سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
10. جېيدېن سانچو (Jayden Sancho)
كەسپىي ھاياتى: دورتموند، مانچېستېر بىرلەشمىسى، چېلسى
سانچونىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىدىكى داۋالغۇش مەزگىلىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئۇنى ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈش بەلكىم تالاش-تارتىش قوزغىغان تاللاش بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇنىڭ دورتمۇندتىكى دەسلەپكى كەسپىي ھاياتى، شۇنداقلا ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە ئىجارە شەكلىدە قىسقا ۋاقىت دورتمۇندقا قايتىپ كوماندىنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىشىگە ياردەم قىلغان كەچۈرمىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
سانچو مانچېستىر شەھىرى ياشلار مەشىق بازىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەندە گېرمانىيەگە بارغان ھەمدە شۇ يەردە كېيىنكى تۆت يىلنى ئۆتكۈزگەن. ئۇ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ يېتىلىپ ياۋروپا پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ قىززىق نۇقتىلىق يېڭى ماھىرلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان، بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، مۇسابىقىدە ئالتە توپ كىرگۈزۈپ، دورتمۇندنىڭ 2021/22-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە قالتىس ئىپادىسىنى نامايان قىلىشىغا ياردەم بەرگەن، شۇنداقلا دۆلەت دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونى بولۇشىغا ياردەم بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزگەن.
سانچو ئىنتايىن تالانتلىق يان ھۇجۇمچى، ئۇ دائىم سەپداشلىرىغا پۇرسەت يارىتىپ، كوماندىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 158 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 53 توپ كىرگۈزۈپ، 67 ياردەمچى پاس بەرگەن. 2021-يىلى مانچېستىر بىرلەشمىسىگە يۆتكەلگەندە ئۇنىڭ يۆتكىلىش ھەققى 73 مىليون فوندسىتېرلىڭغا يەتكەن. ھازىر ئۇ چېلسىدا توپ تېپىدۇ، سالامەتلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىش ۋاقتى چەكلىك، لېكىن ئۇ يەنىلا مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، بەش مەيدان مۇسابىقىدە ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس چىقارغان.
9. كۇلۇسېۋىسكى
كەسپىي ھاياتى: ئاتلانتا، پارما، يۇۋېنتۇس، توتتېنھام
كۇلۇسېۋسكى 2022-يىلى 1-ئايدا توتتېنھام بىلەن توختام ئىمزالىغاندا تېخى ئانچە نامى چىقمىغان ياش توپچى ئىدى. شىۋېتسىيەلىك بۇ چولپان ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە ئاتلانتا، پارما ۋە يۇۋېنتۇسقا بارغان ھەمدە يۇۋېنتۇس بىلەن ئىككى مۇھىم لوڭقىغا ئېرىشكەن، بۇ بەش مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ كوماندىغا ۋاكالىتەن ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ 8 ياردەمچى پاس بەرگەن. كۇلۇسېۋىسكى توتتېنھامغا قوشۇلغان تۇنجى مۇسابىقە پەسلىدىلا توتتېنھام مەستانىلىرىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان، ئۇ ئالدىنقى 18 مەيدان ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە بەش توپ كىرگۈزۈپ سەككىز ياردەمچى پاس بەرگەن.
كۇلۇسېۋىسكى توتتېنھامغا قوشۇلغاندىن بۇيان، كوماندا ئۈچۈن 17 توپ كىرگۈزۈپ، 24 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ئۇ پوستېكوگلۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ، داۋاملىق ياخشى بولۇپ كەتكەن، بۇ 24 ياشلىق توپچى چولپانلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىغان.
8. ۋىتىنىيا
كەسپىي ھاياتى: پورتو، بۆرە كوماندىسى، پارىژ سانت گېرمان
ۋېتنىيا پەقەت ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا مەيدانغا چىققان نۇرغۇن پورتۇگالىيەلىك ئوتتۇرا مەيدان تالانتلىقلىرىنىڭ بىرى. گەرچە ھۇجۇمسىمان ئوتتۇرا مەيدان ۋە يان ھۇجۇم ئورنىدا توپ تەپكەن بولسىمۇ، لېكىن ئاساسلىقى ئوتتۇرا مەيدان ئورنىغا قويۇلغان، پارىژ سانت گېرمان چولپىنى لۇئىس ئېنرىكنىڭ قول ئاستىدا تەدرىجىي پىشىپ يېتىلگەن.
ۋېتنىيا پورتو كوماندىسى بىلەن ئىككى قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا، پارىژ سانت گېرمان كوماندىسى بىلەن ئىككى قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ تەرجىمىھالى ئىنتايىن شانلىق بولۇپ، بىر قېتىم فرانسىيە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، ئىككى قېتىم پورتۇگالىيە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ ياش ۋاقتىدىكى كەسپىي ھاياتىدا بىردىنبىر چېمپىيون بولالمىغان مۇسابىقە پەسلى دەل بۆرە كوماندىسىغا ئىجارىگە بېرىلگەن يىلى ئىدى.
ۋىتنىيانىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئوتتۇرىچە ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك پاس بېرىش نىسبىتى %89.6كە يەتكەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېقىنقى ئۈچ مۇسابىقە پەسلىدە 21 توپنىڭ كىرىشىگە تۈرتكە بولغان، ئۇنى تۆۋەن مۆلچەرلەنگەن دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن، پورتۇگالىيە كوماندىسى 2024-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىش جەريانىدا، ئۇ خەلقئارا مۇسابىقە مەيدانىدا بۆسۈش ھاسىل قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پارىژ سانت گېرماندا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان مۇسابىقە پەسلىنى باشتىن كەچۈرگەن، ئۇ 2024-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتى رەت تەرتىپىدە 26-ئورۇنغا تىزىلغان.
7. ئالۋارېز
كەسپىي ھاياتى: دەريا قىنى، مانچېستېر شەھىرى، مادرىد ئاتلېتكا
ئارگېنتىنالىق بۇ ھۇجۇمچى كەسپىي ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىنى دەريا قىنىدا ئۆتكۈزگەن، 2022-يىلى يازدا ئېنگىلاند ئالىي بىرلەشمىسىدىكى كۈچلۈك كوماندا مانچېستېر شەھىرىگە يۆتكەلگەن، مانچېستېر شەھىرىدىكى تۇنجى مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ كوماندىغا ياردەملىشىپ ئۈچ شاھلىقنى قولغا كەلتۈرگەن، 1999-يىلى مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن كېيىن تۇنجى بولۇپ ئۈچ شاھلىققا ئېرىشكەن ئېنگلاند كوماندىسى بولۇپ قالغان. شۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ يەنە ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن قاتار دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، يەنە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2021-يىلى ۋە 2024-يىلى ئىككى قېتىم ئامېرىكا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.
پەقەت ئىككى مۇسابىقە پەسلىدىن كېيىن ئالۋارېز ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 103 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 36 توپ كىرگۈزۈپ، 18 قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ، مادرىد ئاتلېتكىغا قوشۇلغان. نۆۋەتتە 24 ياشلىق بۇ ھۇجۇمچى مادرىد ئاتلېتكىدىكى تۇنجى مۇسابىقە پەسلىدە، دەسلەپكى 17 مەيدان مۇسابىقىدە سەككىز توپنىڭ كىرىشىگە تۈرتكە بولغان، مېسسى ئەڭ ئاخىرىدا چېكىنگەندە، ئۇ بەلكىم ئارگېنتىنا پۇتبولىنىڭ بەلگە خاراكتىرلىك چولپانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
6. ئالفونسو داۋىس
كەسپى: ۋانكوۋېر ئاق دولقۇن، بايرېن مىيۇنخېن
ھازىرقى ياۋروپا پۇتبولچىلىقىدىكى ئەڭ تالانتلىق مۇداپىئەچىلەرنىڭ بىرى دەل بايرېن مىيۇنخېننىڭ سول بېكى ئالفونسو داۋىس. كانادالىق بۇ چولپان كەسپىي ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، 17 يېشىدا شىمالىي ئامېرىكىدىن گېرمانىيەگە يۆتكەلگەن ھەمدە ناھايىتى تېزلا دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر بېكلارنىڭ بىرى بولۇپ يېتىشىپ چىققان.
ئالفونسو داۋىس سول قاناتتا ناھايىتى تېز بولۇپ ھەم ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ ھەم ھۇجۇمغا قاتنىشالايدۇ، ھەم تېز سۈرئەتتە ئۆتۈپ مۇداپىئەگە قايتالايدۇ. ئۇنىڭ سۈرئىتى ۋە كامالەتكە يەتكەن توپ ئېلىپ مېڭىش ۋە پاس بېرىش ماھارىتى ئۇنى ياۋروپادىكى ئەڭ كۆپ ئىقتىدارلىق بېكلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان. ھازىر ئالفونسو داۋىس 10 مۇھىم لوڭقىغا ئېرىشكەن، ھەمدە بايرېن مىيۇنخېندا توپ تەپكەن دەسلەپكى 7 يىلدا 6 قېتىم گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.
يېقىندا، ئۇ كانادا دۆلەت كوماندىسىنىڭ يېڭى كوماندا كاپىتانلىقىغا تەيىنلەنگەن، ئۇ بۇ دۆلەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچىلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ، 55 مەيدان مۇسابىقىدە كانادا پۇتبولچىلىقىنىڭ قايتا گۈللىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 15 توپ كىرگۈزۈپ، 18 قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن.
