11-ئاينىڭ 16-كۈنى 37-نۆۋەتلىك ئالتۇن خوراز كىنو مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. رېژىسسور جاڭ يىموۋ (张艺谋) «يىگىرمىنچى ماددا» (第二十条) ناملىق كىنوسىغا ئاساسەن، ئەڭ ياخشى ھېكايە فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
چېن كەيگې (陈凯歌) «پىدائىي قوشۇن: ھەيۋەتلىك قوشۇننىڭ ھۇجۇمغا ئۆتۈشى» (志愿军:雄兵出击) ناملىق كىنوسى بىلەن باھالاش كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتى ۋە ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
لېي جيايىن (雷佳音) «يىگىرمىنچى ماددا» (第二十条) ناملىق كىنوسىغا ئاساسەن ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
لى گېڭشى (李庚希) «قۇياشنى تەۋرىتەيلى» (我们一起摇太阳) ناملىق كىنوسىغا ئاساسەن ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
ۋاڭ شياۋ (王骁) «ئۈچىنچى چوڭ ئەترەت» (三大队)ناملىق كىنوسىغا ئاساسەن ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
ليۇ دەن (刘丹) «پاراخوتقا ئولتۇرۇپ بېرىش» (乘船而去) ناملىق كىنوسىغا ئاساسەن ئەڭ ياخشى ئايال يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
«لىسبون كۇمىلىچىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى» (里斯本丸沉没) ئەڭ ياخشى ھۆججەتلىك فىلىم شۇنداقلا ئەڭ ياخشى تەربىيۋى ئەھمىيىتى بار فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، رېژىسسور فاڭ لى (方励) مۇكاپات ئالدى.
«ئەجدىھا قوغدىغۇچى» (守龙者) ئەڭ ياخشى گۈزەل-سەنئەت فىلىمى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
«ئەنگو خانىم» (安国夫人) ئەڭ ياخشى ئەلنەغمە فىلىمى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
«ئۈچىنچى چوڭ ئەترەت» (三大队) ئەڭ ياخشى مۇزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، پېڭ فېي (彭飞) سەھنىگە چىقىپ مۇكاپات ئالدى.
جوڭ رۈي (钟锐)، چيەن تيەنتيەن (钱添添) قاتارلىقلار «قىزغىنلىق» (热烈) ناملىق ئەسىرىگە ئاساسەن ئەڭ ياخشى سۈرەتكە ئالغۇچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
كىنولار