سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
ئاتۇش لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ ئېچىپ نەق مەيدان كۆرۈڭئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
يېقىندا، كورېيەنىڭ ئانسان شەھىرى دانۋون رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئامما قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەن.
ئەسلىدە 2008-يىلى سەككىز ياشلىق قىز «سوۋون»غا ئىنتايىن قەبىھ ئۇسۇللار بىلەن دەخلى-تەرۇز قىلىپ، قارشى تەرەپنى ئۆمۈرلۈك مېيىپ قىلىپ قويغان چو دوسون يېقىندا بۇ يەردىكى ئاھالىلەر رايونىغا كۆچۈپ كەلگەن.
2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۆلسىمۇ ئۆزگەرمەيدىغان چو دوسون كۆپ قېتىم قانۇننى بىلىپ تۇرۇپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كۆچۈپ كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ساقچى ئىدارىسى، بالىلار باغچىسى ۋە ياشانغانلار ساناتورىيەسى زور دۈشمەنگە دۇچ كەلگەندەك، ئارقا-ئارقىدىن يۇقىرى سوممىلىق خىراجەت ئىلتىماس قىلىپ، ئامانلىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن.
كورېيەلىك تورداشلار بۇ بالايى-ئاپەت ئۈچۈن ھەق تۆلەش كېرەكمۇ-يوق دېگەن مەسىلە ئۈستىدە يەنە بىر قېتىم ھەرخىل مۇنازىرىلەرنى قىلىشقان.
كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «سوۋون دېلوسى»نىڭ باش جىنايەتچىسى چو دوسون ئالدىنقى ئاينىڭ 25-كۈنى ئەسلىدىكى ئۆي ئىگىسى ئۇنىڭ بىلەن توختام ئۇزارتمىغاچقا، ئانسان شەھىرى دانۋون رايونىدىكى بىر كۆپ ئائىلىلىك تۇرالغۇغا كۆچۈپ كىرگەن.
ئاخبارات ۋاسىتىلىرى چو دوسوننىڭ يېڭى ئۆيىنىڭ كونكرېت ئورنىنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۆينىڭ ئەڭ يېقىن باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىگە پەقەت يەتتە مىنۇتلۇق پىيادە يول ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئەتراپتا يەنە ياشانغانلار ساناتورىيەسى، باغچە قاتارلىق نۇرغۇن ئاھالىلەر پائالىيەت قىلىدىغان سورۇنلار بار بولۇپ، ياشانغانلار، بالىلار، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ماكانلىشىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن.چو دوسوننىڭ ئۆز مەھەللىسىگە كۆچۈپ كېلىپ قوشنا بولىدىغانلىق خەۋىرى شۇ جايدا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغان. ئاتا-ئانىلار چو دوسوننىڭ ئۆز ئىشىكى ئالدىدا تۇرۇشىدەك ئاپەتنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى، بالىلىرىنى ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىن مەكتەپكە ئاپىرىپ-ئەكېلىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.ئانسان شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا چىقىپ، خەلقنىڭ ئاتا-ئانا بولۇش ئەندىشىسىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئالدىن تەييارلىق قىلىپ قويغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.ھۆكۈمەت يېقىن ئەتراپقا كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورناتقان، يەنە چو دوسوننىڭ يېڭى ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر ئۆينى ئىجارىگە ئالغان بولۇپ، دېرىزىنى ئېچىپلا ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزەتكىلى بولىدۇ. شۇ جايدىكى ساقچى ئەترىتىمۇ يەتتە ساقچىنى ئاجرىتىپ، بىر ئامانلىق ساقلاش ئەترىتى تەشكىللەپ، چو دوسوننىڭ ئۆيى ئەتراپىنى كېچە-كۈندۈز چارلىغان.مەھەللە ھەتتا يۆتكىگىلى بولىدىغان قاراۋۇلخانىدىن ئىككىنى ئىجارىگە ئېلىپ، ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىغا ئارام ئېلىش ئۆيى ۋە ھاجەتخانا سېلىپ بەرمەكچى بولغان. قىش كېلەي دەپ قالغاچقا، كوچىدا ئۈچ نۆۋەت ئالمىشىپ چارلاۋاتقان ساقچىلارغا ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. بۇنىڭدىن باشقا، ئاھالىلارنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، مەھەللە يەنە قەرەللىك ھالدا يېقىن ئەتراپتىكى ياشانغانلار ساناتورىيەسى ۋە يەسلىلەرگە بېرىپ تەسەللى بېرىش خىزمىتىنى ئىشلەيدىكەن.