«تىتانىك»تىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈش رېئاللىقتا يۈز بەردى

文摘   2024-11-14 21:45   新疆  

سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ


ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

سۈرەتتىكى بۇ ئوغۇل بالىنىڭ ئىسمى جۇلادى جۇدې بولۇپ، بۇ يىل 13 ياش، ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىن.

ئۇ بىر بەختلىك ئائىلىدە تۇغۇلغان، ئائىلىنىڭ چوڭ ئوغلى.

دادىسى پىراسوڭ ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ، ئادەتتە بېلىق تۇتۇش ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ قىزىقىشى ئىدى، ئۇنىڭ تەسىرىدە ئائىلىدىكىلەرمۇ بۇ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە ئىشتىياق باغلىغان، جۇلادى دائىم دادىسىغا ئەگىشىپ دېڭىزغا چىقىپ بېلىق تۇتقان.

بۇ يىل 11-ئاينىڭ 2-كۈنى دەل كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ كالاپپا قىسقۇچپاقىسىنى تۇتۇش پەسلىنىڭ تۇنجى كۈنىدە، پىراسوڭ جۇلادىنى ئېلىپ كەلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا جۇلادىنىڭ تاغىسى جوننى، جوننىنىڭ ئىككى بالىسى ۋە بىر دوستى ئالتە كىشىلىك كېمە ئەترىتى تەشكىللەپ، بىرلىكتە كالىفورنىيە ئىشىتاتىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقى ئەتراپىدىكى بودېگا قولتۇقى ئەتراپىغا بېرىپ قىسقۇچپاقا تۇتقان.

ئەسلىدە چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە يولغا چىقىپ، كەچ سائەت 7دىن بۇرۇن قىرغاققا قايتىپ كېلىشنى پىلانلىغان، ئەمما 7دىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى كۆرۈنمىگەن.

بىر ئائىلە كىشىلىرى قىرغاققا چىقىپ ئۇلارنى كۈتۈۋالماقچى بولۇپ تۇرغىنىدا، ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى بايقاپ، دەرھال تېلېفون قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلغان. دەل شۇ ۋاقىتتا ئالتەيلەن دېڭىزدا جېنىنىڭ بارىچە تىركىشىۋاتاتتى.

ئۇ كۈنى دېڭىزغا چىقىشقا ماس كەلمەيدىغان بولۇپ، قەھرىتان سوغۇق، ھەم شامال بەك كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كىچىك كېمىسى كۈچلۈك دولقۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەي، تۇيۇقسىز ئۆرۈلۈپ كېتىپ، ئالتەيلەننىڭ ھەممىسى مۇزدەك دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن.

بەزىلەر ئالاقزادىلىك ئىچىدە قۇتقۇزۇش كىيىمىنى كىيىشكەن، بەزىلەر كېمىنىڭ يېنىغا چاپلىشىۋالغان.

كېيىن كېمىنىڭ ئاستا-ئاستا چۆكۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن پىراسوڭ دەرھال جۇلادىنى سوغۇق ساقلاش ساندۇقىغا يوشۇرۇنۇشقا بۇيرىغان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بوشلۇق كىچىك ئەمەس بولۇپ، يەنە تېخى بىر بالىنى سىغدۇرالايتتى، ئۇ ئۆزىمۇ ئۇنى يۆلەپ ساندۇقنىڭ گىرۋىكى لەيلەپ تۇرغان.

لېكىن بۇ ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىر ئەمەس، ئۇزاق مۇددەت قۇتقۇزغىلى بولمىسا، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى يوقىتىش، ماغدۇرسىزلىنىش، كېچىدە يەنە باشقا خەتەرلەرگە يولۇقۇشى مۇمكىن.

ئاخىرىدا، ئوغلىنىڭ بىخەتەر جايغا بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پىراسوڭ بىر ئىش قىلغان، ئۇ ئىككى قولىنى بوشىتىپ، ئۆزى يالغۇز مۇزدەك دېڭىز ئاستىغا چۆكۈشنى قارار قىلغان.

