ئالەم بوشلۇقىدىكى ئۇچقۇچى ئاچ قالدىمۇ؟ئالەم ئۇچقۇچىسى: ۋاي ياقەي

文摘   2024-11-14 21:45   新疆  

سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىسى سۇنى ۋىليامس بىلەن بۇتچ ۋىلمور خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا قاپسىلىپ قالغىنىغا 160 كۈن بولدى.

ئۇلار ئەڭ دەسلەپتە دېيىشكەن توققۇز كۈنلۈك ۋەزىپىدىن، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە يەر شارىغا قايتىپ كېلىشى ئېنىق ئەمەس ھالەتنى باشتىن كەچۈردى...

ئىلگىرىكى سۈرەتلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سۇنىنىڭ يۈز شەكلى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتىن بۇرۇنقى يۇمىلاق ھالەتتىن ئاۋاق ھالەتكە كېلىپ قالغان، قارىماققىلا ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەندەك كۆرۈنگەن.

«ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر» ئەينى چاغدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىكى يېمەك-ئىچمىكىنىڭ ئىسسىقلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغانلىقىنى، سۇنىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە بۇ ۋەزىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

بۇنىڭ تەسىرىدە، ئامما پىكرى بۇنىڭغا مەسئۇل بولۇشقا تېگىشلىك NASA ۋە بوئېڭ شىركىتىنى قاتتىق تەنقىدلەشكە باشلىغان.

يەر يۈزىدىكى تالاش-تارتىشمۇ ئوخشاشلا ئالەم بوشلۇقىغا تارقالغان، تۈنۈگۈن، سۇنى ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ گۇمانىغا جاۋاب بەرگەن: «ئاچ-يالىڭاچ قالغان ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس، كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە رەھمەت، مېنىڭ سالامەتلىكىمدە ھەقىقەتەن چوڭ چاتاق يوق.»

ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ئاياللارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇش جەريانىدا قان پىلازمىسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپ بولىدىكەن، چۈنكى ئاياللارنىڭ ئىنكاسى يۈرەك رىتىمىنىڭ تېزلىشىشى، ئەرلەرنىڭ ئىنكاسى بولسا قان تومۇرنىڭ قارشىلىق كۈچىنىڭ ئېشىشى بولىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇش قاتارلىق مىكرو ئېغىرلىق كۈچى مۇھىتىدا ئاياللارنىڭ مۇسكۇللىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ. بۇ گەپلەر يەنە كىشىلەرنىڭ NASAغا بولغان گۇمانىنى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ سۇنىنىڭ بەدىنىگە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان.

سۇنى ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان بۇ «ئۆسەك سۆزلەرگە رەددىيە» فىلىمىدىكى ئورۇقلاپ سۇلغۇن بولۇپ قالغان قىياپىتىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، ناھايىتى روھلۇق كۆرۈنگەن.

ئۇ «تېنى ئاجىز، بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ» دېگەن سۆز-چۆچەكلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئالەم بوشلۇقى مۇھىتىدىكى بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ يۆتكىلىشى ۋە ئېغىرلىقنى يوقىتىشنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ يەنىلا مۇقىم ئىكەنلىكىنى، 6-ئايدا خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا كىرگەن چاغدىكىگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تاشقى قىياپەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە كەلسەك... سۇنى بۇنىڭ «بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ يۆتكىلىشى» سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇش جەريانىدا، ئېغىرلىقنى يوقىتىش قان ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ بەدەننىڭ تۆۋەنكى قىسمىدىن ئۈستۈنكى قىسمىغا يۆتكىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ جەريان بەزىدە قەدەمنىڭ ئىششىشى، پۇتنىڭ ئىنچىكىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، باش قىسمىغا، يۈز شەكلىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

سۇنى مۇنداق دېگەن: «كۆپچىلىك گۇمان قىلىۋاتقان يەنە بىر نۇقتا-ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تاماقنى ياخشى يېمەي ئورۇقلاپ كەتكەنلىكى پىتنە-ئىغۋا.»

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقى تۇرمۇشى ئېلىپ كەلگەن مۇسكۇللارنىڭ يىگىلىشى، سۆڭەكنىڭ زىچلىقىنىڭ يوقىلىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، كۆپ مىقداردا يۇقىرى كالورىيەلىك يېمەكلىكلەرنى يېيىشى كېرەك.

سۇنى يۇقىرىدا دۈملەپ پىشۇرۇلغان بېلىق، گۈرۈچ تامىقى، ئىتالىيە ئاچچىق-چۈچۈك كولباساسى، پىسا، بەرەڭگە قەلەمچىسى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يېيەلەيدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ يېمەكلىك بىلەن تەمىنلىشى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئىسسىقلىق ۋە ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئەلۋەتتە، بەدەن ھالىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئالەم بوشلۇقى تۇرمۇشىدا يەنىلا كۈندىلىك قاتتىق مەشىق كەم بولسا بولمايدۇ.

سۇنىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بىر مەزگىللىك ئۇدا مەشىق قىلىش، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ۋە ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ھەرىكىتى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ مۇسكۇللىرى كۆپەيگەن، يوتىسى ۋە ساغرىسى تېخىمۇ قاۋۇل بولۇپ كەتكەن.

گەرچە ئالاقىدار تەرەپلەر مەسىلىنىڭ چوڭ ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن تورداشلار يەنىلا ئازراق ئەندىشە قىلغان.

ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇپ قالغان ئىككىيلەننىڭ بىرى 58 ياش، يەنە بىرى 61 ياش، گەرچە ئىككىلىسى تەجرىبىلىك مۇتەخەسسىس بولسىمۇ، لېكىن يېشى ئوتتۇرا ياش، ياشىنىپ قالغان بولغاچقا، تەن ساپاسىنى ياش، ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.

ئىككىيلەن دەسلەپتە بۇ قېتىمقى ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىپ بولۇپلا پېنسىيەگە چىقىشنى ئويلىغان، ئويلىمىغان يەردىن يىل ئاخىرىغىچە قېلىپ قالغان، ئەڭ بالدۇر بولغاندىمۇ 2025-يىلى 2-ئايدا ئاندىن پېنسىيەگە چىقالايدىكەن.

6-ئايدا تاساددىپىي ۋەقە يۈز بېرىپ، ئىككىسى نورمال قايتىشقا ئامالسىز قالغاندا، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ۋە بۇ قېتىمقى ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل بولغان بوئېڭ شىركىتىنىڭ تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان.

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئالدى بىلەن «ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ قايتىپ كېلەلمەسلىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى باشقا پىلانى بارلىقىدىن» دېگەن: «ئەگەر زۆرۈر بولسا، ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئۇزۇن مۇددەت سىغدۇرالايدۇ، شۇڭا ئۇلارغا خەتەر يەتمەيدۇ. ئەگەر بوشلۇق پونكىتىدا جىددىي ئەھۋال كۆرۈلسە، پىلانېتىلار ئارا يولۇچىلار ئۇچقۇسى يەنىلا يەر شارىغا قايتىپ كېلەلەيدۇ. NASAنىڭ ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كېچىكتۈرۈشى بۇ قېتىمقى ۋەزىپىنىڭ قايتىش بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىدىن ئەمەس، بەلكى ئىمكانقەدەر كۆپ سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاپ، كەلگۈسىدىكى ئۇچۇش جەريانىدا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈندۇر.»

گەرچە ئاغزىدا شۇنداق دېگەن بولسىمۇ، لېكىن راست-يالغانلىقىغا بىرنېمە دېمەك تەس.

تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، كۆپچىلىك ئەسلىدە ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلاشقان بوئېڭ شىركىتى تەمىنلىگەن «پىلانېتىلار ئارا يولۇچىلار ئۇچقۇسى» ئۈسكۈنىسىنىڭ ھەقىقەتەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە رېمونت قىلغىلى بولمايدىغان بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى بارلىقىنى بايقىغان...

بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان، ئۇلار باشقا دۆلەتلەردىن ياردەم سورىسا، ئامېرىكىنىڭ تېخنىكىسىنىڭ نامىغا داغ يەتكەندەك كۆرۈنىدۇ، ئەگەر دۆلەت ئىچىدە بوئېڭدىن باشقا شىركەتلەردىن ياردەم تەلەپ قىلسا (ئەمەلىيەتتە پەقەت ماسكنىڭ SpaceX شىركىتىدىنلا ياردەم تەلەپ قىلغىلى بولىدۇ)، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى دەسلەپتە بوئېڭ شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى تاللىغان، شۇڭا خەقنىڭ ئالدىدا سەت تۇرىدۇ.
شۇ سەۋەبلىك قايتىش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتكەن. تاكى ئامما پىكرى بىر يەرگە بېرىپ، ئىشلارنى پۈتۈنلەي يوشۇرۇپ بولالمىغانغا قەدەر، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئامالسىز SpaceXدىن ياردەم سوراشنى ئويلاشقان.
بىر نەچچە قېتىم كېڭىشىش ئارقىلىق، قايتىش ۋاقتى ئاخىرى كېلەر يىلى 2-ئايغا بېكىتىلگەن. پىلان بويىچە، ئىككىيلەن SpaceXنىڭ «ئەجدىھا ئالەم كېمىسى» ناملىق ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ يەر شارىغا قايتىپ كېلىدۇ.
ئالەم بوشلۇقىدىكى ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئىزچىل ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە ئىدى، ئەمما ئۇلارمۇ ئۆيگە قايتىدىغان ۋاقىتنىڭ كەينىگە سۈرۈلۈپ، ئاخىرى 2025-يىلىغا سۈرۈلۈپ كېتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى... بىراق سۇنىنىڭ ئالدىنقى كۈنى روھلۇق ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىپ پىتنە-پاساتلارغا رەددىيە بېرىپ، NASA ئۈچۈن گەپ قىلغانلىقىغا قارىساق، روھىي ھالىتى خېلى يامان ئەمەستەك قىلىدۇ.
كىنولار
تەۋسىيەلىك رومانلار
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552

Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章