سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
تېز تېخنىكا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەخپىي نومۇر باشقۇرغۇچى NordPass ئورگان تەرەپ 2024-يىللىق دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن مەخپىي نومۇر تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان، «123456» ئۇدا ئىككى يىل دائىم ئىشلىتىلىدىغان مەخپىي نومۇرلار تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، «123456789» ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان.
NordPassنىڭ ئۆتكەن ئالتە يىللىق تىزىملىكىدە، «123456» بەش قېتىم بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، پەقەت 2022-يىلى قىسقىغىنە ۋاقىتتا «password» دېگەن مەخپىي نومۇرنىڭ كەينىدە قالغان.
بۇ تىزىملىك كىشىلەرنىڭ مەخپىي نومۇر بېكىتكەن چاغدىكى ئومۇميۈزلۈك روھىي ھالىتىنى ئېچىپ بەردى، «iloveyou»دىن تارتىپ «pokemon»غىچە، «naruto»دىن تارتىپ «samsung» ۋە «Minecraft»غىچە بولغان مەخپىي نومۇرلار ھەقىقەتەن خاسلىققا ئىگە، ئابونتلارنىڭ تاللىغان مەخپىي نومۇرلىرى ھەر خىل، لېكىن بىخەتەرلىك دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى ئەمەس.
بەزى ئىشلەتكۈچىلەر بەلگە ياكى سان قوشۇش ئارقىلىق مەخپىي نومۇرنىڭ مۇرەككەپلىكىنى ئاشۇرماقچى بولىدۇ، مەسىلەن «P@ssw0rd»، ئەمما بۇ تىرىشچانلىقلار خاككېرلارنىڭ ئالدىدا يەنىلا ئاجىز بولۇپ، يېشىش ۋاقتى كۆپ ھاللاردا بىر سېكۇنتقىمۇ يەتمەيدۇ.
NordPass شىركىتى 2.5TBلىق ئاشكارا سانلىق مەلۇمات مەنبەسىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بۇ تىزىملىكنى تۈزۈپ چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلار قاراڭغۇ توردىن كەلگەن، نۇرغۇن مەخپىي نومۇرنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، NordPass ئابونتلارنىڭ تېخىمۇ ئىجادىي ۋە مۇرەككەپ بولغان مەخپىي نومۇرنى تاللاپ، ھېسابات بىخەتەرلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، 2024-يىلى يەر شارى بويىچە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئون چوڭ مەخپىي نومۇر ئايرىم-ئايرىم ھالدا: 123456، 123456789، 12345678 ،pass word ،qwerty123 ،qwerty1 ،111111 ،12345 ،secret ،123123.
دۆلىتىمىزدە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرگەن مەخپىي شىفىرلار بولسا: 123456، 123456789، 12345678، 111111، 1111111، 123123، 000000، 00000000، 123123123، 111222tianya.
بۇ مەخپىي نومۇرلارنى ئەستە تۇتۇش ئاسان بولغاندىن باشقا، يەنە بىر ئورتاقلىق بار، ئۇ بولسىمۇ بىر سېكۇنتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بىلەن شىفىر يېشىش قورالى ئارقىلىق يېشىۋەتكىلى بولىدۇ.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، «111222tianya» دېگەن بۇ مەخپىي نومۇر باشقا مەخپىي نومۇرلار بىر سېكۇنتقىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يېشىلگەن ئەھۋالدا، يېشىلىش ۋاقتى بىر كۈنگە يەتكەن، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مەزكۇر مەخپىي نومۇر بۇ تىزىملىكتىكى ئەڭ بىخەتەر مەخپىي نومۇر.