بۇ چاغدا «تىتانىك ناملىق پاراخوت»نىڭ تىراگېدىيەسى يەنە بىر قېتىم يۈز بەرگەن، جېكقا ئوخشاش پىراسوڭمۇ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن ۋاز كېچىشنى تاللىغان.

دادىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش كىچىك بالىلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئېغىر زەربە. جۇلادې دادىسى تەرەپكە قاراپ يىغلاپ، توختىماي ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ، يەنە بىر قېتىم جاۋاب ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلغان.

بەختكە يارىشا، جۇلادې دادىسىنىڭ كۈچلۈك، ئاكتىپ ھايات پوزىتسىيەسىگە ۋارىسلىق قىلغان، دادىسى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھايات قېلىش ئىرادىسى يەنە ئۈمىدسىزلىك ۋە قورقۇنچ ئۈستىدىن غالىب كەلگەن. ئۇ قاپقاراڭغۇ دېڭىز يۈزىدە يالغۇز لەيلەپ يۈرۈپ، بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن، مۆجىزىلەرچە قىرغاققا يېتىپ كەلگەن.

شۇ تاپتا ئۇ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن چارچاپ كەتكەچكە، قىرغاقتا دۈم يېتىپ ئۇخلاپ قالغان، ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئۇنى بايقاپ قالغان ھەم دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىپ، خەتەردىن قۇتقۇزغان.

ساقچى تەرەپ بىلەن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى دەرھال بىرلەشمە قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، كۆلىمى 5100 كىۋادرات كېلومىتىرغا يەتكەن، بىراق ئاخىرىدا جوننى تاغىنىڭ 17 ياشلىق ئوغلى فومماتېپنىڭ جەسىتى تېپىلغان، باشقىلارنىڭ يەنىلا ئىز-دېرىكى بولمىغان.

ئەڭ ئاخىرىدا ھۆكۈمەت تەرەپ 11-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىزدەش ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان، جۇلادې بۇ قېتىمقى پاراخوت ھادىسىسىدە بىردىنبىر ھايات قالغۇچى بولۇپ قالغان.

ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېنىغا ساق-سالامەت قايتىپ كەلگەن، گەرچە ھاياتىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن كەلگۈسىدە يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى ئېنىق.

دادىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، كەلگۈسىدە پەقەت ئانىسىلا ئۈچ كىچىك بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كىچىكى ئەمدىلا ئالتە ياشقا كىرگەن بولۇپ، چوقۇم تېخىمۇ چوڭ ئىقتىسادىي بېسىمنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

تورداشلارمۇ ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلاردىن قاتتىق ئازابلانغان:

-ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىدۇ. بۇ بىچارە بالىنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

-ئوغلىنىڭ قىرغاققا تېزرەك يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن، دادىسى سوغۇق ساقلاش ساندۇقىنى قويۇۋەتتى. مانا بۇ مۇھەببەت.

-ۋايەي، نېمانداق قورقۇنچلۇق! يىگىتنىڭ داۋالاشنى قوبۇل قىلىپ، قەلبىدىكى ئازابقا تاقابىل تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەمما جۇلادې يەنىلا ناھايىتى ئۈمىدۋار بولۇپ، «ھېچ بولمىغاندا مەن تېخىمۇ ئۇزۇن ياشىيالايمەن، تېخىمۇ كۆپ ئىسپاتلاش پۇرسىتىم بار» دېمەكتە.

ئۇ مۇخبىرغا پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ بىللە چۈشكەن سۈرىتىنى، شۇنداقلا دادىسىنىڭ تامغا ئېسىپ قويغان قارماق دەستىسىنى كۆرسەتكەن ھەمدە كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر كۈنى، ئۆزىنىڭ دېڭىزغا قايتىپ كېلىپ، دادىسى بىلەن ئورتاق ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى داۋاملىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«تىتانىك»نىڭ گېپى چىقىپ قالدى، قايتا كۆرۈپ باقسام بولاتتى دەيدىغان تورداشلار كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ:

مېنى چېكىپ كۆرۈڭ

كىنولار
تەۋسىيەلىك رومانلار
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章