سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
كارېننا كاپۇر (Kareena Randhir Kapoor) 2000-يىلى كەسپىي ھاياتىنى باشلىغاندىن كېيىن، ھەر قايسى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئۇنىڭ جەمەتىدىكى تۆت ئەۋلاتمۇ ئاساسەن ئارتىسلىقتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، سەھنىگە چىققان 22 يىلدىن بۇيان، كارېننا كاپۇر ئاللىقاچان بوللىۋودتىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ۋە ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشى بولۇپ قالغان. كىنوچىلىق ساھەسىدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئايال ئارتىس بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ بوللىۋودتىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى چولپانلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ كەلگەن.
ئائىلە مۇھىتى سەۋەبلىك كارېننا كاپۇر خېلى بۇرۇنلا بۇ كەسىپ بىلەن ئۇچراشقان. 19 يېشىدا ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم «مۇساپىر»دا تۇنجى قېتىم رول ئالغان ھەمدە ئۇنىڭ ئارتىسلىق ھاياتىنى باشلىشىغا ياردەم بەرگەن، گەرچە ياخشى باشلىنىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىر قاتار مەغلۇبىيەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزىنىڭ كەسپىنىڭ شانلىق نەتىجىسىنى كۈتۈۋالغان. كارېننا كاپۇرنىڭ ئاتا-ئانىسى كۆزگە كۆرۈنگەن ئارتىس، بىراق ئۇنىڭ ئاپىسى كېيىن ئارتىسلىقتىن چېكىنگەن. كارېننا كاپۇر كىچىكىدىن تارتىپلا كىنو بىلەن ئۇچراشقان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئايال ئارتىس مىنا كۇمارى ۋە نەرگىسنىڭ ئىلھامى بىلەن رول ئېلىشقا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىغان. گەرچە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئارتىس ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ دادىسى ئاياللارنىڭ كىنوغا قاتنىشىشىنى قوللىمىغان، پەقەت ئۇ بۇنى ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى ئەنئەنىۋى ئانىلىق مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدۇ دەپ قارىغان. بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا، كارېننا كاپۇر بىلەن ئاچىسىنى ئانىسى يالغۇز بېقىپ چوڭ قىلغان. ئۇنىڭ ئانىسى 1991-يىلى ئاچىسى ئايال ئارتىس سالاھىيىتىدە تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىققانغا قەدەر قىزلىرىنى قوللاش ئۈچۈن بىر قانچە خىزمەت قىلغان. 2007-يىلى 10-ئايدا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاخىرى يارىشىپ قالغان. كارېننا كاپۇر زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «ھازىر ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولدى، گەرچە مەن دادامنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن يىللار بولغان بولسىمۇ، لېكىن بەختكە يارىشا ھازىر بىز يەنە بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇپ قالدۇق.»
كارېننا كاپۇر ئىلىم-پەنگە ئانچە قىزىپ كەتمىگەن، لېكىن ئىزچىل مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغان، ئۇ مىسسىسىپى شۆيۈەنىدا ئىككى يىل ئوقۇغان، ئاندىن خارۋاردقا بېرىپ ئۈچ ئايلىق مىكرو كومپيۇتېر يازلىق تەتىللىك دەرسىگە قاتناشقان. ھىندىستانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ بومبايدىكى قانۇن شۆيۈەنىدە ئوقۇغان، لېكىن بىر يىلدىن كېيىن ئوقۇشتىن توختاپ قالغان. شۇ چاغدا ئۇ ئاكتىيورلۇقنى قوغلىشىشقا بەل باغلىغان ھەمدە ھىندىستان كىنو-تېلېۋىزىيە تەتقىقات ئورنىدا تەربىيەلىنىشكە باشلىغان.
2001-يىلى «بەزىدە خۇشاللىق بەزىدە قايغۇ»دا پۇجيانىڭ رولىنى ئالغان. بۇ بىر ئىنتايىن ئالقىشقا ئېرىشكەن فىلىم، شۇنداقلا كارېننا كاپۇرنىڭ ئورنىنى تىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ يىللىق بېلەت كىرىمى ئىككىنچى يۇقىرى فىلىم بولۇپ قالغان. بۇ كىنونىڭ رېژىسسورى ئۇنى ئاساسلىق يارقىن نۇقتىلارنىڭ بىرى دەپ تەسۋىرلىگەن، بۇمۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئەڭ ياخشى ئايال يانداش رولچى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشى ۋە ھىندىستان ئالىي مەكتەپ ئېكران مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشىگە تۈرتكە بولغان.
