ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى نۇرغۇن ئاياللارنىڭ بېشىغا چىقتى

文摘   2024-11-16 21:54   新疆  

سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ




ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

سىپروتېرون (环丙孕酮) بولسا بىر خىل بىرىكمە ھامىلىدارلىق ھورمۇنى. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان، سىپروتېروننى ئىزچىل تۈردە بايېر شىركىتى ساتقان. بۇ خىل دورا ئەڭ دەسلەپتە چاچنىڭ زىيادە ئۆسۈپ كېتىشىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلگەن، كېيىن كەڭ كۆلەمدە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى، دانىخورەك ياكى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى باشقا ئورۇندا بولۇش كېسىلىنى داۋالاش، شۇنداقلا ئەرلىك ھورمۇننى توسقۇچى جىنس ئۆزگەرتكۈچىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.

ئۇزۇندىن بۇيان، سىپروتېرون بىر خىل ئاجايىپ دورا دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن، ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرى بۇ خىل دورىنى يېزىپ بېرىدىغان ئاساسلىق دوختۇرغا ئايلانغان.

لېكىن، ئۇلارنىڭ بىلمەيدىغىنى شۇكى، بۇ خىل ئىنتايىن ئۈنۈملۈك دەپ قارالغان دورىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەكس تەسىرى بار، ئۇ مېڭە پەردە ئۆسمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

پارىژ سانت ئاننى دوختۇرخانىسى نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى يوھان پاللۇد چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «مېڭە پەردە ئۆسمىسى مېڭە پەردىسى (چوڭ مېڭە ئەتراپىدىكى يېپىنچا ماددا)دىكى ئۆسمە. مېڭە پەردە ئۆسمىسى باش سۆڭىكىنىڭ بېسىشىغا ئۇچراپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئۆسۈپ چىقىپ، چوڭ مېڭە ياكى چوڭ مېڭە نېرۋىلىرىنى بېسىۋالىدۇ.»

دەل مۇشۇ يوشۇرۇن ئەكس تەسىر سانسىزلىغان فىرانسىيە ئاياللىرىنىڭ سالامەتلىكىنى زەھەرلىگەن.

ئاماۋېيا (Amavea) جەمئىيىتىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى ئېمانۇئېل يۇت مىگنون دەل سىپروتېروننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى.

2017-يىلى سىپروتېروننى يەتتە يىل ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، ئېممانۇئېل ئۆزىنىڭ بەش دانە مېڭە پەردە ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقىغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئاپېلسىن چوڭلۇقىدا ئىكەن. مېڭە پەردە ئۆسمىسى ئۇنىڭ ئوڭ تەرەپ يېرىم پالەچ بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تىل ئىقتىدارىنى ناچارلاشتۇرۇۋەتكەن، بۇ ئۇنىڭ خىزمىتىگە زور قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلگەن، شۇنداقلا ئۇنى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار قىلغان.

كېيىن ئېممانۇئېل مېڭە پەردە ئۆسمىسى ئوپېراتسىيەسىنى قوبۇل قىلغان. بۇ خىل ئوپېراتسىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى كېسەللىك ئالامىتىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى ۋە ئۆسمىنىڭ ئورنىغا باغلىق بولۇپ، خەۋپ-خەتەر ئازدۇر-كۆپتۇر بار.

ئېممانۇئېلنىڭ ئوپېراتسىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى دېگىلى بولمايدۇ، لېكىن بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇ گەپ قىلغاندا كېكەچلەپ قالىدۇ، يەنە كېلىپ ناھايىتى تېزلا ھېرىپ قالىدۇ. ئۇ ئۆزىگە بۇ دورىلارنى يېزىپ بەرگەن ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرىنىڭ ئەزەلدىن ئۇنىڭغا بۇ خىل خەتەرنى ئېيتىپ باقمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن: «مەن بىر دوختۇردىن بۇ سوئالنى سورىغىنىمدا، دوختۇر ماڭا بۇ خىل داۋالاشنىڭ ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى دېگەنىدى.»

