ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
26 ياشلىق جوي دىمېئو (Joe DiMeo) بىلەن 32 ياشلىق جېسسىكا پېرېز (Jessica Perez) تويلۇق سۈرىتىنى ھەمبەھرىلىگەندىن كېيىن، ناھايىتى تېزلا سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.
دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ بىرلا ۋاقىتتا پۈتۈن يۈز ۋە ئىككى قول كۆچۈرۈشنى قوبۇل قىلغان دىمېئو ھەممە ئادەم ھەۋەس قىلىدىغان مۇھەببەتكە ئېرىشىپلا قالماي، بۇ مۇھەببەت يەنە بىر بەختلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن. ئۇ ئىككىيلەن بۈگۈنكى كۈندە ئاخىرى توي قىلغان.
بىز تۇنجى قېتىم دىمېئونىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۈچ يىل بۇرۇن خەۋەر قىلغان. ئەينى چاغدا، ئۇ دۇنيادىكى تۇنجى يۈز ۋە ئىككى قولىنى بىرلا ۋاقىتتا كۆچۈرگەن بىمار بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن دۇنيادىكى تاراتقۇلار ۋە تورداشلار ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا دىققەت قىلغان.
2018-يىلى 7-ئايدا دىمېئو ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەندىن كېيىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۆيىگە قايتىش يولىدا، زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن ئۇخلاپ قالغان، نەتىجىدە قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
ھادىسىدە ئاپتوموبىل گەۋدىسىگە ئوت كەتكەن، دىمېئونىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ %80ى كۆيۈپ يارىلانغان.
دىمېئونىڭ پۈتۈن يۈزى ۋە بارمىقىنىڭ تېرىسى كۆيۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋالىشى ۋە 24 قېتىملىق شەكىل تۈزەش ئوپېراتسىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، ھاياتىنى ساقلاپ قالغان.
ئەمما بۇنىڭ بىلەن تونۇغۇسىز يۈز ۋە كېسىلىپ يىلتىزلا قالغان قول قالغان. دىمېئو ئاشۇ قورقۇنچلۇق چىراينى قوبۇل قىلالمىغان، قولى يوق تۇرمۇشقىمۇ بەرداشلىق بېرەلمىگەن.
قايتا-قايتا ئويلانغاندىن كېيىن، ئۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ يۈز ۋە قولىنى بىرلا ۋاقىتتا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغان، گەرچە يەكلەش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەگەشمە كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن بولسىمۇ.
بەختكە يارىشا، دىمېئو داۋالاش تېخنىكىسى يۇقىرى دوختۇرنى تېپىپلا قالماي، يەنە تەلىيىگە يارىشا مۇۋاپىق تەقدىم قىلغۇچى، 48 ياشلىق سەكتە بىمارىنى تاپقان (ئېھتىماللىقى ئاران %6).
2020-يىلى 23 سائەتلىك ئۇزۇن ئوپېراتسىيە ئارقىلىق، دىمېئو مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قول-يۈز كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى بىرلا ۋاقىتتا قوبۇل قىلىپ، يەنە بىر قېتىم بىر قەدەر نورمال چىرايغا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە قايتا بىر جۈپ جانلىق كونترول قىلغىلى بولىدىغان قولغا ئېرىشكەن.
شۇنداق بولۇپلا قالماي، كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى قوبۇل قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، دىمېئو يەنە بەختكە يارىشا كۈتۈلمىگەن مۇھەببەتكە ئېرىشكەن.
ئەسلىدە، جېسسىكا پېرېز ئىسىملىك بىر كۆچۈرۈش بۆلۈمىنىڭ سېستراسى كەسپىي قىزىقىش بىلەن، كېسەللىك مىسالىنى كۆرگەندە، دىمېئونىڭ ئىش-ئىزلىرىنى بىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كۆزىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، دىمېئونىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابات نومۇرىغا دىققەت قىلغان.
ئۇ دىمېئونىڭ چىقارغان مەزمۇنلىرىنى پات-پات تەكشۈرۈپ تۇرغاچقا، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئۈمىدۋار، ئوچۇق-يورۇق مىجەزى جېسسىكانى تەسىرلەندۈرگەن، ئۇ ئىختىيارسىز دىمېئونىڭ ئۆزىگە قىزىقىپ قالغان.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ دىمېئو بىلەن شەخسىي ئۇچۇر ئارقىلىق ئالاقىلاشقان، ئىككىيلەن دوستلاردەك پاراڭلىشىشقا باشلىغان.
يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇچرىشىش ئارقىلىق، پېرېز دىمېئونىڭ بەدىنىدىكى كىشىنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلىدىغان يارقىن نۇقتىنى بايقىغان: «ئۇنىڭ چىرايى بۇزۇلۇپ، ئېغىر يارىلانغان بولسىمۇ، لېكىن سالامەتلىكى تىرىشىپ ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن قايتىپ خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇردى، بۇ مېنى بەك تەسىرلەندۈردى. مەن ئىزچىل دىمېئوغا ئوخشاش ئادەمنى تېپىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدىم، لېكىن ئارزۇيۇمدىكى كىشىنىڭ كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان بىمار بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانىدىم، لېكىن بۇ نۇقتا مېنى ئازراقمۇ بىئارام قىلمايدۇ.»
ئاخىرىدا، سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىككىيلەن بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىنى مۇقىملاشتۇرغان. پېرېز كالىفورنىيە ئىشتاتىدا بولۇپ، ئىككىيلەن بىر مەزگىل ئۇزۇن يىللىق مۇھەببەتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئاخىرى بىر يەرگە جەم بولغان.
رەسمىي ئارىلاشقاندىن كېيىن، ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدەك ئوڭۇشلۇق بولمىغان. گەرچە تۇرمۇشتىكى شېرىن دەقىقىلەردىن دائىم تەڭ بەھرىمەن بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن ۋاقىتلاردا باشقىلارنىڭ ھەر خىل نەزىرى ۋە بېسىمغا دۇچار بولغان.
يەنە كېلىپ ئۇلار تور زوراۋانلىقىغا تولا ئۇچرىغان. بەزىلەر دائىم سۆز قالدۇرۇپ دىمېئونى ھاقارەتلەپ، ئۇنىڭ چىرايىنى قورقۇنچلۇق كىنولاردىكى سەلبىي ئوبرازغا ئوخشايدۇ، دەپ، يەنە پېرىزنىمۇ ھاقارەتلەپ، ئۇنىڭدا نەرسىلەرگە سۈركەش ئارقىلىق جىنسىي ھېسسىياتىنى قاندۇرۇش خاھىشى بار، دېگەن.
بۇنىڭ ئۈچۈن پېرېز مۇنداق دېگەن: «توردا بەزىلەر مېنى پۇلنى كۆزلىدى دېسە، يەنە بەزىلەر ھامان تالاغا قارايدۇ دېيىشتى. بەزىلەر ئەزەلدىن ئىككىمىزنىڭ بىر-بىرىمىزنى چوڭقۇر سۆيىدىغانلىقىمىزغا ئىشەنمەيدۇ، مەن بەزى كىشىلەرنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ ھەسەتخورلۇق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.»
ھەر قېتىم مۇشۇنداق چاغدا، دىمېئو دائىم كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، پېرېزغا تەسەللى بەرگەن، يەنە تورداشلارغا ئۆزىنىڭ قورقۇنچلۇق فىلىم ھەۋەسكارى ئىكەنلىكىنى، كۆپچىلىكنىڭ ئۆزىنى ۋە «ھەرە» فىلىمىدىكىلەرنى سېلىشتۇرۇشىنىڭ ناھايىتى قىزىقارلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئىككىيلەن بىللە سىرتقا چىققاندا، دائىم باشقىلارنىڭ باشقىچە نەزىرىگە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، دىمېئو ھەمىشە باتۇرلۇق ۋە مەردانىلىك بىلەن: «كىشىلەرنىڭ نەزىرى ۋە باھاسى ماڭا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، مەن كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشىنىمەن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پەقەت قىزىقىدۇ. ئەگەر مەن ئۇلار بولغان بولسام، مەنمۇ دىمېئونىڭ يۈزىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرالمايتتىم.»
شۇنداق قىلىپ، دىمېئو بىلەن پېرېز ئۇزۇن يوللۇق مۇھەببەتتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يەنە غەيۋەت-شىكايەتلەرگە بەرداشلىق بەرگەن. يېقىندا، دىمېئو ئادەم توپلاشقان يول بويىدا تىزلىنىپ، پېرېزغا توي تەكلىپى قويغان. ئىككىيلەننىڭ مۇھەببىتى نەتىجىگە ئېرىشىپ، سانسىزلىغان گۇۋاھچىلار ئۇلارنى شادلاندۇرغان.
بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسى دىمېئونىڭ ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكەن، ئەمما ئۇ يەنە بىر گۈزەل سوۋغاتقا ئېرىشكەن.
كىنولار