ئۆلۈپ كەتكەن ئەرمەك ھايۋىنىنى كىلونلاش مودا بولدى

文摘   2024-11-16 21:54   新疆  

سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ



ئاتۇش لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ ئېچىپ نەق مەيدان كۆرۈڭ


ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

2017-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى ئوماق راگدول مۈشۈكى چەي بىر پارچە ئوراش قەغىزىنى خاتا يەۋالغان بولۇپ، غەيرىي ماددا ئۇنىڭ ئۈچىيىنى توسۇۋالغانلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن، ئۆلگەندە ئاران بەش ياشتا ئىدى.

مۈشۈك باققۇچىسى كېللى ئاندېرسون (Kelly Anderson)نىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، چەي ئەمدىلا ئۆيگە ئېلىپ كېلىنگەندە كۆپ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۇ نەچچە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. كېللى بۇ ئىشنىڭ چەي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرغانلىقىنى ھېس قىلغان.

كېللىنىڭ كەيپىياتى چۈشكۈن بولغاندا، چەي خۇددى ئىگىسىنىڭ خاتىرجەمسىزلىكىنى ھېس قىلغاندەك ئۇنىڭغا يېپىشىپ تەسەللى بەرگەن.

كېللىنىڭ ئېيتىشىچە، چەي ئۇنى بىر نەچچە قېتىم چۈشكۈنلۈك گىردابىدىن قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان.

شۇڭا چەي تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، كېللى بۇ رېئاللىقنى بىر مەھەل قوبۇل قىلالمىغان.

ناھايىتى تېزلا، ئۇ بىر قارار چىقارغان: «ئۇ كۈنى كەچتە ئۇخلىيالمىدىم، ئېسىمدە قېلىشىچە، مەن مال دوختۇرى بولغان بىر ياتاقدىشىم بىلەن ئەرمەك ھايۋانلارنى كىلونلاش توغرىسىدا پاراڭلاشقانىدىم. مەن بۇ ئىشنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدىم، ViaGen (ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىغا جايلاشقان، دۇنيادىكى ئاز ساندىكى ئەرمەك ھايۋانلارنى كىلونلاش شىركەتلىرىنىڭ بىرى)نى ئوبدان چۈشەندىم. ئەتىسى ئەتىگەندە، ئۇلار ئىشقا چىقىشىغىلا تېلېفون قىلدىم، ئاندىن مەن دائىم مۈشۈكنى ئېلىپ بارىدىغان مال دوختۇرىدىن چەينىڭ تېرە توقۇلمىلىرىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدىم.»

تۆت يىلدىن كېيىن، كېللى يەنە بىر يېڭى مۈشۈك بېللې (Belle)نى بېقىپ چوڭ قىلغان، بۇ مۈشۈك چەيدىن كىلونلانغان.

(سۈرەتتە: كېللى بىلەن بېللې)

ئۇ چەيگە ئوخشاش چىرايلىق، ئاپئاق، كۆك كۆز.

(تۆت ئايلىق چەي بىلەن بېللىنىڭ سېلىشتۇرمىسى)

گەرچە گېن %100 ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن كىلونلانغان ئەرمەك ھايۋانلار ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، بۇ كۆپىنچە تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. كىلونلانغان ئەرمەك ھايۋانلار شىركىتى خېرىدارلارغا «قايتا ھاياتلىق»تىن ئۈمىد كۈتمەسلىكنى ئەسكەرتىدۇ.

كېللى 2022-يىلىدىكى بىر قېتىملىق زىيارەتتە، يېڭى مۈشۈك بېللې بىلەن چەينىڭ مىجەزىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى، چەينىڭ بىر قەدەر ئىچ مىجەز ئىكەنلىكىنى، بېللېنىڭ بولسا ناھايىتى چىقىشقاق، شوخ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن: «ئۇلارنىڭ ئاساسىي خاراكتىرى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، مەسلەن، ناھايىتى دادىل، تېتىك، ئەمما بۇ سورتنىڭ ئالاھىدىلىكى. بېللې پۈتۈنلەي يېڭى مۈشۈك. ئۇ بىر چاتاقچى، دائىم ئاۋارىچىلىق تېرىيدۇ.»