بىراق، بۇنداق ئىشقا يولۇققانلار ئېممانۇئېللا ئەمەس. ئوخشاش كېسەللىك ئالامىتىگە گىرىپتار بولغان ھەمدە تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئونغا يېقىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۆزلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋاسى قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مارىي ئانگېل دەل شۇلارنىڭ بىرى.

ئۇ لۇتېنىلنى ئون يىل ئىستېمال قىلغان، بۇ يەنە بىر خىل ھامىلىدارلىق ھورمۇنى (孕激素، يەنى پىروگېستىن) دورىسى بولۇپ، ئۇمۇ مېڭە پەردە ئۆسمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىرى ئۇنىڭغا بۇ خىل دورىنى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ۋە ھەيز مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە قارشى تۇرۇشقا ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلغان.

53 ياشلىق بۇ زىلۋا ئايالنىڭ ئۇزۇن قارا چېچى ئاستىدا، سول قۇلىقىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە بىر چوڭ تارتۇق بار بولۇپ، بۇ 2019-يىلى مېڭە پەردە ئۆسمىسىنى ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغاندا قالغان ئىز ئىدى.

مارىي ئانگېلنىڭ مېڭە پەردە ئۆسمىسى كۆرۈش نېرۋىسىنىڭ كەينىدە بولۇپ، ئوپېراتسىيە قىلىنمىسا كۆزىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن، ئاۋارىچىلىق يەنىلا كەينى-كەينىدىن يۈز بەرگەن.

دوختۇر بىر خىل مەلھەم دورا بىلەن ئۇنىڭ مېڭە پەردە ئۆسمىسىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن قېپقالغان تۆشۈكنى تولدۇرغان، لېكىن ئۇنىڭ بەدىنىدە بۇنىڭغا قارىتا يەكلەش پەيدا بولغان، ئامالسىزلىقتىن مارىي ئانگېل يەنە بىر قېتىم ئوپېراتسىيەگە چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان. بۇ قېتىم دوختۇر ئۇنىڭ بېشىغا بىر پەردە كىلاپانى قويۇپ، بىر نەيچە كىرگۈزۈپ، بۇ ئارقىلىق چوڭ مېڭىگە يىغىلىپ قالغان سۇنى چىقىرىۋەتكەن.

لېكىن بۇ كىلاپان توسۇلۇپ قېلىپ يۇقۇملانغاندا، مارىي ئانگېلنىڭ ئاغرىقى يەنىلا داۋاملاشقان.

ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سەككىز قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنغان، بۇ ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن، كىلاپان سەۋەبىدىن، ئۇ كۆكس مەسىلىسىنى ماگنىتلىق رېزونانس ئارقىلىق تەكشۈرۈشكە ئامالسىز قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مېڭە پەردە ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغاندا يەنىلا ھامىلىدارلىق ھورمۇنى دورىسى ئىچىۋاتقان بولغاچقا، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ بالىياتقۇسىمۇ ئېلىۋېتىلگەن.

مارىي ئانگېل ئۆزىنىڭ ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئەزەلدىن ئەسكەرتىپ باقمىغانلىقىنى چۈشىنەلمىگەن، ئۇ پەقەت لۇتېنىل ياساش سودىگىرى تېرامېكس (Theramex) تەجرىبىخانىسىنى ئەرز قىلىپ، تۆلەمگە ئېرىشمەكچى بولغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: ئەگەر ئەينى چاغدا بىرەرسى ماڭا: «ئېھتىيات قىلىڭ، بۇ خىل دورا مېڭە پەردە ئۆسمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەر يىلى كۆزىتىپ تۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەن بولسا، مەن بۈگۈنكىدەك ھالغا چۈشۈپ قالمىغان بولاتتىم.

