ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئېلىمىزدە ھەر بەش قۇرامىغا يەتكەن ئادەم ئىچىدە بىر يۇقىرى قان بېسىم بىمارى بار بولۇپ، ئىرسىيەت، تۈنەش، يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭ بولماسلىق، روھىي بېسىم قاتارلىق ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئامىللىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ قالدى.
ئەمەلىيەتتە، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ كۆپچىلىكنى ئەندىشىگە سېلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇ يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، سەكتە بىلەن ئۆلگەنلەر ئىچىدە يۇقىرى قان بېسىمى بارلار %51نى ئىگىلەيدىكەن، يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ %45ى يۇقىرى قان بېسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر يۇقىرى قان بېسىمنىڭ خەتىرىگە دىققەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن دىياگنوز قويۇلغانلار ئىچىدە، نەچچە يۈز ئادەم ھەر كۈنى تابلېتكا يەپ قان بېسىمىنى كونترول قىلىدىكەن. لېكىن ئۇلار ئادەتتە پەقەت بىرلا خىل دورا ئىچىدۇ، پەقەت يېرىمغا يېقىن بىمارلا قان بېسىمىنىڭ ساغلام سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرەلەيدۇ، بۇ تېخى دورا يېمىگەن يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ يېقىندا ئامېرىكا فىزىئولوگىيە ژۇرنىلى «ئىچكى ئاجراتما ۋە مېتابولىزم» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە مۇنداق تەكلىپ بېرىلگەن: كۆپچىلىك يېمەك-ئىچمەكتىن باشلىسا بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈنۈمى بەزىدە قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئىچكەندىنمۇ ياخشى بولىدۇ.
يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىغا نىسبەتەن، يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش جەھەتتە ئەڭ كۆپ ئاڭلىنىدىغىنى تۇزنى ئاز يېيىش، بۇ قان بېسىمنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، چۈنكى تۇزنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ناترىي خلورىد بولۇپ، ناترىي ئىئونى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنسا، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىش. شۇڭا، ناترىينىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى. لېكىن ھازىر ئىسپاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېمەكلىكتىكى كالىي ئىيونىنىڭ كۆپىيىشى يۇقىرى قان بېسىمغا ئوخشاشلا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، يېمەك-ئىچمەكتە كالىي مىقدارى يۇقىرى بولغاندا، بۆرەك تېخىمۇ كۆپ تۇز ۋە سۇ ئاجرىتىپ چىقىرىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن كالىينىڭ چىقىرىلىشى كۆپىيىدىكەن، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرغۇچى دورىلارغا ئوخشاش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ، بەدەندىكى ناترىي ئىئونلۇق سۇنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدىكەن. تۆۋەندىكى ئۈچ خىل يېمەكلىك تەركىبىدە كالىي ئىئونى مول بولغاچقا، مۇتەخەسسىسلەر تەۋسىيە قىلىدۇ.
بۇ ئۈچ خىل يېمەكلىكنى ھەر كۈنى يېگەندە، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە تېخىمۇ پايدىلىق
1. بانان
بانان يېيىشنىڭ پايدىسى بەدەندىكى ناترىي، كالىي ۋە كىسلاتا-ئىشقار تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، نېرۋا، مۇسكۇللارنىڭ نورماللىقىنى ساقلاپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىشىنى ماسلاشتۇرىدۇ، شۇڭا ھەر كۈنى 3-5 تال بانان يەپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرىغا پايدىلىق.
2. تاتلىقياڭيۇ
تاتلىقياڭيۇنىڭ تەركىبىدىكى كالىي مىقدارى ئالما، ئاپېلسىنلارنىڭكىدىن يۇقىرى، ھالبۇكى، يۇقىرى كالىي، تۆۋەن ناترىي سۇ، ئېلېكترولىتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەپ، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق.
3. پالەك
پالەكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول، ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن، تالا تەركىبى يۇقىرى، تەركىبىدە فولىك كىسلاتاسى، كالىي ۋە ماگنىي بار بولۇپ، يۈرەك ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ ئېلېمېنتلار قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، يۈرەك ساغلاملىقىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
يېمەك-ئىچمەكتىن باشقا، زۆرۈر ھەرىكەتلەرمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ بەش كىلوگىرام ئۆزگىرىشى قان بېسىمىنىڭ روشەن ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا يېتىدىكەن. قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ھەر كۈنى ياكى كۆپ قىسىم كۈنلەردە ئاز دېگەندە 30 مىنۇت بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ئەگەر 30 مىنۇتقا يەتمىسە، 10 مىنۇت بەدەن چېنىقتۇرۇشمۇ مۇۋاپىق.
Saklik健康网