بۇيىللىق«ئەڭ كېلىشكەن ئەر»باھالاندى!تورداشلار:قانداق باھالاش بۇ؟

文摘   2024-11-16 21:54   新疆  

سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ




ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

سەيشەنبە كۈنى كەچتە، سىتېۋېن كولبېرت «كېچىدىكى كۆرگەزمە»دە بىر خەۋەرنى ئېلان قىلغان. بۇ يىلقى «شەخس» ژۇرنىلى «2024-يىلىدىكى ئەڭ قاملاشقان ئەر»نى باھالىغان بولۇپ، ئۇ كىشى بولسا ئەر ئارتىس جون كىراسىنسكى (John Krasinski).

بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسى سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغان... ئۈستىگە جوننىڭ سۈرىتى ۋە «دۇنيادىكى ئەڭ قاملاشقان ئەر» دېگەن خەتلەر بېسىلغان.

(«شەخس» ژۇرنىلى باھالىغان 2024-يىللىق «قاملاشقان ئەر» جون كىراسىنسكى ۋە ئۇنىڭ مۇقاۋا سۈرىتى)

جون كالاسىنسكى تاشقى قىياپەت ئەمەس، بەلكى تالانتنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان.

جون 1979-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا بىروۋن داشۆسىنى پۈتتۈرگەن.

ئۇ تۇنجى قېتىم رول ئالغاندا، ئالدى بىلەن بىر سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتناشقان، ئاندىن ئارتىس بولۇشقا باشلىغان، ئەمما ئۇ كېلىشكەن ئەرنىڭ يۆنىلىشىنى تۇتمىغان. ئۇنىڭ ئەڭ داڭلىق ئەسىرى ئەلۋەتتە ئامېرىكا نۇسخىسىدىكى «ئىشخانا» (办公室).

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ رېژىسسور، فىلىم ئىشلىگۈچى بولغان، ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ ئۆزى رول ئالغان «جىمجىت ماكان» (寂静之地)، « دېڭىز بويىدىكى مانچېستېر» (海边的曼彻斯特) ناملىق كىنونى ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن، ھەممىسى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان.

جون كىراسىنسكى فىلىم ئىشلىگۈچى بولغان ۋە سېنارىيەلەشتۈرگەن «جىمجىت ماكان: زۇلمەتلىك كۈن» نۇر تورى كىنوخانىسىدا قويۇلۇۋاتىدۇ:

مېنى چېكىپ كۆرۈڭ

چىراي، قامەت، تالانت، ئەقىل قاتارلىق ھەممىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن جون ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان كېلىشكەن يىگىت ئەمەس.

جوننىڭ ئايالى ئەمىلى بىلانت (Emily Blunt) بولسا «ئوپېنھېيمېر» (奥本海默) قاتارلىق كىنولاردا رول ئالغان.

ئەمىلى بىلانت رول ئالغان «ئوپېنھېيمېر» نۇر تورى كىنوخانىسىدا قويۇلۇۋاتىدۇ:

مېنى چېكىپ كۆرۈڭ

جون سۆھبەت پىروگراممىسىغا چىقىشتىن بۇرۇن، بىر قىزىقارلىق ئىشنى سۆزلەپ بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دېيىشىچە ئەمىلى چەتئەلدە كىنو ئىشلەۋاتقاندا، جون ئۇنى كۆرگىلى بارغان، تاموژنىدىن ئۆتكەندە باشقىلار ئۇنى تەكشۈرگەن، ھەمدە ئۇنى تونۇمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭدىن نېمە ئىش قىلدىغانلىقىنى، نېمىگە كەلگەنلىكىنى سورىغان. جون جاۋابەن ئۆزىنىڭ ئارتىس ئىكەنلىكىنى، ئايالىنى كۆرگىلى كەلگەنلىكىنى ئېيتقاندا، تاموژنا خادىمى ھەيران قېلىپ ئۇنىڭ گېپىگە ئىشەنمەي: «سەنمۇ؟ سەن سولتەك ئەمىلى بىلانت بىلەن توي قىلغانمۇ» دەپ سورىغان.

