۈك، ئاچچىقراق بولۇپ، تېز قورۇشقا ماس كېلىدۇ؛ سېرىق ۋە ئاق پوستلۇق پىيازنىڭ سۇ تەركىبى ۋە تاتلىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، سوغۇق سەي ياكى كۆكتات سالاتى قىلىشقا ماس كېلىدۇ؛
پىياز قاندىكى ماي، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغان بولغاچقا، يۈرەك قان تومۇرلىرىغا پايدىلىق، شۇڭا يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا پىياز ئىستېمال قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز؛
پىياز ئاچچىق غىدىقلايدىغان يېمەكلىككە تەۋە بولۇپ، ئاشقازاننى غىدىقلاش كۈچى بىر قەدەر چوڭ، شۇڭا ئاشقازان يارىسى بىمارلىرى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.
Saklik健康网