تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى سالامەتلىككە ئېغىر تەھدىت سالىدىغان يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى بولۇپ، «دۇنيا دەرىجىلىك تاجىسىمان ئارتېرىيە ئاپىتى» دەپ ئاتىلىدۇ. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئومۇمىي ئۆلگەنلەرنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ؛ دۆلىتىمىزدە كېسەل بولۇش نىسبىتى ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ كەلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەل بولۇش يېشى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. تۆۋەندىكى بىر قىسىم تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر.
1-سوئال: تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى زادى قەيەردە كۆرۈلىدۇ؟
قان تومۇرلار پۈتۈن بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالارغا تارقالغان بولۇپ، بىر مىنۇتمۇ توختىماستىن ئادەم بەدىنىگە «ئوزۇقلۇق» توشۇيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يۈرەكنى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان ئارتېرىيە تاجىسىمان ئارتېرىيە دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تاجىسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، قان تومۇر بوشلۇقى تارىيىپ ياكى توسۇلۇپ قېلىپ، يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىك، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ياكى نېكروزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ تاجىسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ، قىسقارتىلىپ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان يۈرەك كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
2-سوئال: تاجىسىمان ئارتېرىيە قېتىشىش قانچە ياشتا باشلىنىدۇ؟
ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش بىر خىل سىستېمىلىق قان تومۇر كېسەللىكى بولۇپ، ئۇ خۇددى قان تومۇرغا يوشۇرۇنغان قاتىلغا ئوخشايدۇ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك تىقىلمىسى قاتارلىقلار ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ناھايىتى ئاستا، يوشۇرۇن بولىدۇ، لېكىن ئۇزاق مۇددەت ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ، شۇڭا دەسلەپكى مەزگىلدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتالمايدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئادەتتە 20 ياش ئەتراپىدا مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى تۆۋەنلەشكە باشلايدىكەن، 40 ياشتىن كېيىن تەدرىجىي روشەنلىشىدىكەن، 50 ياشتىن كېيىن دەسلەپكى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن. نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارنى ساقلاپ، دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئارتېرىيە قېتىشىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى بالىلىق مەزگىلىدىن باشلاپ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
3-سوئال: تاجىسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش كېسىلى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىمۇ؟
ئۇنداق بولۇشى ناتايىن. تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە دىئاگنوز قويۇشتا، تار بولۇشنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپلا دىئاگنوز قويۇشقا بولمايدۇ، ئەڭ مۇھىمى يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىك ياكى نېكروزلىنىش بار-يوقلۇقىغا قاراش كېرەك. بەزى كىشىلەردە تاجىسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش كېسىلى بولسىمۇ، لېكىن ئازراقمۇ كېسەللىك ئالامىتى يوق، ئېلېكتروكاردىئوگراممىدا يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىكنىڭ ئىپادىسى يوق، دىئاگنوز قويۇپ تەكشۈرۈشمۇ نورمال، بۇ خىل ئەھۋالدا قان تومۇرلاردا داغ پارچىلىرى ياكى تارىيىش بولغان ھالەتتىمۇ، يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىكنىڭ ئىپادىسى بولمايدۇ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ.
4-سوئال: تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ قايسى تۈرلىرى بار؟
غەرب تېبابىتىدە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى تاجىسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش، يۈرەك سانجىقى، يۈرەك تىقىلمىسى، يۈرەك زەئىپلىشىش ۋە كەم قانلىق يۈرەك مۇسكۇل كېسىلى دەپ ئايرىلىدۇ.
5-سوئال: يۈرەك سانجىقى، يۈرەك تىقىلمىسى ۋە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
قاتتىق قىلىپ ئېيتقاندا، يۈرەك سانجىقى ۋە يۈرەك تىقىلمىسىنى كېسەللىك دېگىلى بولمايدۇ. يۈرەك سانجىقى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىدىكى مۇھىم كېسەللىك ئالامىتى، يۈرەك تىقىلمىسى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئەڭ ئېغىر ئاقىۋىتى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، يۈرەك سانجىقى، يۈرەك تىقىلمىسى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى تەرەققىياتىنىڭ ئوخشىمىغان باسقۇچى ياكى ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى ئىپادىسى.
