جىسمانىي ھەرىكەت سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى يۈرەك كېسىلى، سەكتە ۋە بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىق كېسەللىك خەۋپ-خەتىرىنىڭ يۇقىرى بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، لېكىن نۆۋەتتە جىسمانىي ھەرىكەت مىقدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشى مەلۇم كىشىلەر توپىنىڭ ئۆمرىنى قانچىلىك دەرىجىدە قىسقارتىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.
يېقىندا «ئەنگلىيە تەنتەربىيە مېدىتسىناسى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيەدىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 2003-2006-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئامېرىكىلىق 40 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر توپىنىڭ ھەرىكەت ئىز قوغلاش ئۈسكۈنىسى خاتىرىلىگەن سانلىق مەلۇماتلار، ئامېرىكا نوپۇس تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ 2019-يىلىدىكى نوپۇس سانلىق مەلۇماتى، شۇنداقلا 2017-يىلىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئامىللار تۈپەيلىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سەھىيە ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسەن، جىسمانىي ھەرىكەت بىلەن ئۆمۈرنىڭ مۇناسىۋىتى تەھلىل قىلىنغان.
تەتقىقاتچىلار ئەۋرىشكىدىكى كىشىلەر توپىنى 4 دەرىجىگە (Q1~Q4) ئايرىغان بولۇپ، بۇلار ئەڭ ئاكتىپ بولمىغان كىشىلەر توپىدىن ئەڭ ئاكتىپ كىشىلەر توپىغىچە بولغان ئوخشىمىغان دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بايقىشىچە، يېشى 40تىن ئاشقان كىشىلەر ئەگەر ھەر كۈنى بىر سائەت ئارتۇق پىيادە ماڭسا، ئۆمۈرنى ئۈچ سائەت ئۇزارتقىلى بولىدىكەن. ئەگەر 40 ياشتىن ئاشقانلار ئالدىنقى %25 ئادەم (Q4 دەرىجە)گە ئوخشاش جىسمانىي ھەرىكەت ئېلىپ بارالىسا (ھەر كۈنى سائىتىگە 4.8 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن 160 مىنۇت ماڭغانغا باراۋەر)، ئۇ ھالدا، ئۇلار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەش يىل ئارتۇق ياشىيالايدۇ.
تەتقىقاتتا يەنە بايقىلىشىچە، ھەرىكەتنىڭ ئاكتىپ ئەمەس كىشىلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئەڭ چوڭ بولىدىكەن، يەنى ھەر كۈنى بىر سائەت پىيادە مېڭىش ئۇلارنىڭ ئۆمرىنى ئالتە سائەت ئۇزارتىدىكەن. بىراق، جىسمانىي ھەرىكەتنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۆمۈرنىڭ ئۇزىراش نىسبىتى ئازىيىدۇ. بۇ تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جىسمانىي ھەرىكەت كەمچىل بولۇشنىڭ بەدىلى ئىلگىرىكى مۆلچەردىن كۆپ چوڭ ئىكەن.
Saklik健康网