سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
22 ياشلىق بىرازىلىيەلىك ئايال جۇلىئاننا پىرىس ماگارېس ئامېرىكا ۋىرگىنىيە ئىشتاتىنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى بىر باي ئائىلىنىڭ بالا باققۇچىسى ئىدى. يېقىندا، شۇ جايدا يۈز بەرگەن بىر قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىدا، ئۇ سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
(كرىستېن بانفىيلد ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسىدا تىغلىق ئەسۋابتىن زەخمىلىنىپ ئۆلگەن)
ئېنىقلىنىشىچە، جۇلىئاننا خىزمەت جەريانىدا، 38 ياشلىق غوجايىنى برېندان بانفىيلد (Brendan Banfield)نى ياخشى كۆرۈپ قالغان، بانفىيلد بولسا ئامېرىكا دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىمى. ئىككىيلەن 2023-يىلى 2-ئايدا مۇرەككەپ سۇيىقەست پىلانلاپ، بانفىيلدنىڭ ئايالى كرىستېننى، يەنى تۆت ياشلىق قىزى بار بىر ئانىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن.
سۈرەتتە: برېندان بانفىيلد.
2023-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى بىرەيلەن بىر مۇھەببەت خۇمارى تور بېكىتى ئارقىلىق جوي رىيان بىلەن ئالاقىلىشىپ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى باھانە قىلىپ، ئۇنى بانفېلد ئەر-ئايالنىڭ ئۆيىگە ئالداپ ئەكىرگەن. شۇ كۈنى، ساقچىلار بانفىيلد تۇرالغۇسىنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، كىرىستىننىڭ ئۈستىنكى بەدىنىدە تىغ يارىسى بارلىقىنى، رىياننىڭ ئىككىنچى قەۋەتتىكى ياتاق ئۆيدە ياتقانلىقىنى، بەدىنىدە ئەجەللىك ئوق يارىسى بارلىقىنى بايقىغان. ساقچىلار كىرىستېننى تېز سۈرئەتتە دوختۇرخانىغا ئاپارغان بولسىمۇ يەنىلا ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىغان.
جۇلىئاننا بىلەن بانفىيلد ھەر ئىككىسى رىياننىڭ كرىستىنغا تىغ كۆتۈرگەنلىكىنى، ھەمدە بانفىيلدنىڭ ئۇنىڭغا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
جۇلىئاننا 2023-يىلى 2-ئايدىكى سىن كۆرۈنۈشىدە ساقچىلارغا مۇنداق دېگەن: «رىيان كرىستىننى زەخمىلەندۈرۈشكە باشلىدى. مەن بانفىيلدنىڭ ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى كۆردۈم، بانفىيلد يەنە مېنى ئوق چىقىرىشقا ياردەملىشىشكە بۇيرىدى. مەن ئىلگىرى رىياننى كۆرۈپ باقمىغان.»
2023-يىلى 10-ئايدا، يەنى قاتىللىق دېلوسى يۈز بېرىپ تەخمىنەن سەككىز ئايدىن كېيىن، ساقچىلار جۇلىئاننانى تۇنجى قېتىم قولغا ئېلىپ ئۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىايىتى سادىر قىلغان دەپ ئەيىبلىگەن. قولغا ئېلىنغاندا، ئۇ بانفىيلدنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسىغا كۆچۈپ كىرگەن بولۇپ، چوڭ ھۇجرىنىڭ كارىۋات بېشىدىكى ئىشكاپقا ئۇنىڭ بانفىيلد بىلەن چۈشكەن سۈرىتى قويۇلغان ئىكەن.
سۈرەتتە: بانفىيلد بىلەن جۇلىئاننانىڭ بىللە چۈشكەن سۈرىتى.
بۇ يىل 9-ئايدا، قاتىللىق دېلوسى يۈز بېرىپ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، فايىرفاكس ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى بانفىلدنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇ تۆت تۈرلۈك ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەن دەپ ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئۇ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا دۇچ كېلىشى، جۇلىئاننا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.