5. رېئۇس ئوپېندا
كەسپىي ھاياتى: برۇگېس، كۈتكۈچىلەر، لېنس، RB لېيپزىگ قىزىل كالا
رېئۇس ئوپېندا بۇ تىزىملىكتىكى ئەڭ داڭلىق توپچى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ 2022-يىلى برۇگېس كوماندىسىدىن (ۋىتېرسقا ئىككى يىل ئىجارىگە بېرىلگەن) RB لېيپزىگ قىزىل كالا كوماندىسىغا يۆتكەلگەن، بىر مۇسابىقە پەسلى توپ تەپكەندىن بۇيان، گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە باش كۆتۈرگەن، ئۇ ياۋروپادىكى ئەڭ قالتىس ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ، بىرلەشمىدە 29 توپ كىرگۈزگەن.
4. ئورېليان جوئان ئامېنى
كەسپىي ھاياتى: بوردو، موناكو، خانلىق مادرىد
جوئان ئامېنى خانلىق مادرىدنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئوتتۇرا مەيدان يادروسىنىڭ بىرىگە ئايلانغان، ئۇنىڭ نام چىقىرىش يولى فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىن باشلانغان، بوردو ۋە موناكودا بىر مەزگىل تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ئىسپانىيەگە بارغان.
ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جوئان ئامېنىنىڭ توپ توسۇش ۋە توپ تارتىۋېلىش سانلىق مەلۇماتى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ، ئۇ پۈتۈن كەسپىي ھاياتىدا ھەر مەيدان مۇسابىقىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2.07 قېتىم توپ توسۇش، 2.73 قېتىم توپ تارتىۋېلىش ۋە 1.6 قېتىم توپ چىقىرىۋېتىشتەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن. ھۇجۇم جەھەتتە، فىرانسىيەلىك بۇ چولپاننىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان تالانتىمۇ بار، ئۇ ھەر مەيداندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1.27 قېتىم ئالدىغا توپ ئېلىپ ماڭىدۇ، مادرىدقا كەلگەندىن بۇيان، ئۇنىڭ پاس بېرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %91.9كە يەتكەن.
3. فىل فودېن
كەسپىي ھاياتى: مانچېستېر شەھىرى
فىل فودېن مانچېستېر شەھىرى ياشلار تەربىيسىدە يىتىشىپ چىققان ئەڭ مۇنەۋەر توپچىلارنىڭ بىرى. PFAنىڭ 2023/24-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىسى ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە قالتىس ئىپادىسىنى نامايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ياش كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى ياراتقان، ئۇ جەمئىي 19 توپ كىرگۈزۈپ سەككىز ياردەمچى پاس چىقارغان، مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىنىڭ ئېنگىلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە ئۇدا تۆت قېتىم چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى مۇھىم ئەزا.
گەرچە بۇ مۇسابىقە پەسلى ئۇنىڭ مانچېستېر شەھىرىدىكى 8-مۇسابىقە پەسلى بولسىمۇ لېكىن ئۇ جەمئىي ئالتە قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا، بىر قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا، ئىككى قېتىم ئۇيۇشما لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ۋە تۆت قېتىم بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان بۇ جەرياندا 284 مەيدان مۇسابىقىدە 90 توپ كىرگۈزۈپ، 55 قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن.
2. ۋىنىسىئۇس جۇنىئول
كەسپىي ھاياتى: فلامېنگو، خانلىق مادرىد
2000-يىلى تۇغۇلغان بارلىق مۇنەۋۋەر توپچىلار ئىچىدە، خانلىق مادرىدتىكى ۋىنىسىئۇس گۇمانسىزكى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. بۇ يان ھۇجۇمچى 2018-يىلى 18 ياش ۋاقتىدا برازىلىيەنىڭ فلامېنگودىن خانلىق مادرىدقا يۆتكەلگەن، ھەمدە باشتىن-ئاخىر مەيدانغا چىقىش ۋاقتىغا ئېرىشكەن، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى بولۇپ قالغان.
خانلىق مادرىدتىكى ئالتە يېرىم مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ بەزىدە پۈتۈن كوماندىنىڭ ھۇجۇم يۈكىنى كۆتۈرەلەيدىغان توپچى بولۇپ قالغان، ئۇ 281 مەيدان مۇسابىقىدە 95 توپ كىرگۈزۈپ، 82 ياردەمچى پاس چىقارغان.
1. خالاند
كەسپىي ھاياتى: برۇينې، مولدې، سالزبۇرگ قىزىل كالا، دورتموند، مانچېستېر شەھىرى
ھېچقانداق گۇمانسىزكى ھازىرقى پۇتبول دۇنياسىدىكى 1-نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈش ماشىنىسى خالاندنى 1-ئورۇنغا تىزىلىشقا لايىق!
كىنولار