مۇنداق ئۇخلاشلارنىڭ ھەممىسى سالامەتلىككە زىيانلىق

文摘   2024-11-17 19:49   新疆  


يەپ-ئىچىش، ئۇخلاش ئادەمنىڭ نورمال تۇرمۇش قانۇنىيىتى، ھەرقانداق ۋاقىتتا كەم بولسا بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئۇخلاش، بىزنىڭ ھەر كۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتىمىز 24 سائەتنىڭ زور بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئادەمنىڭ ھاياتىدا ناھايىتى كۆپ ۋاقىت ئۇيقۇ ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئۇيقۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان رولى ناھايىتى چوڭ. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق ئادەمنى خىزمەت ۋاقتىدا چارچىتىپلا قالماستىن، يەنە بەدەننىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، نۇرغۇن كېسەللىكلەرمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بەدەنگە كىرىۋالىدۇ.

ئۇخلاش يېمەك-ئىچمەككە ئوخشاش توغرا ئۇسۇلدا ئۇخلىسا سالامەتلىككە پايدىلىق، ئەگەر خاتا ئۇسۇلدا ئۇخلىسا، ھەرقانچە كۆپ ئۇخلىسىمۇ پايدىسى بولمايدۇ، ھەتتا سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىشى مۇمكىن. ئۇخلاش ھەرگىزمۇ ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا كۆزنى يۇمسىلا بولىدىغان ئاددىي ئىش ئەمەس، ئىلمىي قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىش بەدەنگە ئىنتايىن مۇھىم. تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل خاتا ئۇخلاش ئۇسۇلى ئەگەر سىزدە بولسا بالدۇرراق تۈزىتىپ، سالامەتلىكىڭىزنى ئاسرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

بىرىنچى: كۈندۈزى ئۇيقۇ تولۇقلاش
كۈندۈزى ئۇيقۇ تولۇقلاش كۈندۈز بىلەن كېچىنى ئالماشتۇرۇپ ئۇخلاش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چۈنكى نورمال ئادەملەر كېچىسى ئۇخلاپ كۈندۈزى ھەرىكەت قىلىدۇ. لېكىن كۈندۈزى ئۇيقۇ تولۇقلاپ، كېچىسى تۈنەش سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق بىر ئىش، چۈنكى بەدەندىكى ھورموننىڭ ئىچكى ئاجراتمىسى بەدەننىڭ دەم ئېلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. كەچتە ياخشى ئۇخلىيالمىغاندا ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تەڭپۇڭسىزلىشىدۇ، دانىخورەك چىقىپ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇڭا بۇ خىل ئادەتنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىش كېرەك. ھازىر نۇرغۇن خىزمەتچىلەر تۈنەپ لايىھە تۈزەيدۇ، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تۈنەپ ئويۇن ئوينايدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن قاملاشمىغان ئىش. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، بەدەن ساپاسى تۆۋەنلەپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئاغرىپ قالغاندا ئاندىن پۇشايمان قىلغاننىڭ پايدىسى يوق.

ئىككىنچى: تەبئىي ئويغانغۇچە ئۇخلاش
تەبئىي ئويغانغۇچە ئۇخلاش ھورۇنلۇقنىڭ مەنبەسى، بەزىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇش ئۈچۈن ئۈچتىن ئارتۇق قوڭغۇراقلىق سائەتنى تەڭشىشى كېرەك، ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە جان تىكىپ خىزمەت قىلىدۇ، ھەپتە ئاخىرىدا ئۆزىنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشنى ئويلايدۇ، ئورنىدىن تۇرغاندا سائەت 10 دىن ئېشىپ كېتىدۇ. تەبئىي ئويغانغۇچە ئۇخلاشتا ئەڭ روشەن بولغىنى ئەتىگەنلىك تاماقنى قولدىن بېرىپ قويۇش، ئەتىگەنلىك تاماقنىڭ مۇھىملىقىنى كۆپ سۆزلىمىسەكمۇ ھەممەيلەن بىلىدۇ. ئادەم ئۇخلىغاندا ئاچلىقنى ھېس قىلالمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان-ئۈچەي زەخىملىنىدۇ، ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغلىنىپ قالسا، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ئەسلىگە كېلىشى تەسكە توختايدۇ. بولۇپمۇ ياشلار ئالتۇندەك ۋاقتىنى ئەتىگەنكى ئۇيقۇغا تېگىشىۋەتمەسلىكى كېرەك. ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپلا قالماي، يەنە بەدەننى ۋەيران قىلىدۇ.

