سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
ئاتۇش لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ ئېچىپ نەق مەيدان كۆرۈڭ
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ھىندونېزىيەنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ئايال ئارتىسى توردا بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلغاندا، ئويلىمىغان يەردىن پۇلدار ئېرىنىڭ خىيانەتچىلىك دېلوسىغا چېتىلىپ قالغان.
كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ دېلوغا چېتىشلىق سومما 1 تىرىليوندىن ئېشىپلا قالماي، ئىچكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتىمۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ. شۇڭا بەزى چەتئەل تاراتقۇلىرى چاقچاق قىلىپ، ئەگەر ئامېرىكا تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئۆزگەرتىپ ئىشلەنسە، بەلكىم نەچچە پەسىل قويۇلۇشى مۇمكىن، دېگەن.
ۋەقەگە چېتىشلىق ئايال ساندرا دېۋى 1983-يىلى تۇغۇلغان.
چىرايلىق، بويى ئېگىز دېۋى كىچىكىدىن تارتىپلا مەكتەپتىكى داڭلىق شەخس ئىدى. ئۇ تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىدا نۇرغۇن تەكشىلىكتىكى ئېلانلارنى ئالغان.
2000-يىلى ئالىي مەكتەپكە يېڭىلا قوبۇل قىلىنغان دېۋى ھىندونېزىيە خانقىزىنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەمدە بىر يولىلا چېمپىيون بولغان.
بىر كېچىدىلا نام چىقارغان دېۋى ناھايىتى تېزلا ئىقتىساد شىركىتىنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئۇ ئارتىسلىق سالاھىيىتى بىلەن نۇرغۇن كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشقان.
گەرچە دېۋى بۇ ساھەگە ئەمدىلا قەدەم قويغان بولسىمۇ، تىياتىردا كىچىك روللارنى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن چىرايلىق تاشقى قىياپىتى بىلەن ناھايىتى تېزلا ھىندونېزىيەدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
ئۇ يەنە تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ھىندونېزىيە كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى يېڭى شەخس مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ھىندونېزىيە خەلقىنىڭ قەلبىدىكى گۈزەللىك ۋە رول ئېلىش ماھارىتى تەڭ مەۋجۇت بولغان ئايال ئارتىسقا ئايلانغان.
ئارتىسلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق بولغاندىن باشقا، ئارتىسلىق خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت شىركىتىنى قۇرۇپ، تىجارىتىنى ناھايىتى روناق تاپقۇزغان.
پۇل بولسا ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ شانلىق مىنۇتلىرى بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمىگەن.
2016-يىلى دېۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق داڭلىق شەخس يىگىتى بارلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئەر دەل «ھىندونېزىيەدىكى بىرىنچى باي ئائىلىنىڭ ۋارىسى» دەپ نام ئالغان كانچىلىق شىركىتىنىڭ بايۋەچچىسى خاۋى مويس ئىدى.
ھىندونېزىيە خەلقىنى تېخىمۇ «ھەۋەس قىلدۇرىدىغىنى» شۇكى، گەرچە مويسنىڭ ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى ئىنتايىن باي بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تاشقى دۇنياغا نامايان قىلغان مۇلايىم، ئاق كۆڭۈل، ۋاپادار خاراكتېرى بار بولۇپ، «ياخشى ئەر» دەپ ماختاشقا ئېرىشكەن.
مويس 1985-يىلى تۇغۇلغان، دادىسى ھىندونېزىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كانچىلىق ماگناتى، ئانىسى ھىندونېزىيەنىڭ يۇقىرى قاتلام چەمبىرىكىدىكى داڭلىق ئايال. جەمەت كەسپى كۆمۈر كان، مېتال، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.
باي ئائىلىدە ياشاۋاتقان مويسنىڭ بوي ئېگىزلىكى 185 سانتىمېتىر بولۇپ، يېقىشلىق ۋە سۇمباتلىق كۆرۈنىدۇ.
ئاز ئۇچرايدىغان يېرى شۇكى، كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدە، مويستا ئازراقمۇ «قۇرۇق سۆلەت بەگزادە» دەيدىغان يامان ئىللەت يوق، ئەكسىچە ئوچۇق-يورۇق، كەڭ قورساق، باشقىلارغا مۇئامىلە قىلغاندا كەمتەر ئىش قىلىدۇ.
ئۇ دېۋى بىلەن توي قىلغانلىقىنى جاكارلاشتىن بۇرۇن، ھەتتا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىغىمۇ چىقىپ باقمىغان.
دېۋىنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، ئىككىيلەن 2013-يىلى تونۇشقان. ئۆزىدىن ئۈچ ياش كىچىك مويسنىڭ مىجەزى سەل تارتىنچاق بولۇپ، قىزلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا گەپ قىلىشقا ئانچە ئۇستا ئەمەس ئىدى، لېكىن ئۇزۇن مەزگىل ئارىلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ناھايىتى پۇختا، سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
ئىككىيلەن ئەمدىلا ئارىلاشقان چاغدا، مويسنىڭ دادىسى بەختكە قارشى راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قېلىپ، ئۇزاق ئۆتمەي قازا قىلغان. دېۋى لايىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ، مويسنىڭ دەپنە مۇراسىمى قاتارلىق بىر قاتار ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەم بەرگەن، ئىككىسىنىڭ ھېسسىياتىمۇ بۇ جەرياندا تېز سۈرئەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ھەمدە توي قىلىشنى قارار قىلغان.
2016-يىلى دېۋى بىلەن مويس جاكارتادا ئۆزلىرىنىڭ توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن.
نەق مەيدان ئون مىڭدىن ئارتۇق ئاق ئەتىرگۈل بىلەن زىننەتلەنگەن، بۇ ئىككى جۈپ قىز-يىگىتنىڭ مۇراسىم كىيىملىرىنىڭ ھەممىسى ھەشەمەتلىك ماركىلاردىن سېتىۋېلىنغان، پۈتكۈل مۇراسىمغا چولپانلار تەكلىپ قىلىنغان، ھەتتا تاتلىق تۈرۈملەرنىڭ ھەممىسى چەتئەلدىن توشۇپ كېلىنگەن.
دېۋىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جەمئىي 957 مىليون ھىندونېزىيە رۇپىيەسى (تەخمىنەن 440 مىڭ يۈەن) سەرپ قىلىنغان. بۇ باھا ئادەتتىكى ھىندونېزىيە پۇقرالىرىغا نىسبەتەن ئىنتايىن ھەشەمەتلىك.
شۇنداق بولۇپلا قالماي، ئىككىيلەن كېيىن يەنە توكيو دىسنېي باغچىسىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن جەرياننى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ، ئايالنىڭ مەلىكە بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.
كېيىنكى ئىككى يىلدا، دېۋى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى ئوغۇل تۇغقان، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى بايلىقىمۇ زور دەرىجىدە ئاشقان. داڭلىق ماركىلىق سومكا، شەخسىي ئايروپىلان، ھەشەمەتلىك ئۆي، ھەممىسى تەل بولغان.
دېۋى ئىلگىرى ئۆيدىكى بارلىق ئىشلاردىن غەم يېمەيدىغانلىقىنى، ئۆيدىكى چوڭ-كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە قېيىنئانىسىنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مويس ئىككى ئوغلىغا ئۆزى قارىغان، ھەرگىزمۇ بىر-بىرىگە ئىتتىرمىگەن ۋە ئەپلەپ-سەپلەپ ئىش قىلمىغان.
ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ-كىچىك خاتىرە كۈنلەردە، ئېرى ئۇنىڭغا تەبرىكلەش ۋە سوۋغات بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان.
دېۋىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ھىندونېزىيەلىكلەر قىزىقىدىغان تېمىغا ئايلانغان، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ئائىلىسىنى بەختلىك ئائىلىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۈلگىسى دەپ قارىغان.
ھەممەيلەنگە ئايان بولغىنىدەك، بۇنداق چۆچەكلەردىكىدەك مۇھەببەت ھېكايىسى، ئايال باش قەھرىماننىڭ چەكسىز بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ ئاشكارىلىشى... ئاخىرىدا يامانلىققا يۈزلەنگەن.
مويسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقىنى، ئۇ سوۋغا قىلغان سوۋغاتلاردىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
2019-يىلى دېۋى ئېرى ئىككى ياشلىق ئوغلىغا سوۋغا قىلغان بىر شەخسىي ئايروپىلاننى ئاشكارىلىغان ھەمدە بۇ ئايروپىلاننىڭ مەخسۇس ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوينىشىغا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆيىدە يەنە سانسىزلىغان ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ بارلىقىنى، بەزىلىرىنى ھەيدەشكە ۋاقتى چىقمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
دېۋىنىڭ دېگىنى توغرا، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ سوۋغا بېرىشنى ياخشى كۆرىدىغان مويسنىڭ سىرتقا چىقىپ نەرسە-كېرەك سېتىۋىلىشى ئۈچۈنلا 4-5 دانە ئاپتوموبىل بار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىرىنىڭ باھاسى 1 مىليوندىن ئاشىدىغان داڭلىق ماركىلىق ئېسىل ئاپتوموبىللار ئىدى.
ئەر-ئايالنىڭ ئۆيىدىكى ساقلاش ئۆيى ھەشەمەتلىك سومكا ۋە كىيىم-كېچەكلەر بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ چەتئەلدىكى داچىسىغىمۇ مويس ھەر قايسى دۆلەتلەردىن سېتىۋالغان چەكلىك مىقداردىكى ئاسارە-ئەتىقە ۋە زىننەت بۇيۇملىرى تىزىلغان.
