بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
خەۋەر قىلىنىشىچە، فىلىم ئىشلىگۈچى راتان جائىن (Ratan Jain) شاھرۇھ خان (Shah Rukh) بىلەن «رىقابەتچى» (Baazigar) ناملىق كىنونىڭ داۋامى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن. گەرچە راتان جائىن تېخى كونكرېت پىلانىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ شاھرۇھ خان قايتىپ كېلىپ باش رول ئالغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ تۈرنى داۋاملاشتۇرۇشقا قارىتا ئوچۇق پوزىتسىيەدە بولغان.
راتان جائىن يەنە سېنارىيەنىڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن ھەمدە زىيارەت قوبۇل قىلغاندا: «بىز شاھرۇھ خان بىلەن (رىقابەتچى 2) توغرىسىدا پاراڭلاشتۇق، ئەمما ئانچە كۆپ ئىش يۈز بەرمىدى، ئەمما بۇ كىنو چوقۇم ئىشلىنىدۇ» دېگەن.
مۇستان رېژىسسورلۇق قىلغان «رىقابەتچى» ناملىق كىنودا شاھرۇھ خان، كاجول ۋە شىلپا شىتتىي قاتارلىقلار باش رول ئالغان. فىلىم ئىشلىگۈچى تەرەپ 2024-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى بۇ كىنو قويۇلغانلىقىنىڭ 31 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
كىنولار