ئامېرىكا قوشما ئىشتات خەلقئارا ئاگېنتلىقى تور بېكىتىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، كىشىلەر كوففېئىننىڭ قان بېسىمى ۋە يۈرەك رىتىمىغا بولغان زىيانلىق تەسىرىگە بارغانسېرى قىزىقىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھىندىستانلىق تېببىي ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرغان نەنسى كاگاتارا كوففېئىننىڭ يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىغا قانداق زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدەندى.
كېيىن، كاگاتارا ئۆزى يېتەكچىلىك قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا، بىر ھەپتىنىڭ كۆپ قىسىم كۈنلىرىدە كۈنىگە 400 مىللىگرامدىن ئارتۇق كوففېئىن ئىچسە، ساغلام كىشىلەرنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بايقىغان.
كاگاتارا ۋە باشقا تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى دوكلاتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىدا مۇنداق دەپ يازغان: «كوففېئىن ۋە تەركىبىدە كوففېئىن بولغان ئىچىملىكلەرنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا، ئاۋتونومىك نېرۋا سىستېمىسى كوففېئىننىڭ تەسىرىگە سەزگۈر بولۇپ، يۈرەك رىتىمى ۋە قان بېسىمى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ داۋاملىق ئۆرلەيدۇ.»
بۇ تەتقىقاتتا، تەتقىقاتچىلار ئىختىيارىي ئەۋرىشكە ئېلىش ئارقىلىق 18 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان 100 نەپەر ساغلام ئادەمنى قوبۇل قىلغان. تەتقىقاتچىلار قاتناشقۇچىلارنىڭ قان بېسىمى ۋە تومۇر سوقۇشىنى ئۆلچەپ، ئىجتىمائىي نوپۇس ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتى ۋە كۈندىلىك كوففېئىن قوبۇل قىلىش مىقدارىنى توپلىغان.
ئارقىدىن، قاتناشقۇچىلار ئۈچ مىنۇت قەدەم سىنىقى قىلغان ھەمدە سىناقتىن بىر مىنۇت بەش مىنۇت كېيىن قان بېسىمى ۋە يۈرەك رىتىمىنى ئۆلچىگەن.
قاتناشقۇچىلار ئىچىدە %19.6 ئادەم ھەر كۈنى 400 مىللىگرامدىن ئارتۇق كوففېئىن ئىستېمال قىلغان، بۇ 4-5 ئىستاكان قەھۋەگە باراۋەر.
تەتقىقاتتا، ھەر كۈنى كوففېئىننىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى 600 مىللىگرامدىن ئېشىپ كەتسە، ئۈچ مىنۇتلۇق قەدەم سىنىقىغا قاتنىشىپ، بەش مىنۇت ئارام ئالغاندىن كېيىن يۈرەك رىتىمى ئۆرلەش (مىنۇتىغا 100 قېتىم) ۋە قان بېسىمى ئۆرلەش (mmHg140/90) بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
بۇ تەتقىقاتقا قاتناشمىغان ئامېرىكا ئوكلاخوما داشۆسى داۋالاش سىستېمىسى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئوسمان باربېر مۇنداق دېدى: «ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ تەتقىقات كوففېئىننىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنىڭ مەلۇم مىقداردىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى، بۇ ھەقىقەتەن يۈرەك رىتىمى ۋە قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ، كوففېئىننىڭ بىر خىل روھلاندۇرغۇچى دورا ئىكەنلىكىنى ئويلاشقاندا، بۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرمايدۇ. بىراق، ئۇ تەتقىقات ئوبىكتى بەك ئاز، ئېنىق يەكۈن چىقارغىلى بولمايدۇ دەپ ئەسكەرتتى.
Saklik健康网