سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
باتارېيەنىڭ ئۇدا مەسىلىسى ئىزچىل نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى «يوشۇرۇن ئازاب» بولۇپ كەلدى. كىممۇ يانفوننىڭ توكى تۈگەپ كېتىشتەك ئۈمىدسىز پەيتنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان؟ دەل مۇشۇ ھالقىلىق پەيتتە، vivo ئوتتۇرىغا چىقىپ «باتارېيە شاھى»دىن ئىبارەت ياڭراق بىر شوئارنى توۋلىدى. شۇنداق قىلىپ، مىڭ يۈەنلىك يانفون بازىرىدىكى قارا تۇلپار vivo Y300 Pro يانفونى بارلىققا كېلىپ، بىزگە بەش يىل قورقماي ئىشلەتكىلى بولىدىغان بىر مەيدان «باتارېيە ئىنقىلابى» ئېلىپ كەلمەكچى بولدى.
ئالدى بىلەن vivo Y300 Proنىڭ 6500 مىللىئامپېرلىق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ باتارېيەسىنى كۆرۈپ باقايلى، vivo بۇ باتارېيەگە «كۆك ئوكيان باتارېيەسى» دەپ نام بەردى، بۇ ئەمەلىيەتتە كۆك رەڭلىك ئوكيانلا ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك چىدامچانلىققا ئىگە بولغان كۆك ئوكيان باتارېيەسى بولۇپ، ئورگان تەرەپ بەش يىل ئىشلەتسىمۇ باتارىيەنىڭ يەنىلا يېڭى ھالەتتىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ئېيتتى، باشقىلىرىنى قويۇپ تۇرايلى، بۇ گەپنىڭ ۋەزنى سەل ئېغىردەك تۇيۇلسىمۇ، ئەمما ھەممە كىشىنى ھاياجانغا سالماي قالمايدۇ.
تەجرىبىخانىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ باتارېيە كۈندىلىك ئالاقە، تىياتىر كۆرۈش، ئويۇن ئويناش قاتارلىق تۈرلۈك ئېھتىياجنى ئاسانلا قامدىيالايدىكەن، ھەتتا توك تېجەش ھالىتىدە سىزگە يەنە نەچچە سائەت ۋاقىتنى ئۇزارتىپ بېرەلەيدىكەن، بۇنىڭ بىلەن سىز بىلىپ-بىلمەيلا، بىر كۈندە بىر قېتىم، ھەتتا ئىككى كۈندە بىر قېتىم توك قاچىلاش مەقسىتىگە تولۇق يېتەلەيسىز.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، چوڭ باتارېيەنى ئېغىرلىقنىڭ ئالماش سۆزى دەپ قالماڭ. vivo ئەمەلىيەتتە باتارېيەنى قېلىنلىقى ئاران 7.69 مىللىمېتىر كېلىدىغان يانفون گەۋدىسىگە ئەپچىللىك بىلەن سىغدۇرغان. بۇ زادى قانداق ئۇقۇم؟ بۇ خۇددى بىر ۋاخ تويغۇدەك گۆش كاۋاپ يەپ بولغاندىن كېيىن بەلنى چىڭ سىقىۋالغانغا ئوخشايدۇ، vivoنىڭ ئىنژېنېرلىرى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئېستېتىكا ھاسىل قىلىپ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى.
vivo Y300 Proغا يەنە 80Wلىق تېز زەرەتلىگۈچ سەپلەنگەن، بۇ بىر بېزەك ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي «تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچ» ھېسابلىنىدۇ.
سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يانفونغا تولۇق بىر قېتىم توك قاچىلاشقا 30 نەچچە مىنۇتلا ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، سىزنى ۋاقىتنىڭ ئاستىلىغان-ئاستىلىمىغانلىقىدىن گۇمانلاندۇرالايدىكەن. شۇنداق بولۇپلا قالماي، بۇ توك قاچىلاش تېخنىكىسى كۆپ قېتىم سىناق قىلىنغان بولۇپ، كۆپچىلىك خاتىرجەم ئىشلەتسە بولىدىكەن، توك قاچىلاۋېتىپ ئوينىغاندىمۇ يانفون قىزىپ كېتىش ھادىسىسىدىن ساقلىنالايدىكەن.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، توك قاچىلاش سۈرئىتى ۋە مۇقىملىقى كىشىلەرگە vivoنىڭ پەن-تېخنىكا تۇيغۇسىنىڭ خېلى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
ياخشى ئېكران «چىرايلىق» بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى «كونترول قىلىش ئاسان»، vivo Y300 Proغا سەپلەنگەن بۇ ئېكران مەيلى كۆرۈش ئۈنۈمىدىن تارتىپ تېگىش سېزىمىگىچە بولسۇن، ھەممىسىدە سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەيدۇ. ئۇنىڭغا تەڭ چوڭقۇرلۇقتىكى مىكرو تۆت ئەگرى ئېكران لايىھەسى ئىشلىتىلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە 120Hzلىق يېڭىلىنىش چاستوتىسىنى قوللايدىغان بولغاچقا، ئويۇن ئوينىغاندىمۇ كاندوك تۆۋەنلەپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلمەيدۇ. بۇ ئېكران كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك دەرىجىدە يورۇق بولۇپلا قالماي، يەنە 3840Hzلىق يۇقىرى چاستوتىلىق PWM نۇر تەڭشەشنى قوللايدۇ، بۇ تېخنىكا كۆز چارچاشنى پەسەيتىپلا قالماي، يەنە كېچىچە يانفون ئوينايدىغانلارغىمۇ ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.
سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارى ناچارمۇ دەمسىز؟
vivo Y300 Pro بۇ نۇقتىدا ئەزەلدىن ناچار ئەمەس. ئۇنىڭ ئارقىسىغا 50 مىليون پىكسىللىق سونى ئاساسىي كامېراسى ئورنىتىلغان بولۇپ، مەيلى سىرتتا ياكى كېچىدە بولسۇن، ئېنىقلىقى يۇقىرى سۈرەتكە تارتقىلى بولىدۇ. ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئاساسىي كامېرا ئاپتوماتىك ھالدا سىزنىڭ سۈرەتكە تارتىش ئۈنۈمىڭىزنى ئەلالاشتۇرۇپ، رەڭ، سېلىشتۇرما دەرىجىسىنى ئەڭ ياخشى ھالەتكە تەڭشەيدۇ، ئالدى تەرەپتىكى 32 مىليون پېكسىللىق ئۆزتارتىم كامېرامۇ سىزنى تولۇق رازى قىلالايدۇ.
باتارىيە ھەرقانچە ياخشى، يورۇقلۇق دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسىمۇ، ئەگەر ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇپ قالسا، ھەممىسى قۇرۇق گەپ بوپ قالىدۇ. vivo Y300 Proغا تۇنجى ئەۋلاد سىناپدىراگون 6 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، بۇ بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىسمىدىن قاراشتىلا بەك تۆۋەندەك كۆرۈنسىمۇ بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىي كۈچى خېلى كۈچلۈك، مەيلى كۈندىلىك ئەپلەرنى ئالماشتۇرۇش بولسۇن ياكى ئوتتۇراھال دەرىجىدىكى ئويۇنلارنى ئويناش بولسۇن، سىناپدىراگون 6نىڭ ئىپادىسى بىر قەدەر مۇقىم بولۇپ، ئاسانلىقچە قېتىۋالمايدۇ، ئەڭ مۇھىمى يانفوننىڭ توك سەرپىياتى تۆۋەن ھەم قىزىۋالمايدۇ.
بۇ يانفونغا vivoنىڭ OriginOS 4 سىستېمىسى ماسلاشتۇرۇلغان، بۇ سىستېما ئالاھىدە ئەلالاشتۇرۇلغان توغرا، ئىخچام ھەم قوللىنىشچان. ئۇنىڭغا ساقلاش بوشلۇقىنى كېڭەيتىش تېخنىكىسى قوشۇلسا، ئومۇمىي سۈرئەت تۇيغۇسىنى ھەقىقەتەن «راۋان» دېيىشكە بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا كۈندىلىك ئىشلىتىش جەريانىدا ئازراقمۇ توسالغۇغا ئۇچرىمايسىز.
vivo Y300 Pro يانفونى SGSنىڭ بەش يۇلتۇزلۇق چۈشۈشكە تاقابىل تۇرۇش ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشكەن. دېمەك، ئۇنى قولىڭىزدىن ئەركىن قويۇپ بەرسىڭىزمۇ، ھېچقانچە چاتاق چىقمايدۇ. شۇنداق بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە يامغۇرغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، يامغۇر ۋە نەم مۇھىتتا يەنىلا مۇقىم خىزمەت قىلىدۇ، بۇ دائىم سىرتقا چىقىدىغان دوستلارغا نىسبەتەن ھەقىقەتەن بىر خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟
سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يانفوننىڭ نۆۋەتتىكى باھاسىغا كۆڭۈل بۆلۈشى مۇمكىن، بۇ يانفوننىڭ 12GB+512GB نۇسخىسى پەقەت 1809 يۈەن، 12GB+256GB نۇسخىسى 1568 يۈەن، 8GB+256GB نۇسخىسى 1447 يۈەن، ئەڭ تۆۋەن سىغىملىق 8GB+128GB سىغىملىق نۇسخىسى 1263 يۈەن.
خۇلاسە
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، vivo Y300 Pro ھەقىقەتەن ئادەمنى خۇمار قىلىدىغان مەھسۇلات. ئۇدا ئىشلىتىش ۋاقتى، زەرەتلەش، ئېكران، سۈرەتكە تارتىش، ئىقتىدار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك جايىدا، ئەڭ مۇھىمى، بۇ باھا بىلەن بۈگۈنكى يانفون بازىرىدا ئوخشاش باھادىكى رىقابەتسىز يانفونغا ئايلاندى. شۇڭا، ئەگەر سىز يانفون توكىنىڭ تۈگەپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغان تىپتىن بولسىڭىز، vivo Y300 Pro چوقۇم سېتىۋېلىپ سىناپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.
كىنولار