ئاندىن كېيىنكى ئىككى يىلدا كارېننا كاپۇر زور ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، ئۇنىڭ ئالتە كىنوسىنىڭ ھەممىسى بېلەت كىرىمىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. ئوبزورچىلار يەنە كارېننا كاپۇرنىڭ پەقەت گۈزەل تاشقى قىياپىتىلا بار، يەنە بىر قېتىم قېلىپلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇ 2004-يىلىدىكى «شامېلى» ناملىق كىنودا جەڭ ئېلان قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە رول ئالغان، بۇ رولمۇ ئۇنىڭ ئېكراندىكى ئوبرازىنى قايتا تىكلىشىگە ياردەم بەردى.
بوللىۋود كىنولىرى بىلەن بوللىۋود چولپانلىرىنىڭ مۇھەببەت ھېكايىلىرىنىڭ ئادەتتە نۇرغۇن ئورتاقلىقى بار، كارېننا كاپۇرمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. ئۇ ساھىد كاپ بىلەن ئېكران ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەڭ جەلىپكار بىر جۈپلەر ئىدى، بىراق ئۇلار «پويىزدىكى ئاجايىپ ئۇچرىشىش» ناملىق فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا ئايرىلىپ كەتكەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، كارېننا كاپۇر سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا سەيىف ئەلى خاننى ياخشى كۆرۈپ قالغان. كارېننا كاپۇرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھېسسىيات ئىشىدا ھەممە ئىش تەبىئىي ئىكەن.
بۇ مۇھەببەتكە نەزەر سالساق، ساھىد كاپ بىر قېتىملىق زىيارەتتە ئۆزىنىڭ كاپۇر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلغان، ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز كۆرۈشۈپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇچرىشىشقا باشلىدۇق. شۇ مەزگىللەردە كارېننا كاپۇر مېنىڭ ھاياتىمغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. گەرچە ئۇ ئاستا-ئاستا يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، گۆشسىز غىزالانغۇچىغا ئايلىنىپ، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن مەن كاپۇر سەۋەبلىك تېخىمۇ زور ئىشەنچكە ئىگە بولدۇم!»
كاپۇرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇلارنىڭ مىجەزى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىكەن، يەنى بىر-بىرىنىڭ بوشلۇقىنى تولدۇرىدىكەن، يەنە بىر-بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكىنى يوقىتىدىكەن. كۆپ يىل ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ھەر ئىككىيلەننىڭ بەختلىك ئائىلىسىمۇ بار بولغان، ساھىد كاپ ھازىر ئىككى بالىنىڭ پەخىرلىك دادىسى بولۇپ قالغان، كارېننا كاپۇر بوللىۋودنىڭ گىگانت چولپىنى سەيىف بىلەن توي قىلغان، ئۇلارمۇ ئىككى ئوماق بالىلىق بولغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كارېننا كاپۇرنىڭ ئارتىسلىق كەسپىدىن باشقا، ئۇ يەنە لايىھەلەش كەسپىگىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن. پارچە سېتىش زەنجىرسىمان دۇكىنى Globus بىلەن بولغان بەش يىللىق ھەمكارلىق ئورناتقان، كارېننا كاپۇر تۇنجى بولۇپ ئۆزىنىڭ ئايالچە كىيىم-كېچەكلىرىنى بازارغا سالغان ئايال ئارتىس بولۇپ قالغان، ئۇ بۇ خىل ھەمكارلىقنى ئىنتايىن ئالاھىدە دەپ تەسۋىرلىگەن. 2019-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، كارېننا كاپۇر لايىھەلىگەن كىيىملەر ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۇكانلاردا كۆرگەزمە قىلىنىپ، نۇرغۇن ياخشى باھالارغا ئېرىشتكەن. Globus بىلەن بولغان توختام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ بىر لايىھەلەش شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆزىنىڭ كىيىم-كېچەك يۈرۈشلۈكىنى خەلقئارادا داۋاملىق ئېلان قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2021-يىلى 8-ئايدا، كارېننا كاپۇر ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش گىرىم بۇيۇملىرىنى بازارغا سالغان، كېيىن Ishq FM بىلەن ھەمكارلىشىپ، رادىيو پىروگراممىسى «ئاياللار ئارزۇسى» (Women Want)غا رىياسەتچىلىك قىلغان، بۇ پىروگرامما ياخشى باھاغا ئېرىشىپ، ئۇ يەنە مۇزىكا كۆرىكى رادىئو مۇكاپاتى بويىچە ئەڭ ياخشى دىكتور بولۇپ باھالانغان، كېيىن يەنە ئىككىنچى بۆلۈمىنى قويۇشقا تەييارلانغان، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىدىن يىراقتىن زىيارەت قىلىش شەكلى بىلەن ئۈچىنچى بۆلۈمنىمۇ سۈرەتكە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كىنولار