ياپۇنىيەدە قولتۇق كومۇلىچى مودا بولدى

文摘   2024-11-15 21:46   新疆  
سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
ئاتۇش لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ ئېچىپ نەق مەيدان كۆرۈڭ
بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بۇ ناھايىتى تالاش-تارتىش قوزغىغان نازۇ-نېمەت، ئۇ ياپونىيەدىن كەلگەن، قارىماققا ناھايىتى نورمالدەك كۆرۈنىدۇ. ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بىر خىل مەززىلىك تائاملار ئېقىمى پەيدا بولۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى ئۇسۇل بىلەن ياپونىيەنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇششاق يېمەكلىكى بولغان گۈرۈچ كومۇلىچىنى ياساپ چىققان. بەزى رېستۇرانلار ئەنئەنىۋى قول بىلەن يۇمىلىتىش ئۇسۇلىنى قوللانماستىن، بەلكى قولتۇقى بىلەن سىقىپ ياسىغان. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ياسىغۇچىلار ياش ئاياللار بولۇپ، ئۇلار كومۇلاچنى ياساشنى باشلاشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن بارلىق يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى، شۇنداقلا يېمەكلىك ماتېرىياللىرى بىلەن ئۇچراشقان ئادەم بەدىنى ئەزالىرىنى دېزىنفېكسىيە قىلىدۇ. ئاندىن، ئىشلىگۈچى ئازراق ھەرىكەت قىلىپ، بەدىنىدىن تەر چىققانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشى كېرەك. ئاندىن گۈرۈچ كومۇلچىنى قولتۇققا قويۇپ مىجىدۇ. بەزى رېستۇرانلاردا، تاماق يېگۈچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، يەنە تېخى بۇ خىل مۇلازىمەتنى رېستۇراننىڭ بىر چوڭ سېتىش نۇقتىسى قىلىدۇ. «ئالاھىدە ماتېرىيال» نى قوشقاندىن كېيىن، بۇ خىل گۈرۈچ كومۇلىچىنىڭ باھاسىمۇ ئۆرلەپ، ئادەتتىكى گۈرۈچ كومۇلىچىنىڭ 10 ھەسسىسىگە، يەنى 1000 ياپونىيە يىنىغا يېقىنلاشقان، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 46 يۈەن بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل نازۇ-نېمەت خېلى بۇرۇنلا پەيدا بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئومۇملىشىشى بىر ئىلمىي تەتقىقات بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ تەتقىقات 2013-يىلى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەتلىك تېببىي ئىلىم كۇتۇپخانىسى (Medicine National Library) غا كىرگۈزۈلگەن، تەتقىقات جەدۋىلىگە ئاساسلانغاندا، ئېنىقكى، ئادەمنىڭ قولتۇقى فېرومون ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بۇ فېروموننى ئادەم قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلاش رولىغا ئىگە. فېرومون بىر خىل ھايۋانلار قويۇپ بېرىدىغان، ھەمراھلىرىغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان ماددىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بىر مىسالنى ئالساق، ئەرمەك ئىتلار ھەممىلا يەردە تەرەت قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بەلگە قويۇلغان زېمىن بولۇپ، ئۇنىڭ سۈيدۈكىدە فېرومون بار. فېرومون ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، تەۋەلىكىگە بەلگە قويغاندىن باشقا، يەنە ئوخشاش تۈردىكى توپلىشىشقا چاقىرىق قىلىش، خەتەردىن سىگنال بېرىش، ئىز ئىزدەش، جىنسىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە قارشى تەرەپنىڭ كۆپىيىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان-تۇرمىغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈش قاتارلىقلار روللىرى بار.
