سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
دوختۇرخانىدىن چىقىپ 28 يىلدىن كېيىن، رېچېل بىلەن ھايدېن ئۇلار تۇغۇلغان دوختۇرخانىغا قايتىپ كەلگەن. ئۇلار ئەينى يىلى ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدىكى سېسترالارغا رەھمەت ئېيتىشى، شۇنداقلا ئۇلارغا بىر خۇش خەۋەرنى ئېيتىشى كېرەك ئىدى.1996-يىلى 7-ئايدا، ھايدېن بالدۇر تۇغۇلغان بولۇپ، مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتىدىن ئۈچ ئاي بۇرۇن تۇغۇلغان، بەدەن ئېغىرلىقى ئاران 0.68 كىلوگىرام ئىدى. ئەينى چاغدىكى داۋالاش شارائىتى چەكلىك بولغاچقا، كۆپچىلىك ھايدېنغا زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەيتتى، دوختۇر پەقەت بالا ھەمراھىدىن مەسىلە چىققان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلالايتتى.ھايدېن تۇغۇلغاندىن كېيىن بەك ئورۇق بولغاچقا، ئۇ ناھايىتى تېزلا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىگە يۆتكىلىپ، ھالىدىن نۇقتىلىق خەۋەر ئېلىنغان، ھايدېننىڭ ئاپىسىمۇ بوش ۋاقتى چىقسىلا كۆزىتىش ئۆيىگە بېرىپ ئايلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئاجىز بالىسىغا قارىغان.ھايدېن كۆزىتىش ئۆيىگە يۆتكىلىپ 10 كۈندىن كېيىن، كۆزىتىش ئۆيى يەنە بىر مېھمان رېچېلنى كۈتۈۋالغان.رېچىلنىڭ ئاپىسى ھامىلىدار ۋاقتىدا ھامىلىدارلىقنىڭ بېشارەت بولغان ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقى (بىر خىل ھامىلىدارلىق ئەگەشمە كېسەللىكى)گە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ھامىلىدارلىقنىڭ 31-ھەپتىسىدە ئۇنى بالدۇر تۇغقان. رېچېل يېڭى تۇغۇلغاندا مېڭىسىگە سۇيۇقلۇق يىغىلىپ قالغان بولۇپ، ئېغىرلىقى ئاران 1.11 كىلوگىرام (يەنە مېڭىسىدىكى سۇنى ھېسابلىغاندا) ئىدى، شۇڭا ئوپېراتسىيەدىن كېيىن، ئۇمۇ ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىگە ئېلىپ كىرىلىپ، ھايدېن بىلەن قوشنا ياتقان.ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە، تۇغۇلغىنىغا تېخى بىر ئايمۇ بولمىغان ئىككى بوۋاق قوشنا بولۇپ ياتقان، ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىنىڭ سىرتىدا، تەشۋىشلەنگەن ئىككى ئانىمۇ ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالغان.ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «بىز ھەر نۇقتىدا بىر-بىرىمىزنى قوللىدۇق. ئەلۋەتتە، ئېرىمىز ۋە ئائىلىمىزدىكىلەرمۇ بىزگە ئىزچىل ھەمراھ بولۇپ كەلدى، لېكىن ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پەقەت بىزلا بىر-بىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىمىز. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە، بىزنىڭ كەيپىياتىمىز ھەر كۈنى ھەر خىل بولىدۇ، شۇڭا بىز پاراڭلىشىدىغان ئادەم تېپىشقا توغرا كەلگەندە، بىر-بىرىمىزگە تاياندۇق.»بەختكە يارىشا، ئىككى بالىدا چوڭ چاتاق يوق بولۇپ، ئارقا-ئارقىدىن ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدىن چىققان. ئەمما بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈپ قويمىغان، ئۇلار ئەينى چاغدا ئانچە يىراق جايدا ئەمەس بولۇپ، ئارىلىقى تەخمىنەن 40 مىنۇتلۇق يول ئىدى، شۇڭا ئۇلار دائىم جەم بولۇپ تۇرغان.«بىز بالىلارنى ئېلىپ بىللە ئويناتتۇق، بىللە تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزدۇق، يەنە بىللە دوختۇرخانىغا قايتىپ ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بايراملارغا قاتناشتۇق.»2007-يىلى رېچىلنىڭ ئائىلىسى كۆچۈپ كەتكەن، ئۇلار تۇرغان جاينىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن تۆت سائەتلىك مۇساپە بولۇپ، ئىككى بالىمۇ كۆرۈشەلمىگەن، لېكىن ئىككى ئانا يەنىلا دوستلۇقىنى ئۇنتۇشماي، تېلېفون ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ، تۇرمۇشتىكى ھەر خىل قىزىقارلىق ئىشلارنى دېيىشىپ تۇرغان.2014-يىلى ھايدېننىڭ ئاپىسى يېقىن دوستىغا ئوغلىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش تانسا كېچىلىكىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى، لېكىن تېخىچە ئۇسسۇل ھەمراھى تاپالمىغانلىقىنى ئېيتقان. نەتىجىدە رېھىلنىڭ ئاپىسى كەسكىنلىك بىلەن قىزىنى «سېتىپ»: «ھايدېن رېچىلدىن سوراپ باقسۇنمۇ؟» دېگەن.