ئۈچىنچى: ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئاز
ھازىرقى تۇرمۇش رېتىمى كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ئازراق ئازراقتىن قىسقارتىشقا مەجبۇرلايدۇ، بەزىلەر خىزمەت سەۋەبىدىن تۈنەيدۇ، بەزىلەر ھېسسىيات سەۋەبىدىن تۈنەيدۇ. تۈن بويى كىرپىك قاقمايدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەتىسى سەھەر تۇرۇشى كېرەك، چۈنكى خىزمەتكە كېچىكىپ قالسا بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى پەقەت 6-7 سائەت بولۇشى مۇمكىن، ئۇزاق مۇددەت بۇنداق بولغاندا بەدەن ئەزالىرى نورمال ئارام ئالالمايدۇ، ئادەم ئىنتايىن سۇلغۇن بولۇپ كېتىدۇ.

تۆتىنچى: ئۇدا 24 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت ئۇخلىماسلىق
ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدا تورغا خۇمار بولۇش بىر قەدەر مودا بولغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر ئويۇن ئويناشقا خۇمار بولۇپ، بىر كېچە-كۈندۈز ئارام ئالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە مەسىلە كۆرۈلىدۇ ياكى كېسەلگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. ھازىر تورغا خۇمار بولۇپ قېلىش ئەھۋالى بىر قەدەر ئاز، لېكىن كىشىلەر قۇرۇلۇش قىلىش مۇددىتىنى قىسقارتىش ئۈچۈن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش قاتارلىق ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇزۇن ۋاقىت دەم ئالمايدۇ. بۇ خىل قىلمىشنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش كۆپ ھاللاردا ھاياتىي كۈچنى ھەددىدىن زىيادە خورىتىش سەۋەبىدىن يۈز بېرىدۇ. بولۇپمۇ ياشىنىپ قالغان كىشىلەر دەم ئېلىشقا چوقۇم دىققەت قىلىشى، زىيادە چارچاشنىڭ سالامەتلىكىنى نابۇت قىلىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىقى كېرەك.

بەشىنچى: تاماق يەپ بولۇپلا ئۇخلاش
تاماق يەپ بولۇپلا پۈتۈن بەدەن بوشىشىپ كېتىش بىر خىل نورمال ئەھۋال بولۇپ، كىشىلەر تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئازراق مۈگدەپ قالىدۇ. چۈنكى قان ئاشقازانغا مەركەزلىشىپ، چوڭ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمىگەندە چارچاش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ھەرىكىتى بىر قەدەر ئاستا بولىدۇ. لېكىن ھەرگىزمۇ يەپ بولۇپلا يېتىپ ئۇخلىماسلىق كېرەك، چۈنكى ئاشقازان-ئۈچەينىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشى لۆمۈلدەش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. ياتقاندىن كېيىن بەدەننىڭ ھاياتىي كۈچى تۆۋەنلەپ، ھەزىم قىلىشقا پايدىسىز بولۇپ، ئاشقازان-ئۈچەيگە ئېغىر يۈك بولىدۇ.بۈگۈن شۇنچە كۆپ ئۇخلاشتىكى خاتا قاراشلارنى سۆزلىدۇق، ئۇنداقتا زادى قانداق قىلغاندا ياخشى ئۇخلىغىلى بولىدۇ؟ ئەڭ ئاساسلىقى بالدۇر ئۇخلاپ سەھەر تۇرۇش، ھەر كۈنى سەككىز سائەت ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەمدە كەيپىياتىڭىزنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، بۇرۇقتۇرما ۋە زور بېسىم بىلەن ئۇخلىماڭ. چۈنكى ئۇزاق مۇددەت تۆۋەن سۈپەتلىك ئۇيقۇنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنى ئاستا ھەم سىجىل بولىدۇ، چوقۇم ۋاقتىدا تۈزىتىش كېرەك.

Saklik健康网

Saklik健康网
健康咨询
 最新文章