مەيلى ياشلار ياكى ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار بولسۇن، ھازىر دائىم قولى ئۇيۇشۇپ قالىدىغان بىر مەسىلە بار، بۇ مەسىلە دەسلەپ كۆرۈلگەندە، كۆپ قىسىم كىشىلەر ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ. ھەتتا بۇ ئىشنى كىچىك ئىش دەپ سەل قارايدۇ.
ئەمما ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، كۆپچىلىك بەدىنىدە بەزى نورمالسىزلىقلارنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ھېس قىلدۇ. بۇ نورمالسىزلىقلار ئەمەلىيەتتە قولنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
قول ئۇيۇشۇش يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ قول ئۇيۇشۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئەمەلىيەتتە كۆپىنچە ياشلار ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ئەمما ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار دائىم قول ئۇيۇشۇش يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ.
چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەردە تۇيۇقسىز يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى پەيدا بولۇپ، بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىدۇ، مەسىلەن، قول ئۇيۇشۇش، پۇت ئۇيۇشۇش قاتارلىقلار، شۇڭا كۆپچىلىك بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بار دەپ قارايدۇ.
دەرۋەقە، قول ئۇيۇشۇشنىڭ سەۋەبى بىرلا ئەمەس، قول ئۇيۇشۇش ھەقىقەتەن يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ خىل ئېھتىماللىق ئانچە يۇقىرى ئەمەس.
بولۇپمۇ پات-پات قولى ئۇيۇشۇپ قالىدىغان ياشلار يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە دىققەت قىلغاندىن باشقا، يەنە باشقا ئامىللارنىمۇ ئويلىشىشى كېرەك. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى.
ئەگەر سىزدە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىك ياكى يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى بولسا، يېقىندىن بۇيان قول ئۇيۇشۇش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاغرىق سېزىمى قوشۇلۇپ كەلسە، ئۇنداقتا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشىڭىز كېرەك، چۈنكى بۇ ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتى.
قول ئۇيۇشۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يەتتە چوڭ سەۋەب
يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىدىن باشقا، كۆپچىلىك يەنە تۆۋەندىكى يەتتە چوڭ ئامىلنىمۇ ئويلىشىشى كېرەك :
1. بېغىش نەيچىسى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى
ياشلار ئېغىر دەرىجىدە قول ئۇيۇشۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا، چوقۇم بېقىش نەيچىسى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىنى ئويلىشىشى كېرەك، بولۇپمۇ دائىم قولىنى ئىشلىتىدىغانلار، مەسىلەن، دائىم كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغانلار، ئۇلاردا ئاسانلا بېقىش نەيچىسى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا بۇ خىل كېسەللىك كېسەل يەنە مائۇس كېسەللىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، بۇ خىل كېسەللىكنىڭ كۆپ قىسمى بېغىش نەيچىسى تارىيىش ياكى ئوتتۇرا نېرۋىنىڭ بېسىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ئىككى خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا نېرۋا ئېغىر دەرىجىدە زەخىملىنىدىكەن.
بۇ ۋاقىتتا بىماردا روشەن ئاغرىق سېزىمى ۋە ئۇيۇشۇش سېزىمى پەيدا بولىدىكەن، بولۇپمۇ ئۈچ يېرىم بارمىقىدا ئۇيۇشۇش سېزىمى ئۈزلۈكسىز ئېغىرلىشىدىكەن.
مۇۋاپىق ئۇۋۇلىغاندىن كېيىن، ئۇيۇشۇش، ئاغرىش سېزىمى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پەسىيىدۇ، لېكىن بۇ خىل كېسەللىك ھەقىقىي ھەل بولمايدۇ، شۇڭا كەچتە دائىم ئاغرىق ئازابىدىن ئويغىنىپ كېتىدۇ.
بولۇپمۇ ھەر كۈنى كۆپ مىقداردا مائۇس ئىشلىتىدىغان ياكى ئۇزۇن ۋاقىت بېغىشىنى ئىشلىتىدىغان كىشىلەرنىڭ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.
2. سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر
قولنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك، مەسىلەن، يۇقىرى قان بېسىم ياكى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ قېنى كېسەللىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، نېرۋىلىرى بەلگىلىك دەرىجىدە زەخىملىنىدۇ، شۇڭا ئاسانلا ئەتراپ نېرۋىلىرىنى زەخىملەندۈرىدۇ.
بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندىن كېيىن، ئەگەر كونترول قىلىنمىسا، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپلا قالماي، قول ئۇيۇشۇش ئەھۋالى بارغانسېرى ئېغىرلىشىدۇ.
3. بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى
بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، قولدا بەلگىلىك ئۇيۇشۇش سېزىمى پەيدا بولىدۇ، بولۇپمۇ بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىققاندا، ئۇيۇشۇش سېزىمى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا ئۇيۇشىشنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن قىلىدىغان ئىش بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنى داۋالاش، بولمىسا بويۇن ۋە مۈرە ئاغرىقى بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا تۆۋەنكى مۈچە تارتىشىپ قېلىش ياكى پالەچ بولۇپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
4. نېرۋا ئۇچلىرى ياللۇغى
بۇ خىل ئەھۋال كۆپىنچە ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆرۈلىدۇ، چۈنكى بەدەننىڭ قېرىشىنىڭ تەسىرىدە، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ ئىشتىھاسى ناچارلىشىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى بارغانسېرى ئاجىزلايدۇ.
ئەگەر بەدەنگە ۋاقتىدا ئوزۇقلۇق تولۇقلانمىسا، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر كېلىپ چىقىپلا قالماي، بەدەندە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئەتراپ نېرۋا ياللۇغى پەيدا بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا قول ئۇيۇشۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. سەكتىنىڭ بىشارىتى
گەرچە قول ئۇيۇشۇش سەكتىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ئۇزۇن مۇددەت قول ئۇيۇشۇپ قالغاندا، چوقۇم سەكتە ئامىلىنى ئويلىشىشى كېرەك.
بولۇپمۇ باش قېيىش، باش ئاغرىش، باش ئېغىر، پۇت يېنىك بولۇش، بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرى ئۇيۇشۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندە، كۆپچىلىك تېخىمۇ ھوشيار بولۇشى كېرەك. ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنى خالىمىسىڭىز، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل يەنىلا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش.
6.كىلىماكتېرىيە دەۋرى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى
كىلىنكىلىق تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، قول ئۇيۇشۇش كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى يىغىندى كېسەللىك بىلەن ئالدىن بەلگىلەنگەن مۇناسىۋەتتە بولىدىكەن، بولۇپمۇ 50 ياشتىن ئاشقان ئاياللاردا دائىم قول ئۇيۇشۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن.
ئەگەر قولىڭىزنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشى بۇ خىل سەۋەب بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، ئۇنداقتا سىز ھەرگىز بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ، كىلىماكتېرىيە دەۋرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ خىل ھادىسە يوقايدۇ.
7. ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىش
كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىدىغان كىشىلەر ئاسانلا ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سالامەتلىككە تەسىر يېتىپلا قالماي، يەنە قول ياكى پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىدۇ.
بولۇپمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىدىغانلارنىڭ بەدىنىدىكى ئۇيۇشۇش تۇيغۇسى بارغانسېرى روشەنلىشىدۇ، ئەگەر سىز ئەھۋالنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنى خالىمىسىڭىز، چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپچىلىك يەنە ئىسپىرتنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىشى، ئەڭ ياخشىسى بىۋاسىتە ھاراق تاشلىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا جىگەر ۋە بەدەن زىيانغا ئۇچرىمايدۇ.
قولنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشىنى قانداق پەسەيتىش كېرەك؟ قول ئۇيۇشۇش تۇيغۇسىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، كۆپچىلىك ئالدى بىلەن قول ئۇيۇشۇشنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك، ئەگەر بەزى كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، كۆپچىلىك دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئاكتىپلىق بىلەن داۋالىنىشى كېرەك.
خۇلاسە سۆزى
گەرچە قول ئۇيۇشۇشنىڭ سەكتە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ناتايىن بولسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىك چوقۇم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشى كېرەك، بولۇپمۇ يۇقىرىقى يەتتە خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك.
شۇنى بىلىش كېرەككى، كىچىك كېسەل ئاسانلا چوڭ كېسەلگە ئايلىنىپ قالىدۇ، ئەگەر سالامەتلىكىڭىزنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىشىنى خالىمىسىڭىز، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ سالامەتلىكىڭىزنى تەكشۈرتۈڭ.
بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان قولى قاتتىق ئۇيۇشۇپ قالغان كىشىلەر چوقۇم قولىنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشىنىڭ كونكرېت سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، ئاندىن دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا ئەستايىدىل ماسلىشىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا كېسەللىك ئەھۋالى سىجىل تەرەققىي قىلمايدۇ.
Saklik健康网