تاموژنىدىكى بۇ خادىمنىڭ ئىنكاسىدىن مەلۇمكى، كىشىلەر ئەمەلىيەتتە جوننىڭ تەقى-تۇرقىنى ئانچە ئېتىراپ قىلمايدۇ، ھەتتا تونۇمايدۇ.

«شەخس» ژۇرنىلى ئۇنىڭ بۇ يىلقى قاملاشقان ئەرلەرنى تاللاش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغانلىقىنى ئېيتقاندا، ئۇ ھەيران قېلىپ: «چاقچاق قىلىۋاتامسىلەر يا؟ دۇنياغا زادى نېمە بولدى؟» دېيىشكەن.

لېكىن ئۇ بۇ ئىشنى ئېيتقاندا، ئايالى ئەمىلى خۇشال بولۇپ كەتكەن، چۈنكى ئەمىلى ئىلگىرى ئەگەر يەڭسە، ئۆينىڭ ھەممە يېرىگە ئۇنىڭ مۇقاۋا سۈرىتىنى چاپلايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

جون بۇ يىللىق چىمپىيون دەپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تورداشلار ئىشەنمەيلا قالغان:

-جون كىراسىنسكى دۇنيادىكى ئەڭ قاملاشقان ئەرمۇ؟ ھىم، ئىشەنمەيمەن جۇمۇ!

-جون كىراسىنسكى دۇنيادىكى ئەڭ قاملاشقان ئەر؟ بىرەر ئىشتىن خەۋەرسىز قالدىممۇ يا؟

-ھەقىقەتەن قاملاشمىغان ۋاقىتتا تۇرۇۋېتىپتىمىز.

-پەقەت ئايالىلا شۇنداق ئويلايدىغاندۇ؟!

-بەكلا ئۈمىدسىزلەندىم، ئازراقمۇ قىزىقارلىق ئەمەس ئىكەن. مەن بۇ نەتىجە ئۈچۈن يېرىم كېچىگىچە ساقلىغانىدىم...

بەزىلەر بۇ قېتىمقى باھالاشنىڭ پۈتۈنلەي مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنىڭ بىر دەلىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ يىل دۇنيادىكى ئەڭ قاملاشقان ئەرلەر تىزىملىكىدە يەنە بىر كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان ئادەم بار، ئۇ بولسىمۇ سېلىنا گومەزنىڭ ھازىرقى يىگىتى، مۇزىكانت بېننى بىلانكو (Benny Blanco).

بەلكىم مۇزىكا تالانتى ۋە باشقىلار بىلمەيدىغان كىشىلىك قەدىر-قىممىتى بىلەن تىزىملىككە كىرگەن بولۇشى مۇمكىن.

-ئۇ ياخشى ئادەم بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ راستىنلا ئەڭ قاملاشقان ئەرلەرنىڭ بىرىمۇ؟ بۇ يەردە نېمە ئىش يۈز بەردى...

-بېننى بىلانكو بىلەن ئەڭ قاملاشقان ئەر دېگەن خەت بىر يەردە تۇرماسلىقى كېرەك.

-سېلېنا پۇل تۆلىگەن ئوخشىمامدۇ؟

كۆرگىلى بولىدۇكى، «شەخس» ژۇرنىلىدىكى بۇ «قاملاشقان ئەر»نى باھالاش سۈپىتى يىلدىن-يىلغا تۆۋەنلەۋاتقاندەك قىلىدۇ. تۇنجى قارارلىق قاملاشقان ئەرلەرنى باھالاش 1985-يىلى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، «شەخس» ژۇرنىلى ئەينى ۋاقىتتا 29 ياشقا كىرگەن مېل گىبسون (Mel Gibson)نى تاللاپ چىققان.