گەرچە ئىنسانلار ھايۋانلارغا ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن تېنىدە ئوخشاشلا فېرومون بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەر-ئاياللارنىڭ پەرقى بار. تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، ئەرلەرنىڭ تەر سۇيۇقلۇقىدىكى فېرومون ئاندروستېننىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، پۇراش سېزىمى كۈچلۈك ئاياللار بۇنى ھېس قىلالايدىكەن، بۇ خىل ماددا ئاياللارنىڭ كەيپىياتى ۋە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدىكەن. ئەكسىچە، ئاياللار قويۇپ بەرگەن ئالاھىدە فېرومون ئەرلەرگىمۇ پايدىلىق ئىكەن، قولتۇق گۈرۈچ كومۇلىچىنىڭ مودا بولىشى دەل مۇشۇ سەۋەبتىن. بەزى ئالىملار تەم سەزگۈسى پۇراش سېزىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ دەپ قارايدۇ، ئەگەر ئۇنى يېگەن ئادەم گۈرۈچ كومۇلىچىدىكى ئالاھىدە فېروموننى ھېس قىلالىسا، ئۇنداقتا ئۇ چوقۇم جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خوشاللىققا ئېرىشەلەيدۇ. لېكىن، ھەممىلا ئادەم بۇنداق يېمەكلىكنى قۇبۇل قىلالامايدۇ.
2016-يىلى ياپونىيەلىك بىر ئەر مۇخبىر بۇ خىل يېمەكلىكنى تېتىپ بېقىشنى قارار قىلغان، بۇ يېمەكلىكنى ئۇنىڭ ئايال خىزمەتدىشى نەق مەيداندا ياسىغان. تەييارلىغاندىمۇ قولنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىدۇ، گۈرۈچ كۇمىلىچى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ بولغاندىن كېيىن، قولتۇققا سۈركەش باسقۇچى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇ يېگەندىن كېيىن:«بەك ئوخشاپتۇ! مەن ئۇنى گۈزەل قىزلار ئەتكەنلىكى ئۈچۈنلا شۇنچە يېيىشلىك بولغانمىكىن دەيمەن» دېگەن. لېكىن يەنە نۇرغۇن كىشىلەر قارشى تۇرۇپ:«قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، ئەگەر ئاشپەزدە قولتۇق پۇراش بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ مەن ئادەتتىكى تاماق يېيىشكە رازى، ھەرگىزمۇ بۇنى يېمەيمەن»  دېيىشكەن. يەنە تېتىپ باققان بىر قىسىم كىشىلەر:«قولتۇق گۈرۈچ كومۇلىچى بىلەن ئادەتتىكى گۈرۈچ كومۇلىچىنىڭ پەرقى يوق ئەكىن، 10 ھەسسە باھادا سېتىۋېلىشنىڭ ھەقىقەتەن ھاجىتى يوق» دەپ قارىغان.
بۇ ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسى ئەقىلگە مۇۋاپىق، ئالدى بىلەن ئادەمنىڭ تەرلىرىدە فېرومون بولۇپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن ماددىلار بار، مەسىلەن، ياغ كىسلاتاسى، سۈت كىسلاتاسى ۋە ئورىيا قاتارلىقلار. زەھەرلەنمىگەن بىلەنمۇ، بەزى باكتېرىيىلەر ۇيۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن قالسا، فېروموننىڭ تەركىبى ۋە قويۇقلۇقى ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، ئادەمنىڭ پۇراش سېزىمىمۇ سەزگۈر ۋە ئاستا دەپ ئايرىلىدۇ. شۇڭا، ھەممىلا ئادەم گۈرۈچ تامىقىدىكى «ئالاھىدە ماتېرىيال» نى ھېس قىلالمايدۇ، ئۇنىڭغا باشقا پۇراق مولېكۇلىلىرى سىڭىپ قىلىش ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى يىڭىلىق ھېس قىلغانلار ياكى ئالاھىدە قىزىقىشى بارلار بولىشى، شۇڭا ناھايىتى رازىمەنلىك ھېس قىلغان بولىشى مۇمكىن؛ ياقتۇرمايدىغانلاردىمۇ بەلكىم تۇغما فىزىيولوگىيەلىك يىرگىنىش سەۋەبىدىن بولىشى مۇمكىن، نېمىلا دېگەن بىلەن يېمەكلىككە باشقىلارنىڭ تەرلىرى ۋە باكتېرىيەسى ئارىلىشىپ كەتكەن. پەقەت ناھايىتى ئاز ساندىكى پۇراش سېزىمى ئۆتكۈر ئادەملەرلا تەلىيى ئوڭدىن كەلسە، ئاندىن ئىچىدىكى ئالاھىدە پۇراقنى پۇرىيالايدۇ، ئاندىن ھەقىقىي جەلپ قىلىنغان ئادەم ھېسابلىنىدۇ. قولتۇق گۈرۈچ كومۇلىچى ئەمەلىيەتتە خېلى بۇرۇنلا قىززىق نوقتىغا چىققان بولۇپ، نېمىشقىكىن بۇ يىل 5-ئايدا يەنە تاراتقۇلاردا مودا بولغان. بۇمۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ھەر قانچە كىچىك تاۋار بولسىمۇ، ئۇنىڭ بازىرى بولىدۇ، ئۇ بەزىلەرگە ماس كەلمەيدىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، لېكىن ئۇ بەزى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدىغان ئادەملەرنىمۇ رازى قىلىدۇ.
ئاتۇش لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ ئېچىپ نەق مەيدان كۆرۈڭ

كىنولار

تەۋسىيەلىك رومانلار
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552

Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章