كېچىدە ئىشلىگەندە نېمە يېسە تېخىمۇ روھلۇق بولىدۇ؟

文摘   2024-10-12 23:05   新疆  


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كېچىچە ئۇخلىماي ئىشلىگەندە، يېرىم كېچىدە بىر ۋاخ تاماق يېيىش ياخشىمۇ ياكى ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك بىلەن قورساق تويغۇزۇش تېخىمۇ ياخشىمۇ؟ ئاۋسترالىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېسە تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن، بۇنىڭدا ھەم ئاچلىقنى قاندۇرىدىكەن، ھەم ئاسان ئۇيقۇسى كەلمەيدىكەن.

جەنۇبىي ئاۋسترالىيە داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى كۈندۈزدە ئىشلەيدىغان 44 نەپەر ساغلام خىزمەتچىنى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، ئۇلارنى تەجرىبىخانىدا كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالماشتۇرىدىغان بىر ھەپتىنى ئۆتكۈزۈشكە تۇرغۇزدى، يەنى ئۇلار كۈندۈزدىكى كۆپ قىسىم ۋاقىتتا ئۇخلاپ، كېچىچە سەگەك تۇردى. ھەممە ئادەم ھەر كۈنى 24 سائەت ئىچىدە يېمەكلىكتىن يېتەرلىك ئىسسىقلىق قوبۇل قىلدى، تاماق يېيىش ۋاقتى ئوخشاش بولدى. 1- گۇرۇپپا يېرىم كېچىدە يەنە بىر ۋاخ تاماق قوشۇپ، تويغۇچە تاماق يېدى، ئىسسىقلىق مىقدارى كۈندىلىك قوبۇل قىلىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %30ىنى ئىگىلىدى؛ ئىككىنچى گۇرۇپپا يېرىم كېچىدە پىشلاق، پېچىنە-پىرەنىك ياكى ئالما قاتارلىق ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېدى، ئىسسىقلىق مىقدارى كۈندىلىك قوبۇل قىلىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ پەقەت %10ىنى ئىگىلىدى؛ ئۈچىنچى گۇرۇپپا يېرىم كېچىدە ھېچقانداق يېمەكلىك يېمىدى، ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك تاماقتىن باشقا، كۈندۈزى ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك قوشۇپ يېدى. تەتقىقاتچىلار تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ يېرىم كېچىدە تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنى كۆپ تۈرلۈك سىناقلارنى تاماملاشقا بۇيرىدى، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆزىنىڭ ئاچلىق دەرىجىسى، بىۋاسىتە سېزىم ئىنكاسى ۋە ئۇيقۇسىزلىق دەرىجىسىنى باھالىدى.

نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر ئەڭ سەگەك، ئىنكاسى ئەڭ سەزگۈر، سىناق نەتىجىسى ئەڭ ياخشى، قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەقلىدىي ھەيدىگەندە ھادىسە ئەڭ ئاز يۈز بېرىپ، تاماق مىقدارىدىن ئەڭ رازى بولغانكەن. 3- گۇرۇپپىنىڭ نەتىجىسى 1- گۇرۇپپىنىڭكىدىن ئۈستۈن بولۇپ، 1- گۇرۇپپىدىكىدىنمۇ سەگەك بولغان.
تەتقىقاتچىلار ئەڭ يېڭى بىر سان «ئوزۇقلۇق ماددا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە يېزىشىچە، بۇ تەتقىقات تۇنجى قېتىم كېچىلىك سمېنىدا تاماق قوشۇپ يېيىش ئەندىزىسىنىڭ خىزمەتتىكى ئىپادىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. يېرىم كېچىدە ھەزىم قىلىش قىيىن بولغان بىر ۋاخ تاماق يېيىش بىزنى تېخىمۇ چارچىتىپ قويىدۇ، ئەمما بەدىنىمىز بۇ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشقا تەييارلىق قىلىپ بولالمايدۇ. بۇ چاغدا، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك تېخىمۇ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. تەتقىقاتچىلار كېيىنكى قەدەمدە كېچىدە ئىشلەيدىغان خىزمەتچى خادىملارغا ماس كېلىدىغان ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك تۈرىنى تەتقىق قىلىشنى پىلانلىدى.

Saklik健康网

Saklik健康网
健康咨询
 最新文章