(«شەخس» ژۇرنىلى باھالىغان 1-قارارلىق «قاملاشقان ئەر» مېل گىبسون ۋە ئۇنىڭ مۇقاۋا سۈرىتى)

2000-يىلىدىكى بىراد پىت (Brad Pitt):

(«شەخس» ژۇرنىلى باھالىغان 2000-يىللىق «قاملاشقان ئەر» بىراد پىت ۋە ئۇنىڭ مۇقاۋا سۈرىتى)

2001-يىلىدىكى پىرس بىروسنەن (Pierce Brosnan):

(«شەخس» ژۇرنىلى باھالىغان 2001-يىللىق «قاملاشقان ئەر» پىرس بىروسنەن ۋە ئۇنىڭ مۇقاۋا سۈرىتى)

2002-يىلىدىكى بېن ئافلەك (Ben Affleck):

(«شەخس» ژۇرنىلى باھالىغان 2002-يىللىق «قاملاشقان ئەر» بېن ئافلەك ۋە ئۇنىڭ مۇقاۋا سۈرىتى)

2003-يىلىدىكى جوننى دەپ (Johnny Depp):

(«شەخس» ژۇرنىلى باھالىغان 2003-يىللىق «قاملاشقان ئەر» جوننى دەپ ۋە ئۇنىڭ مۇقاۋا سۈرىتى)

2004-يىلىدىكى جۇدې لوۋ (Jude Law):

(«شەخس» ژۇرنىلى باھالىغان 2004-يىللىق «قاملاشقان ئەر» جۇدې لوۋ ۋە ئۇنىڭ مۇقاۋا سۈرىتى)

2005-يىلىدىكى ماتتېۋ مەككوناۋېي (Matthew McConaughey):

(«شەخس» ژۇرنىلى باھالىغان 2005-يىللىق «قاملاشقان ئەر» ماتتېۋ مەككوناۋېي ۋە ئۇنىڭ مۇقاۋا سۈرىتى)

2006-يىلىدىكى جورجى كىلۇنى (George Clooney):

(«شەخس» ژۇرنىلى باھالىغان 2006-يىللىق «قاملاشقان ئەر» جورجى كىلۇنى ۋە ئۇنىڭ مۇقاۋا سۈرىتى)

2007-يىلىدىكى مات دامون (Matt Damon):

(«شەخس» ژۇرنىلى باھالىغان 2007-يىللىق «قاملاشقان ئەر» مات دامون ۋە ئۇنىڭ مۇقاۋا سۈرىتى)

2008-يىلىدىكى خيۇج جەكمەن (Hugh Jackman):

(«شەخس» ژۇرنىلى باھالىغان 2008-يىللىق «قاملاشقان ئەر» خيۇج جەكمەن ۋە ئۇنىڭ مۇقاۋا سۈرىتى)

2009-يىلىدىكى جوننى دەپ (Johnny Depp):

(«شەخس» ژۇرنىلى باھالىغان 2009-يىللىق «قاملاشقان ئەر» جوننى دەپ ۋە ئۇنىڭ مۇقاۋا سۈرىتى)

2010-يىلىدىكى رىيان رېينولدس (Ryan Reynolds):

(«شەخس» ژۇرنىلى باھالىغان 2010-يىللىق «قاملاشقان ئەر» رىيان رېينولدس ۋە ئۇنىڭ مۇقاۋا سۈرىتى)

21-ئەسىر كىرىپ ئون نەچچە يىلغىچە ئاساسەن قارشى پىكىر بولمىغان، ئەمما 2017-يىلى ئېغىر دەرىجىدە چەتنەش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن. 2017-يىلى سەھرا مۇزىكا چولپىنى بىلاك شېلتون (Blake Shelton) سايلانغان، ھەتتا ئۇ ئۆزىمۇ «سىلەر چوقۇم نامزات تاپالمىدىڭلار» دەپ ھەيران قالغان. بۇنىڭغا نۇرغۇن تورداشلارمۇ ھەيران قالغان ھەمدە ئۇنىڭ سايلانغانلىقىغا قارشىلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەلۋەتتە، بەزى كىشىلەر ئۇنى قوللىغان، ئۇلار چۈشەندۈرگەن سايلىنىش سەۋەبى شۇكى، بىلاك جىنسىي پاراكەندىچىلىك بىلەن ئەيىبلەنمىگەن ئەر ئىدى. چۈنكى ئۇ يىللاردا ھوللىۋودتىكى نۇرغۇن ئەر چولپانلار بۇ خىل ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان.