6-سوئال: تاماكا چەكمىسە، ھاراق ئىچمىسە، نېمە ئۈچۈن تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ؟
بۇ بەلكىم جىنس، ياش، ئىرسىيەت قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
مەسىلەن، ئاياللار ھەيز توختاشتىن ئىلگىرى ئانىلىق ھورمۇننىڭ قوغداش رولى ئاستىدا، ئېغىر تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە ناھايىتى ئاز گىرىپتار بولىدۇ، لېكىن ھەيز توختاشتىن ئىبارەت بۇ سۇ مەنبەسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزاق مۇددەت ئېغىر خىزمەت قىلىش، ئاسان ھاياجانلىنىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، يۇقىرى مايلىق، يۇقىرى تۇزلۇق، يۇقىرى قەنتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرمۇ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىللاردۇر.
7-سوئال: تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا قانداق دورا يېيىش كېرەك؟
تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا بىلەن داۋالىنىپ، قان يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرىنى كونترول قىلىپ، يۈرەك تىقىلمىسى ۋە ئۆلۈش خەۋپىنى ئازايتىشى كېرەك. مەسىلەن، بىر خىل ياكى ئىككى خىل قان پلاستىنكىسىغا قارشى دورىلار، β قوبۇل قىلغۇچى تەنچىنى توسقۇچى دورىلار، تاتىن تۈرىدىكى دورىلار ۋە ئانگىئوتېنسىن ئالماشتۇرۇش ئېنزىمىنى تورمۇزلىغۇچى دورىلار ياكى ئانگىئوتېنسىن قوبۇل قىلغۇچى تەنچىنى توسقۇچى دورىلارنى ئىستېمال قىلىش.
8-سوئال: تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بولۇپ قالسا، قانچىلىك ۋاقىتتا بىر قېتىم قايتا تەكشۈرتۈش كېرەك؟
تۇنجى قېتىم دورا ئىشلەتكەن بىمارلارغا 1~2 ئايدىن كېيىن بىر قېتىم دوختۇرخانىغا بېرىپ قايتا تەكشۈرتۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بىر تەرەپتىن دوختۇر قاندىكى ماي مىقدارىنىڭ ئۆلچەمگە يەتكەن-يەتمىگەنلىكىگە قاراپ، دورا ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى باھالايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن دورا ئىشلەتكەندىن كېيىنكى بىخەتەرلىكىگىمۇ قارايدۇ. ھالىتى بىر قەدەر مۇقىم بولغان بىمارلارغا نىسبەتەن، 3~6 ئايدا بىر قېتىم قايتا تەكشۈرتۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، دوختۇر كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىدۇ. يېڭىدىن كۆۋرۈك سېلىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغان بىمارلار دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئىككى ھەپتىدىن تۆت ھەپتىگىچە قايتا تەكشۈرتىشى كېرەك.
9-سوئال: دورا يېمىسە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى يېنىكلەتكىلى بولامدۇ؟
تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا چوقۇم دورا بىلەن داۋالاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، لېكىن تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش ئەڭ مۇھىم. كېسەل بولۇپ قالغانلارمۇ ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى، ھاراق-تاماكىنى تاشلىشى، قانۇنىيەتلىك چېنىقىشى كېرەك؛ قان بېسىمىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، كۆڭۈلدىكىدەك قان بېسىمى 120/80 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى بولۇش؛ قاندىكى ماينىڭ نورماللىقىنى ساقلاش، ماي تەركىبى تۆۋەن يېمەك-ئىچمەك؛ قان شېكىرىنىڭ نورماللىقىنى ساقلاپ، دىئابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ كەيپىياتىڭىز تىنچ بولسۇن، ئۆزىڭىزگە بەك چوڭ بېسىم قىلىۋالماڭ؛ ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىڭ.
10-سوئال: ئوپېراتسىيە قىلىپ يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولامدۇ؟
نۆۋەتتە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى داۋالايدىغان ئوپىراتسىيىدىن ھالقىسىمان تاجىسىمان ئارتېرىيە شارچە خالتىسىنى كېڭەيتىش ئوپىراتسىيىسى، ھالقىسىمان تاجىسىمان ئارتېرىيە تىرەك قويۇش ئوپىراتسىيىسى ۋە تاجىسىمان تومۇرغا كۆۋرۈك سېلىش ئوپىراتسىيىسى قاتارلىقلار بار. ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش ئارقىلىق پەقەت كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلغىلى ۋە يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە دورا بىلەن داۋالاشتا چىڭ تۇرۇپ، كېسەللىكنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
Saklik健康网