ئۇنداقتا، بۇ خىل ئەكس تەسىرنى راستتىنلا ھېچكىم بىلمەمدۇ؟

ئەمەلىيەتتە، 2004-يىلىلا نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى سېباستىن فولىش تۇنجى بولۇپ مېڭە پەردە ئۆسمىسى بىلەن سىپروتېروننىڭ باغلىنىشى بارلىقىدىن گۇمانلانغان: «مەن كۆپ قوزغىلىدىغان مېڭە پەردە ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان بىر نەچچە بىمارنىڭ سىپروتېروننى ئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى كۆزەتتىم. يەنە بىر پاكىت شۇكى، بەزى بىمارلار بۇ خىل دورىنى ئىچىشنى توختاتقاندا، مېڭە پەردە ئۆسمىسىنىڭ يوقالغانلىقىنى كۆردۇق. مېنىڭچە دورا بىلەن مېڭە پەردە ئۆسمىسى ئوتتۇرىسىدا زىچ باغلىنىش بولۇشى مۇمكىن.»

2007-يىلىدىكى ياۋروپا ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى يىغىنىدا، بۇ خىل نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئاشكارا ھالدا ھوشيار بولۇشنى مۇراجىئەت قىلغان، چۈنكى ئۇ خىزمەت جەريانىدا سىپروتېروننىڭ مېڭە پەردە ئۆسمىسىنى تەرەققىي قىلىدىغان ئامىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

بىر يىلدىن كېيىن، بايېر تەجرىبىخانىسى فرانسىيە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بىخەتەرلىك ئورگىنى Afssapsقا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، سىپروتېروننىڭ چۈشەندۈرۈشىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ھەمدە بۇ خەتەرنى دوكلات قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما Afssaps ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن جاۋاب قايتۇرغان، ئۈچ يىلدىن كېيىنكى 2011-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزگەن.

بۇنىڭغا قارىتا مۇخبىر ئان ژون مۇنداق دېگەن: «دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ ئىنكاسى ئاستا بولدى، ئەمما تەجرىبىخانا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىپ، بىر مەيدان مۇھىم ئۇچۇر تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرگە دورىغا مۇناسىۋەتلىك ئىككىلەمچى خەۋپ-خەتەرنى ئاگاھلاندۇرسا بولاتتى. لېكىن ئۇلار بۇنداق قىلمىدى.»

تاكى 2018-يىلىغىچە، دۆلەت ساغلاملىق سۇغۇرتا فوندى ۋە دۆلەت دورا بىخەتەرلىك ئىدارىسى (ANSM) تەرەپ 250 مىڭ ئايالغا چېتىلىدىغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات ئېلىپ بارغان، شۇنىڭ بىلەن سىپروتېرون بىلەن مېڭە پەردە ئۆسمىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە رەسمىي ئاشكارا بولغان.

بۇ تەتقىقاتقا قاتناشقان ساغلاملىق سۇغۇرتا فوندىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە مۇتەخەسسىسى ئالان ۋېيل مۇنداق دېگەن: «سىپروتېروننى بەش يىلدىن ئارتۇق ئىستېمال قىلغان بىمارلارنى ئېلىپ ئېيتساق، 60 گىرام دورا ئىستېمال قىلغان بىمارلارنىڭ مېڭە پەردە ئۆسمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى دورىنى ئىنتايىن ئاز مىقداردا ئىستېمال قىلغان ئاياللارغا قارىغاندا 22 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.»

2019-يىلى 6-ئايدا فىرانسىيە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پۈتۈن فىرانسىيەدىكى 40 مىڭ دوختۇرغا مۇنداق بىر پارچە خەت ئەۋەتكەن: «مېڭە پەردە ئۆسمىسىنىڭ خەۋپ-خەتىرى ئېنىق جەزملەشتۈرۈلگەچكە، ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ كۆرسەتمىسىدىن باشقا رېتسېپلارنى چەكلەش ھەمدە داۋالىنىۋاتقان بىمارلارنىڭ مېڭە پەردە ئۆسمىسىنى تاللاپ تەكشۈرۈش، شۇنداقلا 70 مىڭ نەپەر بىمارغا ئېلخەت ئارقىلىق بۇ خەۋپنى يەتكۈزۈش تەكلىپىنى بېرىمىز.»

