70% تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈمى بۇ 13 ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك

文摘   2024-10-14 23:20   新疆  


ESC 2019 ۋە دۇنيا يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىلىمى يىغىنىدا، كانادا خامىلتون مارست داشۆسى نوپۇس ساغلاملىقى تەتقىقات ئورنىنىڭ پىروفېسسورى سەلىم يۈسۈف PURE تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىنى دوكلات قىلغان، فۇۋەي دوختۇرخانىسىدىن لى ۋېيمۇ بۇ تەتقىقاتقا قاتناشقان.

تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، يەر شارىدا %70 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈمى يۈرەك كېسىلى ياكى تۆۋەندىكى 13 ئامىل ئۆلۈم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

بۇ 13 ئامىل يۇقىرى قان بېسىم، مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، قاندىكى ماي نورمالسىز بولۇش، ساغلام بولمىغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى، ئاش تۇزى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش، قورساق قىسمى سېمىز بولۇش، قولىنىڭ سىقىش كۈچى ناچار بولۇش، جىسمانىي ھەرىكىتى ئاز بولۇش، دىيابېت كېسىلى، خامۇشلۇق، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىشى (قاتتىق يېقىلغۇ بىلەن تاماق ئېتىش) ۋە سىرتقى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇ 13 ئامىل ئىچىدە، يۇقىرى قان بېسىم، قورساق قىسمى سېمىزلىك، مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش، تاماكا چېكىش ۋە قاندىكى ماينىڭ نورمالسىزلىقى قاتارلىقلار يۈرەك، قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

13 خەتەرلىك ئامىل ئىچىدە، مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش، تاماكا چېكىش، يۇقىرى قان بېسىم، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىشى، ناچار يېمەك-ئىچمەك ۋە سىقىش كۈچىنىڭ تۆۋەن بولۇشى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەڭ چوڭ ئىكەن.

پىروفېسسور ھەر خىل خەتەرلىك ئامىللار ئىچىدە، تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى نۇقتىلىق تىلغا ئالغان، يەنى:

ناترىي تۇزى ھەر كۈنى 6 گىرامدىن ئېشىپ كەتسە يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىغا زىيان يېتىدىكەن.

يېمەك-ئىچمەككە نىسبەتەن، تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەردىن باشقا، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، سۈت مەھسۇلاتلىرى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنمەيدىغان قارا گۆشنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئىكەن.

مەدەنىيەت سەۋىيەسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ قارىشىچە، مەدەنىيەت سەۋىيەسى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئورنىنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەخسنىڭ ساغلاملىق قارشى ۋە داۋالىنىشقا ئېرىشىش ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن.

خۇلاسىلىگەندە، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: كىم، قەيەردە، قانداق ھالەتتە بولۇشتىن قەتئىينەزەر، بەزى خەتەرلىك ئامىللارنى تۈگىتىش ئارقىلىق يۈرەك، قان-تومۇر كېسىەللىكلىرىنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، مەسىلەن، تاماكا تاشلاش، قان بېسىمى ۋە خولېستېرىننى كونترول قىلىش، جىسمانىي ھەرىكەتنى كۈچەيتىش، مۇسكۇل كۈچىنى ئاشۇرۇش، ساغلام، تەڭپۇڭ بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ساقلاش قاتارلىقلار.

بۇ تەتقىقاتتا بەش قىتئەنىڭ 900 رايونىدىكى 35 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان 155 مىڭ 137 نەپەر يۈرەك كېسىلى يوق ئاھالە ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئوتتۇرىچە يېشى 50 ياشتىكىلەردىن %58 ئاياللار؛ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردىن قاتنىشىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %11، %66 ۋە %23 بولغان.

توققۇز يېرىم يىل ئىچىدە، بۇلاردىن 10 مىڭ 234 ئادەم قازا قىلغان، 7980 ئادەمدە ئاساسلىق يۈرەك قان تومۇر ۋەقەسى (يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، مېڭە سەكتىسى ياكى يۈرەك زەئىپلىشىش) يۈز بەرگەن، 3559 ئادەمنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قالغان ۋە 3557 ئادەم مېڭە سەكتىسىگە گىرىپتار بولغان. تەتقىقاتچىلار بۇ ۋەقەلەر سەۋەبىنى ئومۇمىي كىشىلەر توپىدىكى خەۋپ-خەتەر ئامىلى، ئۇلارنىڭ يېشى، جىنسى ۋە رايونى بويىچە ئانالىز قىلغان.

Saklik健康网

Saklik健康网
健康咨询
 最新文章