بېللېدىن باشقا، كېللىنىڭ يەنە ئۈچ مۈشۈكى بار: «مەن باققان باشقا مۈشۈكلەرنىڭ يېشى ئۈچ ياشتىن 13 ياشقىچە بولۇپ، ئۇلار ناھايىتى تەمكىن ئىدى. بېللې يەنىلا بىر ئاسلان، ھەمىشە ئوينىغۇسى كېلىدۇ، باشقا ئالتە ئايلىق بولغان كىچىك مۈشۈكلەرگە ئوخشاش شوخ، تېتىك. ئۇ بەك يېپىشقاق، قىزىقىشى كۈچلۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى يۈرەكلىك، ئازراقمۇ قورقمايدۇ، يېڭى جايلارغا بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. مەن ئۇنى سىرتقا ياكى پىۋىخانىلارغا ئاپىرىمەن، ئۇ باشقا ھايۋانلار ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ۋە تونۇشۇشقا ئامراق.»

كىلون تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر كېللىغا ئوخشاش ئۆلۈپ كەتكەن ئەرمەك ھايۋانلارنى كىلونلاشنى تاللىغان. ئەلۋەتتە، كىلونلانغان ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ باھاسى ئەرزان ئەمەس، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ViaGen شىركىتىنى مىسالغا ئالايلى، ئۇلار 2015-يىلى تىجارەت باشلىغان، كىلونلانغان مۈشۈك ۋە ئىتلارنىڭ باھاسى 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 355 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى)، بىر ئاتنى كىلونلاش ئۈچۈن 85 مىڭ دوللار (تەخمىنەن 604 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) كېتىدۇ.

كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، كىلون تېخنىكىسى ئىنتايىن سىرلىق. يېقىندا، بەزى تاراتقۇلار ئەڭ چوڭ سودا خاراكتېرلىك ئەرمەك ھايۋانلارنى كىلونلاش شىركىتىدە ئىشلەيدىغان خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى كامىلې بىروملى (Camille Bromley)نى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن كىلونلانغان ئەرمەك ھايۋاننىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى تۇنۇشتۇرۇشنى سورىغان.

كامىلېنىڭ ئۆيىدە بىر كىلون ئىت دېۋۇس بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئانا تېنى زېئۇس ئىسىملىك ئىت ئىكەن. زېئۇس ئەسلىدە كامىلېنىڭ ئېرىنىڭ ئىتى بولۇپ، 13 ياشقىچە ياشىغان، ئۇ ئۆلۈشتىن بۇرۇن، كامىلېمۇ شىركەتنىڭ ھۈجەيرىسىنى ساقلاپ قېلىشىغا يول قويغان.

كېيىن ئۇلار زېئۇسنى كىلونلىغان، شۇنىڭ بىلەن دېئۇس بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە دېئۇس چوڭ بولغانسېرى زېئۇسقا ئوخشىغان، بۇ كامىلېنى ھەيران قالدۇرغان.

كامىلېنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى خېرىدارلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەرمەك ھايۋانلارنى كىلونلاشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى تاماملاشتىن ئىبارەت.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خېرىدارلارنىڭ يېرىمى ئەرمەك ھايۋانلار ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلارنى تاپقان ئىكەن.

بۇ خېرىدارلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ، بىر ئامال قىلىپ بۇ خىل ئازابنى پەسەيتمەكچى بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار توردىن «ئەرمەك ھايۋىنىمىز ئۆلۈپ كەتسە قانداق قىلىمىز؟» دەپ ئىزدەپ، ئەرمەك ھايۋانلارنى كىلونلاش شىركىتىنى تاسادىپىي بايقاپ قالغان.