مويس ئۆيىدىكى بالا باققۇچىغا نەچچە ئون مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن باشلاپ قىزىل بولاق تارقاتقان، دېۋىنىڭ ئۆيىگە ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل، داچا سوۋغا قىلغان.
دېۋى ئائىلىسىنىڭ پۇلنى سۇدەك خەجلەيدىغان تۇرمۇشى ناھايىتى تېزلا نۇرغۇن تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
بۇ يىل 3-ئايدا مويسنى ھىندونېزىيەنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تارماقلىرى قولغا ئالغان.
ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، مويسنىڭ قولىدىكى بەش كانچىلىق شىركىتى 2016-يىلىلا مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇلغان. ھىندونېزىيە ئېنېرگىيە تارماقلىرىمۇ 2022-يىلى 4-ئايدىن بۇرۇن بارلىق كۆمۈر قېزىش كەسپىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
شىركەتنىڭ مالىيە يولىنى ئۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، مويس باشقا كانچىلىق شىركەتلىرىگە پارا بېرىپ، كۆمۈر كان ئېچىش ئىجازەتنامىسىنى ئارىيەت ئېلىپ قانۇنسىز كان ئاچقان. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ھىندونېزىيەنىڭ كەڭ كۆلەملىك تەبىئىي مۇھىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان، بىۋاسىتە زىيان 260 تىرىليون رۇپىيە (تەخمىنەن 120 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى)دىن ئېشىپ كەتكەن.
بۇ يىل 4-ئايدا ھىندونېزىيە ھۆكۈمەت تەرەپ مويسنىڭ پارا بېرىش دېلوسىنى سوت قىلغان، سوت قىلىش جەريانىدا، سوت مەھكىمىسى 200دىن ئارتۇق گۇۋاھچىنى چاقىرتىپ، ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدىكى مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان ۋە پېچەتلىگەن، مويس مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن.
تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن دېلو ھىندونېزىيەدىكى ئاممىنى تەمتىرىتىپ قويغان. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئەزەلدىن ئېرىنى قوغداش، ئائىلىسىنى سۆيۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن دېۋى ئوتتۇرىغا چىقىپ قېيىنئانىلىرى بىلەن چەك-چېگرىنى ئېنىق ئايرىغان.
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دېۋىنى ئالدىنقى ئايدا سوت مەھكىمىسى چاقىرغاندا، ئۆزىنىڭ ئون نەچچە يىللىق قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى كېسەللىك تارىخى بارلىقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىقرار قىلغان، شۇڭا كېيىن ئارتىسلىق ھاياتىنى توختىتىپ، ئېرى تەمىنلىگەن مەبلەغنى قوبۇل قىلىپ، كېسەل داۋالىتىشقا ئىشلەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئېرىنىڭ خىيانەتچىلىك دېلوسىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى قىلچە بىلمەيدىغانلىقىنى، سوت مەھكىمىسى پىچەتلىگەن ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئىلگىرى فىلىم ھەققى بىلەن سېتىۋالغانلىقىنى ئېيتقان.
دېۋىنىڭ سۆزى ئېنىقلا سوت مەھكىمىسىنى قايىل قىلالمىغان. بۇ دېلودىكى مۇھىم گۇۋاھچى ۋە گۇماندار بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھىندونېزىيە ھۆكۈمەت تەرەپ ئىزچىل ئۇنىڭ چېگرىدىن چىقىشىنى چەكلەش ۋە تەكشۈرۈش، ئىسپات ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كەلگەن.
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، دېۋى بۇ قېتىم ئېرىدىن يۈز ئۆرىگەن، چۈنكى ئۇنىڭ بۇ دېلوغا چېتىلىپ قالغانلىقى ئېنىقلانسا، ئۇمۇ 5-10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن.
تەلۋىلەرچە بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىشتىن ئۆرۈلۈپ تۈرمىدە يېتىشقىچە، ھەممە كۆز تىككەن مۇكەممەل ئەر-خوتۇنلاردىن سوتلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان جىنايەتلەرگىچە، ئىككىسىنىڭ سالاھىيىتىنىڭ تېز ئۆزگىرىشى ۋە ۋەقەلىكنىڭ جىددىي ئۆزگىرىشى تورداشلارنى ھەيران قالدۇرغان.
بەزىلەرنىڭ سەنئەت تۇرمۇشتىن كېلىدۇ، لېكىن تۇرمۇشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ دېيىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
دېلونىڭ داۋامى پات ئارىدا ئېنىق بولۇشى مۇمكىن.
ئاتۇش لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ ئېچىپ نەق مەيدان كۆرۈڭ