نۇرغۇن كىشىلەر دائىم ئۆزىنىڭ ئېغىز پۇراش مەسىلىسىدىن ئەنسىرەيدۇ، پىسخىكىدا ھەتتا ئېغىز پۇراشتىن قورقۇش كېسىلى دېگەن مەخسۇس ئىسىم بار. بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، مەلۇم بىر چىش كېسەللىكلىرى شىپاخانىسىنى زىيارەت قىلغان بىمارلارنىڭ %80 ئۆزىدە ئېغىز پۇراش كېسىلى بار دەپ قارىغان، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئىچىدە %24 كىشىنىڭ ئېغىزى پۇرايدىكەن.
كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىدىن ھەددىدىن زىيادە ئەندىشە قىلىشىدىكى سەۋەب، بەلكىم بىز ئۆزىمىزنىڭ ئېغىز پۇرىشىنى پۇرىيالماسلىقىمىز مۇمكىن. شۇڭا ھەر قېتىم باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا، قارشى تەرەپنىڭ سەسكېنىپ قېچىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىمىز.
بىز نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ئېغىزىدىكى پۇراقنى پۇرىيالمايمىز؟ كىشىلەر بۇ ھەقتە نۇرغۇن پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىر خىل نەزەرىيەنىڭ قارىشىچە، بىز ئۆزىمىزنىڭ پۇرىقىغا تولۇق كۆنۈپ قالدۇق، خۇددى بىز دەۋاتقان «سەدەپ ئارىسىدا ئۇزاققىچە تۇرۇپ، سېسىق پۇراقنى بىلمىگەن» گە ئوخشاش.
يەنە بىر خىل نەزەرىيە كىشىلەرنىڭ گەپ قىلغاندىكى نەپەسلىنىش ئۇسۇلى ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدۇ دەپ قارايدۇ. گەپ قىلغاندا، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئارقا قىسمى تېخىمۇ كۆپ ئارىلىشىدۇ، بۇ ئورۇن ئېغىز پۇراشنىڭ مەنبەسى.
يەنە بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئاغزىدىن چىققان پۇراقنى ياكى بۇرنىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پۇراقنى پۇرىيالماسلىقنى باشقىچە چۈشەندۈردى: چوڭ مېڭە ئاپتوماتىك ھالدا بۇرۇن بوشلۇقى بىلەن ئەڭ يېقىن پۇراق مەنبەسى ئارىسىنى توسۇپ قويىدۇ، بولمىسا بىزنىڭ بۇرنىمىزغا ئۆز تىنىقىمىز تولۇپ، باشقا پۇراقلارنى بىلگىلى بولمايدۇ.
يېقىندا بەزىلەر يەنە بىر خىل چۈشەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى: بەلكىم ئېغىز پۇرىقى ئۇنچە «كۈچلۈك» بولماسلىقى مۇمكىن، چىقىرىش، يەنە سۈمۈرۈش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بۇرنى تەرىپىدىن سېزىشكە ئۈلگۈرمەيلا ھاۋاغا تارقىلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر سىز يەنە باشقا بىر ئادەمگە قاراپ پۈۋلىسىڭىز، قارشى تەرەپ سىزنىڭ ئېغىزىڭىزدىكى سېسىق پۇراقنى پۇرىيالايدۇ، چۈنكى ئۇ «نەپەس چىقىرىش» جەريانىنى باشتىن كەچۈرمىگەن، پۇراق بۇ جەرياندا تارقىلىشقا ئۈلگۈرمەي، بىۋاسىتە قارشى تەرەپ تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدۇ.
ئۇنداقتا، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئېغىزىنىڭ پۇرايدىغان-پۇرىمايدىغانلىقىمىزنى قانداق بىلىمىز؟ سىز ئاۋال بېغىشىڭىزنى يالاپ بېقىڭ، ئاندىن پۇراپ بېقىڭ؛ ياكى ئەينەككە قاراپ تىلىڭىزنى تەكشۈرۈپ، ئۈستىدە تىل گېزى بار-يوقلىقىغا قاراپ بېقىڭ. كەسپىي ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، ئۆزى سايمان سېتىۋېلىپ ئۆلچەپ باقسىمۇ، چىش دوختۇرىنى تېپىپ ئېغىز پۇراشنى تەكشۈرتسىمۇ بولىدۇ.
Saklik健康网