(«شەخس» ژۇرنىلى باھالىغان 2017-يىللىق «قاملاشقان ئەر» بىلاك شېلتون ۋە ئۇنىڭ مۇقاۋا سۈرىتى)

بۇلتۇرقى چىمپىيون توغرىسىدىمۇ ئانچە تالاش-تارتىش بولمىغان، بۇلتۇر سايلانغىنى بولسا «پىراكتىكانت دوختۇر گىرېي» (实习医生格蕾)غا قاتناشقان پاترىك دېمپسېي (Parick Dempsey).

نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇنىڭدا مۇسكۇل بار، جەلپ قىلىش كۈچىنى ھەممە ئېتىراپ قىلىدۇ. لېكىن ئۇ سايلانغان چاغدا 57 ياشقا كىرگەن بولۇپ، «يېشى بەك چوڭ»، «كەسپىي ھاياتىنى باشلىغىنىغا 36 يىل بولغان»، «57 ياش ئۇنىڭ ئەڭ قاملاشقان ۋاقتى ئەمەس»، «ھازىر 2005-يىلى ئەمەس» دېگەن ئىنكاسلار بولغان. قىسقىسى، بەزى قارشى سادالارمۇ بولغان.

(«شەخس» ژۇرنىلى باھالىغان 2023-يىللىق «قاملاشقان ئەر» پاترىك دېمپسېي ۋە ئۇنىڭ مۇقاۋا سۈرىتى)

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆزىمۇ سەنئەت ساھەسىدىن چېكىنىپ چىقىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ئويناپ يۈرگەن بولغاچقا، بۇ نام ئۇنىڭغا سەل كېچىكىپ بېرىلگەن.

لېكىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، «شەخس» ژۇرنىلىدىمۇ قىيىنچىلىق بار بولۇپ، مەيلى كىم تىزىملىككە تاللانسۇن، تاللانغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك ئىكەن.

ئۇلار بۇ يىل جون كىراسىنسكىنى بىرىنچى ئورۇنغا تىزىشتىن بۇرۇن، ئەڭ ياخشى كۆرگەن نامزات ئەمەلىيەتتە «قارا قۇيۇن» (龙卷风)نىڭ ئارتىسى، 36 ياشلىق گىلېن پوۋېل (Glen Powell) ئىدى.

گىلېن پوۋېل رول ئالغان «قارا قۇيۇن» نۇر تورى كىنوخانىسىدا قويۇلۇۋاتىدۇ:

مېنى چېكىپ كۆرۈڭ

يەنە « گىلادىياتور 2» (角斗士II)گە قاتناشقان ئارتىس، 49 ياشلىق پېدرو پاسكال (Pedro Pascal)مۇ بار.

لېكىن «شەخس» تەرەپ بۇ ئىككىيلەندىن بىر نەچچە قېتىم قوبۇل قىلىشنى ئۆتۈنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار رەت قىلىشقا سەۋەب ئىزدىگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇلار بۇ نامغا قىلچە پىسەنت قىلمايدىكەن، بۇ ئېقىم مىقدارى ئويۇنىنىمۇ خالىمايدىكەن، پەقەت ياخشى رول ئېلىشنىلا ئويلايدىكەن، يەنە ھازىرقى ھالەتتىن ناھايىتى رازى ئىكەن.

ئۇنداقتا سىزنىڭچە جون كىراسىنسكى راستتىنلا بۇ نامغا لايىقمىدۇ؟ سىزنىڭچە بۇ نامغا ئەڭ لايىق كىشى كىم؟

ئاخىرىدا نۇرداشلارغا جون كىراسىنسكى فىلىم ئىشلىگۈچى بولغان ۋە سېنارىيەلەشتۈرگەن «جىمجىت ماكان: زۇلمەتلىك كۈن» ناملىق كىنونى تەۋسىيە قىلىمىز:

مېنى چېكىپ كۆرۈڭ

كىنولار

تەۋسىيەلىك رومانلار
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552

Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章