21-ئەسىردىكى ياۋروپالىق 10 چوڭ پۇتبول چولپىنىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ تۆۋەندە بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى:
گارېس بېل كەسپىي ھاياتى: جەنۇبىي ئامپتون، توتتېنھام، خانلىق مادرىد، لوس ئانجىلىس FC
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە گەرچە بېل پۇتبول ساھەسىدىن چېكىنگەن بولسىمۇ بىراق ئۇ يەنىلا ۋېلش پۇتبولىنىڭ ۋەكىلى، خانلىق مادرىدتىكى ۋاقتىدا رونالدو بىلەن بېنزىمادىن تەشكىللەنگەن BBC گۇرۇپپىسى ئۇنى پۇتبول ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسكە ئايلاندۇرغان، ئۇ تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك ئۈچەيلەننىڭ بىرى. ئۇ خانلىق مادرىدتا توپ تەپكەن توققۇز مۇسابىقە پەسلى ئۇنىڭغا سان-ساناقسىز شانلىق دەقىقىلەرنى ئېلىپ كەلگەن، بولۇپمۇ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىلىرىدە ۋېلىشلىق بۇ چولپان خانلىق مادرىدقا ياردەملىشىپ جەمئىي بەش قېتىم لوڭقىغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا ئىككى قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۈچ توپ كىرگۈزگەن.
ئالساندرو دېل پىئېرو كەسپىي ھاياتى: پادوۋا، يۇۋېنتۇس، سىدنېي FC، دېھلى دىنامو
ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى پادوۋا دېل پىئېرو كوماندىسىدا توپ تەپكەن، 1993-يىلى يۇۋېنتۇس كوماندىسىغا قوشۇلغان. بىئانكونېرى كوماندىسىدا توپ تەپكەن 19 مۇسابىقە پەسلىدە، ئۇ يۇۋېنتۇسقا ياردەملىشىپ جەمئىي ئالتە قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، 1995/96-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن پىئېرو يۇۋېنتۇس كوماندىسىدا توپ تېپىپ ياۋروپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى چىمپىيونلۇقىنى ئالدى. كۇلۇبتىكى كەسپىي ھاياتىغا سېلىشتۇرغاندا، دېل پىئېرونىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى ئىپادىسى ئانچە قالتىس ئەمەس، لېكىن يەنىلا كوماندا بىلەن 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، دېل پىئېرو ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن جەمئىي 91 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 27 توپ كىرگۈزگەن.
لۇكا مودرىچ كەسپىي ھاياتى: زاگرېب دىنامو، توتتېنھام، خانلىق مادرىد
لۇكا مودرىچنى كىرودىيە پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ توپچى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. ئۆتكەن 24 يىلدا مودرىچ كۇلۇبتا 800 مەيدانغا يېقىن مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، ئۇ 12 قېتىم كرودىيە پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ رېكورت يارىتىپلا قالماي، يەنە ئالتە قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا، بەش قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا، ئۈچ قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ۋە بەش قېتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.
2018-يىلى ئۇ كرودىيە كوماندىسىنى باشلاپ دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەندىن كېيىن، ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، 2007-يىلىدىن بۇيان كىرىستىيانو رونالدو ۋە مېسسىدىن باشقا تۇنجى بولۇپ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن توپچىغا ئايلانغان.
پاۋلو مالدىنى كەسپىي ھاياتى: AC مىلان
پاۋلو مالدىنى پۈتۈن كەسپىي ھاياتىدا AC مىلاندا 25 يىل توپ تەپكەن. كوماندىغا ياردەملىشىپ 7 قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلىقى، 1 قېتىم ئىتالىيە لوڭقىسى چېمپىيونلىقى، 5 قېتىم ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلىقى، 5 قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلىقى، 5 قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلىقى، 2 قېتىم تويوتا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، 1 قېتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئۇ 21-ئەسىردىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر بېكلارنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، يەنە تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قالتىس بېكلارنىڭ بىرى.
شاۋى كەسپىي ھاياتى: بارسېلونا، ئارساد
شاۋى بارسېلونادا 17 يىللىق شانلىق ھاياتىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 767 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان. ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى 2008-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتى كۇلۇب ۋە دۆلەت كوماندىسىنىڭ شان-شەرەپلىرى بىلەن تولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، ئىككى قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، 2 قېتىم ياۋروپا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى ۋە 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى بار.
