سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
رومى، بۇ يىل 23 ياش، گوللاندىيەلىك بىر قىز. ئۇنىڭ بەختسىز بالىلىق چاغلىرى بولغان، ئەسلىدە خۇشاللىققا تولۇشى كېرەك بولغان شۇ مەزگىلى خورلاشقا، قورقۇنچ ۋە ئازابقا تولغان. بۇ كەچۈرمىش رومىنىڭ چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ ساقايمىغان، ئەكسىچە ئۇنىڭ قەلبىگە غايەت زور سايە تاشلاپ، ئۇنى باشتىن-ئاخىر چىرمىۋالغان.
ئۇ خۇشاللىقنى ھېس قىلالمىغان،ئاخىرىدا ئۇنىڭغا ئېغىر دەرىجىدىكى خامۇشلۇق كېسىلى، يېمەك-ئىچمەك قالايمىقانلىشىش ۋە ئىشتىھاسىزلىق كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغان.
شۇنداق قىلىپ، رومى 18 ياشقا كىرگەن يىلى، ئۇ ئۆلۈش ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا باشلىغان.
ئازابلانماي ئۆلۈشكە كۆڭۈل بۆلگەنلەر شۇنى بىلىشى كېرەككى، گوللاندىيە گەرچە دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئازابلانماي ئۆلۈش ۋە دوختۇرلارنىڭ ياردىمىدە ئۆلۈۋېلىشقا ياردەم بېرىشنى قانۇنلاشتۇرغان دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئىنتايىن قاتتىق يولغا قويۇش بەلگىلىمىسى بار.
ئەينى چاغدا، رومى 18 ياشقا كىرگەندە، پەقەت قۇرامىغا يەتكەن بىمارلارلا ئازابلانماي ئۆلۈشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىدى، بىمار چوقۇم دوختۇرغا ئۆزىنىڭ چىدىغۇسىز ئازابقا بەرداشلىق بېرىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىيالىشى كېرەك ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياخشىلىنىشتىن ئۈمىد بولماسلىقى كېرەك ئىدى.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان بىمارلار ياكى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغان ئاز ئۇچرايدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلار تېخىمۇ ئاسان ئىلتىماس قىلىپ ماقۇللىيالايتتى، رومىغا ئوخشاش يېشى كىچىك روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ تەستىقلىنىش ئۈمىدى بەكلا تۆۋەن ئىدى.
لېكىن رومى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆلۈشكە ئىنتىلگەن، ئۇ دوختۇر، ئەمەلدار ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن توپتوغرا تۆت يىل كۈرەش قىلىپ، ئاخىر ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمەك قالايمىقانلىشىش ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئازابلانماي ئۆلۈشنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.
ئاخىرىدا، 2023-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى، 22 ياشلىق رومى گوللاندىيەنىڭ لېيدىن شەھىرىدىكى جان ئۈزۈش ئالدىدىكى غەمخورلۇق دوختۇرخانىسىدىكى كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ، ئۆلۈشكە تەييارلانغان.
ئەمما ئۇزۇندىن بۇيانقى ئارزۇ ئەمەلگە ئېشىش ئالدىدا تۇرغاندا، رومى كەينىگە چېكىنگەن.
شۇ كۈنى، ئۇ «تۇرمۇش بەك ناچار» دېگەن خەت يېزىلغان مايكا كىيىپ كېسەل كارىۋىتىدا ياتقان بولۇپ، ئانىسى ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغان. ئۇنىڭ ئاكىسى دېرىزە سىرتىدىكى دوختۇرخانىنىڭ گۈللۈكىدە تۇرغان، يېنىدا بىر قارا رەڭلىك جەسەت ئاپتوموبىلى تۇرغان. ئەگەر ئۇ ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ جەسىتى جەسەت ساندۇقىغا سېلىنىپ، جەسەتخانىغا توشۇلاتتى.
بىر كىلىنىكا دوختۇرى ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، قولىدىكى ئىشپىرىسنى چىڭ تۇتۇپ تۇرغان. دوختۇر ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇنىڭ گوللاندىيەنىڭ ئازابلانماي ئۆلۈش ئۇسۇلى بويىچە ئوكۇل سېلىپ ئۆلۈشنى قانداق ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن: «بىرىنچى قېتىم ئوكۇل سالغاندا ۋېنا ئۇيۇشۇپ قالىدۇ، ئىككىنچى قېتىم ئوكۇل سالغاندا نەپەس توختايدۇ. كېيىن سىز ناھايىتى تېزلا ئۆلۈپ كېتىسىز.»
بۇ ۋاقىتتا رومى تەرگە چۆمۈپ، يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇپ، جىددىيلەشكەن ۋە قورقۇپ كەتكەن. ئارقىدىنلا دوختۇر ئىشپىرىسنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ: «جەزملەشتۈرەمسىز؟» دەپ سورىغان.
بۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر قەدەم، شۇنداقلا دوختۇرلار چوقۇم ئازابلانماي ئۆلمەكچى بولغان بىمارلاردىن سورايدىغان سوئال، بىراق بۇ مەسىلە رومىنى مەغلۇپ قىلىشنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ قالغان، ئۇ يىغلاشقا باشلىغان، ئۇنىڭ ئاپىسىمۇ ئەگىشىپ يىغلىغان. شۇ دەقىقىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ جەزملەشتۈرەلمەيدىغانلىقىنى، راستىنلا جەزملەشتۈرەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغان.
شۇنداق قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە رومى ئازابسىز ئۆلۈمدىن ۋاز كەچكەن.
بىراق، بۇ قېتىمقى ۋەھىمە رومىينى نىيىتىدىن ياندۇرالمىغان، تۇنجى قېتىم ئازابلانماي ئۆلۈشنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە بىر قېتىم ئۆلۈشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئوكۇل سېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا بىر روھىي كېسەل دوختۇرى ۋە دوستىنىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن، ئۇ داۋالاشنى قوبۇل قىلىشقا ماقۇل بولغان.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ جاراھەتنى داۋالاش ۋە بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، تۇرمۇش نىشانىنى تاپقان، ھازىر ئۇ روتتېردامدىكى مەھەللە قوشۇمچە تۇرمۇش ئاپپاراتىدا تۇرۇۋاتىدۇ، چوڭلار مائارىپىدا ئوقۇۋاتىدۇ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پەقەت ياشاشنىلا ئويلاۋاتىدۇ.
ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەسلىگەندە، رومى مۇنداق دېگەن: «مەن ئىلگىرى ئۆلۈمگە شۇنداق يېقىنلاشقان بولغاچقا، ھاياتلىقنىڭ قىممىتى بارلىقىنى ھېس قىلدىم. گەرچە تۇرمۇش ھەمىشە ئوڭۇشلۇق بولمىسىمۇ، لېكىن مەن ھازىر ھاياتتا يورۇقلۇق بارلىقىنى بىلىمەن.»
نېمە ئۇنىڭغا ئۈمىد ئاتا قىلدى دەپ سورالغاندا، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «بۇ ئاڭلىماققا بەك ئەخمىقانە بىلىنىدۇ، مەن ئۆي ئىجارىسىنى تۆلەشتىن بەك ھۇزۇرلىنىمەن، ئۇ ماڭا ھاياتلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى بەردى» دېگەن.
قانداقلا بولمىسۇن، ئازابسىز ئۆلۈمگە قارشى تۇرىدىغان ۋە ئۆلۈمگە ياردەم بېرىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، رومىنىڭ كەچۈرمىشى بىر ئاگاھلاندۇرۇش ھېكايىسى.
مەسىلەن، ئۆلۈۋېلىش ۋە ئازابلانماي ئۆلۈشكە ياردەم بېرىشكە قارشى تۇرىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتى (HAASE)نىڭ پىروفېسسورى كېۋىن يۇل مۇنداق دەپ قارىغان: «بۇ دېلو بىمارنىڭ ئازابسىز ئۆلۈمگە ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ ياخشى كۈتۈنۈشكە موھتاج ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.»
ئەمەلىيەتتە، رومى روھىي كېسەل سەۋەبىدىن ئازابلانماي ئۆلۈشنى ئىلتىماس قىلغان بىردىنبىر ئادەم ئەمەس.
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، گوللاندىيەلىك 28 ياشلىق قىز زورايا خامۇشلۇق كېسىلى، جىمغۇرلۇق كېسىلى ۋە مىجەز توسالغۇسى سەۋەبىدىن ئازابلانماي ئۆلۈشنى ئىلتىماس قىلغان ھەم تەستىققا ئېرىشكەن.
ئەمەلىيەتتە، گوللاندىيەدىكى تېخىمۇ كۆپ ياشلار روھىي كېسەل سەۋەبىدىن ئازابلانماي ئۆلۈشنى تەلەپ قىلماقتا.
بۇلتۇر، گوللاندىيەدە 138 ئادەم پىسخىكىلىق ئازاب سەۋەبىدىن ئازابلانماي ئۆلگەن، ئادەم سانى %20 ئاشقان، بۇ سان 2019-يىلىدىن بۇيان بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە 22 ئادەم 30 ياشقا توشمىغان. 2020-يىلى بۇ سان پەقەت بەش ئادەم ئىدى.
نېمىلا دېگەن بىلەن، ھاياتقا ئۈمىدۋار قاراش ۋە ھاياتنى قەدىرلەش ھەممىدىن ئەلا.
كىنولار