لېكىن فىرانسىيە رادىيو ئىستانسىسى تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ بايقىشىچە، سىپروتېروننى ئىستېمال قىلغان نۇرغۇن بىمارلار ئەزەلدىن بۇ خەتنى تاپشۇرۇپ ئالمىغان.

52 ياشلىق بىر ئايال گۇۋاھلىق بېرىپ مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ خىل دورىنى ئىچسەم خەتىرى بار دەپ ئەسكەرتىدىغان خەت تاپشۇرۇپ ئالمىدىم، مەن سىپروتېروننى 25 يىل ئىچتىم، 2023-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن مېڭە پەردە ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغانلىقىم بايقالدى. 2019-يىلى دورىگەر مېنى ئەسكەرتىپ قويۇشتىن بۇرۇن، مەن بۇ خىل خەتەرنى ئاڭلاپ باقمىغان. ئاندىن مەن دوختۇردىن ياردەم سورىدىم، ئۇمۇ بۇ ئۇچۇرنى بىلمەيدىغاندەك قىلاتتى.»

تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ قېتىمقى خەت ئەۋەتىشنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەبنىڭ تېخنىكا مەسىلىسى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. چۈنكى 2019-يىلى بىمارلارغا بۇ خەتلەرنى ئەۋەتىشكە ئىشلىتىلىدىغان داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا پەقەت ئىككى يىل ئىچىدە ئاتچوت قىلىنىدىغان بىمارلارنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىلا بار ئىدى.

فرانسىيە رادىيو ئىستانسىسىنىڭ تەكشۈرۈش تارماقلىرى تېخىمۇ بالدۇر ئىستېمال قىلغانلارنى سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، فىرانسىيە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «بۇنىڭ داۋالاش ئەھمىيىتى يوق، چۈنكى داۋالاش توختىتىلىپ بىر يىلدىن كېيىن، مېڭە پەردە ئۆسمىسىنىڭ خەۋپ-خەتەر تۆۋەنلەيدۇ.»

ئەمما ساينت ئاننى دوختۇرخانىسى نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور يوھان پاللۇدنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشى ئوخشىمايدۇ: «دورىنى توختىتىپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، مېڭە پەردە ئۆسمىسىنىڭ تارىيىشى ناتايىن. بەزىدە سىز توققۇز ئاي، بىر يىل، ئىككى يىل ساقلىغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ ئاستا-ئاستا كىچىكلەۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل تارىيىش بارلىق بىمارلاردا يۈز بەرمەيدۇ. بۈگۈنگە قەدەر، نۇرغۇن بىمارلار يەنىلا ئۇزۇن مۇددەت سىپروتېرون، لۇتېنىل قاتارلىق دورىلارنى ئىستېمال قىلىۋاتىدۇ. ھەتتا پېنسىيىگە چىققان دوختۇرلارغا كۆرۈنگەنلەرمۇ ئىستېمال قىلىشى مۇمكىن. سىپروتېرون ياكى باشقا ھامىلىدارلىق ھورمۇنى دورىلىرىنى ئىشلىتىشنى توختاتقانلاردىمۇ خەۋپ مەۋجۇت بولىدۇ. بىز تېخى دولقۇننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتمىدۇق، بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، مېڭە پەردە ئۆسمىسى بىمارلىرىنىڭ سانى ئازىيىدۇ، چۈنكى بىز بۇ رېتسېپلارنى توختىتىشتىن نەپكە ئېرىشىمىز. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە، خەتەر يەنىلا مەۋجۇت.»

قانداقلا بولمىسۇن، «15 يىل كېچىكىپ ئىنكاس قايتۇرۇش» ساغلاملىق سەتچىلىكى سانسىزلىغان ئاياللارنى كېسەل ئازابىغا دۇچار قىلماقتا...

كىنولار

تەۋسىيەلىك رومانلار
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552

Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章