ئەرمەك ھايۋان ئۆلگەندىن كېيىن، ھۈجەيرە بەش كۈن ياشىيالايدۇ، جەسەتنى چوقۇم سوغۇق ساقلاش كېرەك، لېكىن توڭلىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا ھۈجەيرە زىيانغا ئۇچرايدۇ.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، شىركەت قۇلىقىنىڭ بىر قىسمىنى ئۇلارنىڭ تېنىدىن چىقىرىپ تاشلايدۇ، قۇلاق توقۇلمىسى قاتتىقراق بولۇپ، مەشغۇلات قىلىش بىر قەدەر ئاسان.

ئەۋرىشكە تەجرىبىخانىغا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، بىرىنچى قەدەمدە توقۇلمىلاردىن ھۈجەيرە يېتىشتۈرۈپ، بۇ ھۈجەيرىلەرنى توڭلىتىپ ساقلايدۇ. خېرىدار تەييار بولغاندا، كىلونلاش خىزمىتى ئاندىن باشلىنىدۇ.

تەجرىبىخانا تەقدىم قىلىنغان تۇخۇم ئارقىلىق ھۈجەيرە يادروسىنى ئېلىپ، ئۇلار يېتىشتۈرگەن ھۈجەيرىنى كىرگۈزىدۇ. ئۇلار بىر خىل توك بىلەن غىدىقلاش ئارقىلىق تۇخۇمنى ئالداپ، ئۇرۇقلاندى دەپ قاراتقۇزىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدا ئىسپېرما يوق. مانا بۇ كىلونلاشنىڭ «سېھرىي كۈچى».

بىر نەچچە تۆرەلمىنى ياساپ چىققاندىن كېيىن، تەجرىبىخانا ئۇلارنى ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولغان مۈشۈك ياكى ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولغان ئىتنىڭ تېنىگە يۆتكەيدۇ.

ئۇلار ئادەتتە بىردىن ئارتۇق ئاسلان، كۈچۈك تۇغىدۇ، خېرىدارلار ئاساسەن ھەممىسىنى ئېلىپ كېتىدۇ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى خېرىدارلار پەقەت بىرنىلا تاللايدۇ، شىركەت باشقا بىر نەچچە بالىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياردەملىشىدۇ.

كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا، شىركەت خادىملىرى ئۇلارنى بېقىۋالىدۇ، ھەر بىر خىزمەتچىنىڭ ئۆيىدە بىردىن كىلون ئەرمەك ھايۋىنى بولىدۇ.

خېرىدارلار دىرېكتورى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئىتنى كىلونلاش بىر قەدەر قىيىن، چۈنكى ئۇلار ھەر يىلى پەقەت بىر-ئىككى قېتىم كۈيلەيدۇ، سۈنئىي ئۇسۇلدا ئىتنى تۇخۇم چىقىرىشقا قىزىقتۇرالمايدۇ.»

كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇلار ئىزچىل كۆچۈرۈلگەن تۆرەلمىنىڭ سانىنى تەڭشەپ كەلگەن، چوقۇم قانچىلىك تۆرەلمە كۆچۈرسە ئاندىن كۈچۈك تۇغالايدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىش كېرەك، چۈنكى ئىتنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەممۇ بىر قېتىمدىلا 10نى بېقىشنى خالىمايدۇ.

ھازىر ئۇلار بىر خىل يېڭى ئۇسۇلنى تەتقىق قىلىپ چىققان، يەنى بىر نەچچە ئىتنىڭ تۆرەلمىسىنى ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولغۇچى ئىتنىڭ تېنىگە كىرگۈزگەن.

ئەمما بەزى ئەرمەك ھايۋان باققۇچىلار بۇ خىل ئۇسۇلنى ياقتۇرمايدۇ، چۈنكى كۈچۈك تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن، شىركەت قايسى تۆرەلمىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھايات قالىدىغانلىقىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ. خېرىدارلار مۇلازىمەت دىرېكتورىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ خېرىدارلىرى ھەر ساھەدىن كەلگەن بولۇپ، داڭلىق شەخسلەر، بايلار، ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ بار ئىكەن.

نۇرغۇن خېرىدارلارنىڭ بالىسى يوق، بالىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش پۇلى ياكى خىراجىتىنى تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ، شۇڭا ئەرمەك ھايۋان ئۇلارنىڭ بالىسى.