مباپپې كەسپىي ھاياتى: موناكو، پارىژ سانت گېرمان، خانلىق مادرىد
بۇ تىزىملىكتىكى كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، مىباپپې ھازىرمۇ توپ تېپىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ تېخى يۇقىرى پەللىگە يېتەلمىگەنلىكىنىڭ تولۇق سەۋەبى بار. ئەگەر 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى فرانسىيە كوماندىسى كرودىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىدە، ئەمدىلا ئون نەچچە ياشقا كىرگەن مباپپېنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە كىرگۈزگەن توپى يېتەرلىك بولمىغان دېيىلسە، ئۇنداقتا ئۇ 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى لوڭقا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە قالپاق ئويۇنى ئويناش ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئىنېستا كەسپىي ھاياتى: بارسېلونا، كوبې غەلىبە كېمىسى
ئىنېستا بىر تۆۋەن دەرىجىلىك دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان، لېكىن ئۇ يېڭىلمەس بارسېلونا ۋە ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ باشلامچىسى. ئۇنىڭ شاۋى ۋە بۇسكېستىن تەشكىللەنگەن ئوتتۇرا مەيدان ئۈچ كىشىلىك گۇرۇپپىسى دۇنيا پۇتبول ساھەسىگە 14 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئىنېستانىڭ كەسپىي ھاياتى شان-شەرەپكە تولغان، ئۇنىڭ ئەڭ شانلىق پەيتى ئۇنىڭ 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى، ئۇ شۇ مەيدان مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ، ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ چېمپىيون بولۇشىغا ياردەم قىلغان.
ئەگەر بۇ يېتەرلىك بولمىسا ئۇ يەنىلا 2012-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى بولۇپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ 4-0 نەتىجىدە ئىتالىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىشىغا ياردەم بەرگەن. بۇ ئۇنىڭ بارسېلونادا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھېسابلانمايدۇ، بۇ ئوتتۇرا مەيدان پېشۋاسى توققۇز قېتىم ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا، تۆت قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.
ھېنرى كەسپىي ھاياتى: موناكو، يۇۋېنتۇس، ئارسېنال، بارسېلونا، نيۇيورك قىزىل كالا
سۈرئەت بىلەن نەپىسلىك ھەمىشە بىر-بىرىنى تولۇقلىيالمايدۇ، لېكىن ھېنرى ئارسېنال كوماندىسىدا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققاندا، ئۇ سۈرئەت بىلەن نەپىسلىكنى تەڭ ھازىرلىغان. ئۇ ئارسېنالدىكى ۋاقتىدا كوماندىغا ياردەملىشىپ ئىككى قېتىم ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، بۇنىڭ ئىچىدە داڭلىق 2003/04-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى «ئۇتتۇرماسلىق» مۇسابىقىسىمۇ بار. 2007-يىلى 30 ياشلىق ھېنرى بارسېلوناغا يۆتكەلگەن، بەلكىم يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر ئىنتىزار بولغان ھالىتىنى ساقلاپ، 2009-يىلى بارسېلونادا ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، شاھلىق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى ۋە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىدەك ئۈچ شاھلىققا ئېرىشىشتىكى مۇھىم ئەزا بولۇپ قالغان.
زىدانى كەسپىي ھاياتى: كاننېس، بوردو، يۇۋېنتۇس، خانلىق مادرىد
فىرانسىيەنىڭ بۇ رىۋايەتلىك گىگانت چولپىنى فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ 2000-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەسىرنىڭ مۇقەددىمىسى باشلانغان. زىدانى پۈتكۈل كەسپىي ھاياتىدا جەمئىي ئىككى قېتىم ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، بىر قېتىم ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، بىر قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، بىر قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى ۋە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئۇ خانلىق مادرىدتا توپ تېپىۋاتقان مەزگىلدە 2002-يىللىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر توپ كىرگۈزگەن.
كىرىستىيانو رونالدو كەسپىي ھاياتى: پورتۇگالىيە تەنتەربىيەسى، مانچېستېر بىرلەشمىسى، خانلىق مادرىد، يۇۋېنتۇس، رىياد غەلىبىسى
دېمىسىمۇ، دۇنيا لوڭقىسىدىن باشقا رونالدو كەسپىي توپچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېرىشەلەيدىغان بارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن، ئۇنى ياۋروپادا ھېچقانداق توپچىنىڭ كەينىگە تىزىشقا بولمايدۇ.
كىنولار