ئەمما باشقىلار ساقچىلار ۋە مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ جاپاسىنى قوبۇل قىلمايلا قالماستىن، ئەكسىچە پۇلنى بۇنداق ئىشلارغا ئىشلىتىشنى مەسخىرە قىلىشقان.بەزى تورداشلار شۇ جايدىكى ئۆي ئىجارىسى ۋە ئادەم كۈچىگە ئاساسەن، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ھەر ئايدا چو دوسون ئۈچۈن خەجلەيدىغان پۇلىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ نەچچە مىليون ۋون بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان، ھەمدە بۇنداق كىشى ئۈچۈن باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ پۇلىنى ئىسراپ قىلىشنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.ئانسان شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق قىلىشىدا ھەقىقەتەن سەۋەب بار. سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، «سوۋون دېلوسى»دىن ئىبارەت بۇ رەھىمسىز دېلونى يەنە بىر قېتىم سۆزلەشكە مەجبۇرمىز...2008-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى سەككىز ياشلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى نايوڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) مەكتەپكە كېتىۋېتىپ، شۇ چاغدا 56 ياشقا كىرگەن چو دوسونغا ئۇچراپ قالغان.چو دوسون ئۇنى يېقىن ئەتراپتىكى ئاممىۋى ھاجەتخانىغا سۆرەپ كىرىپ، قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇنىڭغا چېقىلغان ۋە ئۇنى جىسمانىي جەھەتتىن يارىلاندۇرغان، ئاخىرىدا يەنە نايوڭنى مۇزدەك سۇ كۆلچىكىگە تاشلاپ قايتا-قايتا يۇيۇپ، ئۆزى قالدۇرۇپ كەتكەن جىنايەت ئىزلىرىنى تازىلىۋەتمەكچى بولغان.چو دوسوننىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشى نايوڭنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ كۆپ يېرىنىڭ سۇنۇپ كېتىشى، ئىچكى ئەزالىرىنىڭ يېرىلىپ كېتىشى، چوڭ-كىچىك ئۈچىيىنىڭ نېكروزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئۇ ئۆمۈرۋايەت چىقىرىش خالتىسى تاقاشقا مەجبۇر بولغان.بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، كورېيەدىكى ھەر ساھە كىشىلىرى چو دوسوننى قاتتىق جازالاشنى ئۈمىد قىلغان. لېكىن سوت مەھكىمىسى ئاخىرىدا جىنايەت گۇماندارىنىڭ ھاراق ئىچىپ ئەقلىدىن ئادىشىپ قالغانلىقى، نورمال ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا پەقەت 12 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان. بۇنداق يەڭگىل جازا مۇددىتى، تەبىئىي ھالدا ھازىرقى ئاپەت ئۈچۈن مىنا كۆمگەنلىك ئىدى.2020-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى چو دوسون جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ جازا ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن يۇرتى ئانسان شەھىرىگە قايتىپ ئولتۇراقلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئۆيى نايوڭنىڭ ئۆيىگە پەقەت ئۈچ مىنۇتلا كېلىدىكەن.ئانسان شەھىرى ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى نايوڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ساراسىمىگە سالغان، چو دوسوننىڭ داۋاملىق جىنايەت ئۆتكۈزۈشىدىن ئەنسىرىگەن شۇ يەرلىك ھۆكۈمەت، ئۇ تۈرمىدىن چىقىشتىن بۇرۇن يېقىن ئەتراپتا 3700دىن ئارتۇق كۆزىتىش ئاپپاراتىنى كۆپەيتىپ، 12 كىشىنى چارلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى پۈتۈن كۈن دىجورنى قىلغۇزغان.كورېيە قانۇنىدىمۇ جىنسىي جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن چوقۇم ئېلېكتىرونلۇق كويزا تاقىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ مېڭىش يولىنى ئىز قوغلىغىلى بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.لېكىن بۇ مۇداپىئەلەر چو دوسوننى يەنىلا توسۇپ قالالمىغان.تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنكى تۆت يىلدا، ئانسان شەھىرى قاتتىق كۆزەتكەن چو دوسون يەنىلا توختىماي ئىزدەنگەن.2008-يىلى «سوۋون دېلوسى» يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، چو دوسون جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش، ئوغرىلىق ۋە قاقتى-سوقتى قىلىش قاتارلىق 18 قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزگەن.كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چو دوسون 2020-يىلى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلىشتىن بۇرۇن، تۈرمىدە 400 سائەتلىك پىسخىكىلىق سىناقنى قوبۇل قىلغان. سىناق نەتىجىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۇنىڭ جەمئىيەتكە قارشى كىشىلىك قەدىر-قىممەت كۆرسەتكۈچى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن يەنە جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ ئىكەن.دوكلاتتا يەنە كىشىنى شۈركەندۈرىدىغان بىر ئۇچۇر ئاشكارىلانغان، چو دوسون تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىن، ئايالى ئۇنىڭدىن ئايرىلمىغان، ھەتتا ئۆيىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى نا يوڭنىڭ ئۆيىگە يېقىن جايغا كۆچۈرگەن. ئۇنىڭ نېمە غەرىزى بارلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى.تۈرلۈك يىرگىنىشلىك مەشغۇلاتلار تۈپەيلىدىن، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى چو دوسون تۈرمىدىن چىقىپ يېڭى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، ئانساندىكى يەرلىك ئاھالىلەر مۇددەتتىن بۇرۇن يېقىن ئەتراپتا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان، ئۇ پەيدا بولغاندىن كېيىن دەرھال تۇخۇم تاشلاش، ئىتتىرىش، ھاقارەتلەش قاتارلىقلارنى قوللىنىپ، ئۇنىڭغا غەزىپىنى ئىپادىلىگەن.ئىككىنچى يىلى 2-ئايدا، بىر ياش چو دوسونغا تەھدىت سېلىپ قولغا ئېلىنغان. ئون ئايدىن كېيىن، بۇ ياش يەنە كېلىپ بولقا بىلەن چو دوسوننى ئۇرغان، كېيىن يەنە قولغا ئېلىنغان.كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئۆلسىمۇ ئۆزگەرمەيدىغان چو دوسون جىسمانىي جەھەتتىن تەھدىتكە ئۇچرىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانسان شەھىرى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قاتتىق مۇداپىئە كۆرگەن بولسىمۇ، يەنىلا جىنايەت ئۆتكۈزگەن.2023-يىلى 12-ئايدا چو دوسون ئايالى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغاچقا، تۇيۇقسىز ئۆيدىن 40 مىنۇت چىقىپ كېتىپ، كېچىدە سىرتقا چىقىشنى چەكلەش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغان، شۇڭا ئۈچ ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.بۇ يىل 6-ئايدا ئۇ يەنە بىر قېتىم جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن، ئۆينىڭ ئىجارە مۇددىتىمۇ توشقان. بۇ ئانسان رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى ۋە مەھەللە مەسئۇللىرىنىڭ ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ئۆي كۆچۈشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.بىر تەرەپتىن، ئۇلار چو دوسوننىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈشىگە يول قويماسلىقى كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭ قېچىپ چىقىپ يەنە جىنايەت سادىر قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.بۇنىڭدىن ئانسان شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قانچىلىك ئوسال ئەھۋالدا قالغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.كورېيە خەلقىنىڭ چو دوسونغا قاتتىق زەربە بېرىش ئويى بار، بۇنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن، سوۋون دېلوسىنىڭ كورېيە جەمئىيىتىگە قالدۇرغان كۆلەڭگىسى بەك چوڭقۇر بولغاچقا، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئىزىغا چۈشۈرۈش ھەقىقەتەن تەس.ئاتۇش لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ ئېچىپ نەق مەيدان كۆرۈڭﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىزتۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدىتەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭيانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552