كۆپ ساندىكى خېرىدارلار باشقىلارغا ئۆزىنىڭ كىلونلانغان ئەرمەك ھايۋىنى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشنى خالىمايدۇ، ھەتتا مال دوختۇرى ياكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ زاڭلىق قىلىشىدىن قورقىدۇ. بەزى خېرىدارلار ئۆيىدىكىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئەرمەك ھايۋىنىغا ئوخشايدىغان يېڭى ئەرمەك ھايۋان بېقىۋالغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

نۇرغۇن خېرىدارلار ئۇنىڭدىن مۇنداق بىر سوئالنى سورىغان: «كىلونلانغان ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ خاراكتېرى ئىلگىرىكى ئەرمەك ھايۋانلار بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟»

ئۇ خېرىدارلارغا پىسخىكا جەھەتتىن تەييارلىق قىلىشنى، ئوخشاش بولۇشىدىن ئۈمىد كۈتمەسلىكنى ئېيتىدۇ.

چۈنكى ئۇلار گېن جەھەتتىن ئوخشاش، مىجەزى، ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە بىر قىسىم مىجەز-خاراكتېرى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن تاشقى مۇھىت ئوخشىمايدۇ، كىلون ئەرمەك ھايۋان بىر يېڭى ئەرمەك ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ باققۇچىنى دەرھال تونۇپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس.

بەزى باققۇچىلار كىلونلانغان ئەرمەك ھايۋانلار ئەسلىدىكى ئەرمەك ھايۋانلاردىن تۇغۇلغان بالىلارغا ئوخشايدۇ، دېگەن.

خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى مۇنداق دېگەن: «بىز كىلونلانغان ئەرمەك ھايۋانلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئانا تېنىنى قوشكېزەك دېيىشنى ياخشى كۆرىمىز، پەقەت تۇغۇلغان ۋاقتى ئوخشىمايدۇ. ئەگەر سىز بۇنداق ئويلىسىڭىز، ئۇنچىۋالا قورقۇنچلۇق ئەمەس.»

كىلونلانغان ئەرمەك ھايۋانلار نۇرغۇن باققۇچىلارنىڭ سېغىنىش ئازابىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بەرگەن، لېكىن بۇمۇ ئىزچىل تالاش-تارتىش قوزغىغان تېما بولۇپ كەلمەكتە.

بەزىلەر كىلونلاشقا قارشى تۇرۇپ، كىلونلانغان ئەرمەك ھايۋانلار تەجرىبىخانىسىنى يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئەرمەك ھايۋانلار بالىلىرىنى بېقىش مەيدانىغا ئوخشاتقان، ئۇلار يەنە ئەرمەك ھايۋانلارنى بېقىۋېلىشنى تېخىمۇ تەۋسىيە قىلغان.

كېللىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ بېللېغا ئېرىشكەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال، لېكىن بەزىلەر ئىزچىل ئۇنىڭدىن ئاغرىنىپ كەلمەكتە. كېللىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ھەر كۈنى تپردا نەچچە ئون سەلبىي ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالىدىكەن:

«بەزىلەر مېنى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا مۈشۈكنى كىلونلاپ پۇل تاپىدۇ، دېدى. مەن كىلونلاپ ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىدىم، مەن پەقەت چەينى بەك ياخشى كۆرىمەن، مانا بۇ مېنىڭ ئۇنى كىلونلاشتىكى بىردىنبىر سەۋەبىم.»

ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھايۋانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش تەشكىلاتى (PETA)مۇ ئۇنىڭغا ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى يوللاپ، ئۇنىڭ «غايەت زور تەسىر كۈچى بار»لىقىنى، ئۇنىڭ «كىلونلاش دولقۇنى قوزغىماستىن، بەلكى ئەرمەك ھايۋانلارنى بېقىۋېلىشقا ياردەم بېرىشىنى» ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

كېللى ئەرمەك ھايۋان كۆندۈرگۈچى بولۇپ، ھايۋانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش تەشكىلاتى بىلەنمۇ ھەمكارلىشىپ باققان، ئۇ ئۆزىنىڭ كىلون مۈشۈك بېقىشى باشقىلارنىڭ ئىشىغا دەخلى قىلمايدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىڭلارنى چۈشىنىمەن، لېكىن بۇنداق كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ قىلچە ئاساسى يوق. سىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتىڭلار توغرا ئەمەس، كىلونلاش پاناھلىنىش ئورنىدىكى مۈشۈكلەرگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.»

كېللى 100دىن ئارتۇق مۈشۈكنى باققان بولۇپ، ھەممىسى بېقىۋېلىنغان مۈشۈكلەر، پەقەت چەيلا ئۇنىڭ قەلبىدە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ: «چەيدە ئالاھىدە ھەم ئۆزگىچە بىر نەرسە بار. مەن تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن، مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەرمەك ھايۋان بېقىپ باقمىغان.»

كېللى ئەزەلدىن چەينى كىلونلاپ پۇشايمان قىلىپ باقمىغان، لېكىن ئۇ يەنە يېڭى مۈشۈك بېللېنىڭ ئۆزىگە بەرگەن تۇيغۇسىنىڭ چەي بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

ئۇنىڭ بىلەن چەي ئوتتۇرىسىدا كونكرېت كەچۈرمىشنى ئاساس قىلغان بىر خىل باغلىنىش بار، مەسىلەن، چەي قورقۇپ كەتكەندە، كېللى چەينى كارىۋاتنىڭ ئاستىدىن ئەركىلىتىپ چىقىرىپ، مۇلايىملىق بىلەن ئۇنىڭغا دورا يېگۈزۈپ، چەينىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىدۇ.

ئەمما كېللى بىلەن بېللې ئوتتۇرىسىدا ئوخشاش باغلىنىش مەۋجۇت ئەمەس.

ئۇنىڭ ئەسلەيدىغىنى پەقەت چەينىڭ گېنى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كۆچۈرگىلى بولمايدىغان ئەسلىمە ۋە كەچۈرمىش ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇناسىۋەت.

ئەمما باققۇچى بىلەن ھەر بىر ئەرمەك ھايۋان ئوتتۇرىسىدىكى ئەسلىمە ۋە كەچۈرمىشلەر ئۆزگىچە بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئوخشاش بىر ئەرمەك ھايۋاننى كىلونلاشقا بېرىلىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەلۋەتتە. باققان ئەرمەك ھايۋاننى خورلىماي ياخشى بېقىش، كوچىدىكى لالما ھايۋانلارغا ياخشىلىق قىلىش، شارائىتى يار بېرىدىغانلارنىڭ لالما ھايۋانلارنى بېقىۋېلىپ، ۋاكسىنىسىنى ۋاقتىدا ئەملىتىپ، ئۇلارغا ياخشى كۆڭۈل بۆلۈش ئەمەلىيەتتە ھەر بىر ئەرمەك ھايۋانغا ئاتا قىلىنغان ئەڭ چوڭ مېھىر-مۇھەببەتتۇر.

بىز ھاياتىمىزدا نۇرغۇن ئەرمەك ھايۋانلارنى باقالىشىمىز مۇمكىن، ئەمما ئەرمەك ھايۋانلار ئۆز ھاياتىنى بىزگە ھەمراھ بولۇشقا سەرپ قىلىدۇ، بىز ئۇلارغا مۇھەببىتىمىزنى ئاتا قىلىمىز، لېكىن ئۇلار بىزگە ھاياتىنى ئاتا قىلىدۇ. قىسقىغىنا ئۆمۈر كۆرىدىغان شۇ ئەرمەك ھايۋانلارغا ياخشىلىق قىلىش، كوچىدىكى لالما ھايۋانلارغا ياخشىلىق قىلالمىسىمۇ يامانلىق قىلماسلىق ئادىمىيلىك جۈملىسىدىندۇر.

كىنولار

تەۋسىيەلىك رومانلار
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552

Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章