شۇنداق قىلىپ، ھايدېن رېچىلغا تېلېفون قىلغان. ئويلىمىغان يەردىن كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن يىل بولغان ئىككىيلەندە تۇيۇقسىز مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرى پەيدا بولغان، تۇنجى ئاخشىمى ئىككىيلەن نەچچە سائەت تېلېفونلاشقان، ئاندىن ئۇلار توختىماي ئۇچۇر يوللاشقان، رېچىل ھايدېننىڭ ئۇسسۇل ھەمراھى بولۇشقا قوشۇلغان، ئىككى ئانىمۇ بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە خۇشاللىق بىلەن گۇۋاھ بولغان.رېچىلنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ھايدېن بىلەن تانسا كېچىلىكىدىن بۇرۇنلا كۆرۈشكۈسى بار بولۇپ، ئاپىسى بىلەن ھايدېننىڭ ئۆيىنى يوقلاشنى مەسلىھەتلەشكەنىكەن. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئۇ يولغا چىقماي تۇرۇپلا سۇسىزلىنىپ ھوشىدىن كېتىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن، ھايدېن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىغا كېلىپ ئۇنى يوقلىغان.رېچىل نەق مەيداندىلا قارار چىقىرىپ: «بۇ يىگىت مېنىڭ يىگىتىم بولسا بولاتتى» دەپ ئويلىغان.(ھايدېن بىلەن راچېلنىڭ تۇنجى قېتىم قايتا ئۇچرىشىشى دوختۇرخانىدا بولغان)ئەتىسى ئىككىيلەن ھايدېننىڭ ئۆيىدە پىسا قاتلىمىسى يەپ مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرغان. ئۇلار ئۇچرىشىشقا باشلىغان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش تانسا كېچىلىكىگە بىللە قاتناشقان، ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇلار يەنە ئايرىلىپ، ھەر قايسىسى ئۆزلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرغان.بىراق بۇ قېتىم ئىككىسىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالمىغان، ئۇلار تاكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە باشقا جايدا تۇرۇپ كەلگەن.رېچېل مۇنداق دېگەن: «ئوقۇش پۈتتۈرۈش تانسا كېچىلىكى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، گەرچە بىز ھەممىمىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان بولساقمۇ، لېكىن بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز يەنىلا ناھايىتى مۇستەھكەم تۇردى، بىز ئىزچىل مەيلى قانچىلىك ۋاقىت ئۆتسۇن، بىزنىڭ ئارزۇيىمىز ۋە ئوخشاش تەرەپلىرىمىز بارلىقىنى بىلىپ تۇرىمىز.»2022-يىلى 12-ئايغا كەلگەندە، ھايدېن بىر كۆۋرۈكتە ئۇنىڭغا توي تەكلىپى قويغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بۇ يىل توي مۇراسىمىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈپ، ھاياتىنىڭ كېيىنكى باسقۇچىغا قەدەم قويغان.(ھايدېن بىلەن رېچىل ۋە ئىككىسىنىڭ ئانىسى)بۇ يىل 10-ئاي مەزگىلىدە، ئىككىيلەن قايتىدىن توي كىيىمى كىيىپ، ھاياتى ۋە بۈگۈنى باشلانغان ھېلىقى دوختۇرخانىغا كەلگەن.ئۇلار ۋالېرى ئىسىملىك بىر سېستىرانى تاپقان، 28 يىل ئىلگىرى، ئۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە خىزمەت قىلىپ، ئىككى بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، خەتەردىن قۇتۇلدۇرغانىدى.ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق ئاجايىپ-غارايىپ ئىشقا تۆھپە قوشقانلىقىنى كۆرگەن ۋالېرىمۇ ئىنتايىن خۇشال بولغان: «بىز ئۇلار ئۈچۈن خۇشال بولدۇق، بۈگۈن بۇ بەختلىك، ساغلام ئەر-ئايالنى كۆرۈپ، تېخىمۇ ئىللىقلىق ھېس قىلدۇق، مانا بۇ بىزنىڭ تېببىي خادىم بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىمىزدىكى سەۋەب.»(يېڭى ئەر-ئايال ۋە سېسترا ۋالېرى)ھازىر ھايدېن بىر گولف توپ مەيدانىدا خىزمەت قىلىپ، خېلى كۆپ پۇل تاپتى؛ رېچىل ئۇنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ، سېسترا بولدى.رېچىل مۇنداق دېگەن: «بىز ئۆزىمىزنى ناھايىتى تەلەيلىك ھېس قىلىمىز، ئەگەر سېستىرالار ۋە دوختۇرلارنىڭ غەمخورلۇقى بولمىغان بولسا، ئانىلارنىڭ ئالاقىسى بولمىغان بولسا، بىز بۈگۈنكىدەك كۈنگە ئېرىشەلمىگەن بولاتتۇق. مەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدىكى بارلىق ئاتا-ئانىلارغا شۇنى دېمەكچىمەنكى، كۆڭلىمىزدە ئۈمىد بولسىلا، ھامان ياخشى ئىش يۈز بېرىدۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن مەن بۇ يەردە كەلگۈسىدىكى ئېرىمنى ئۇچراتتىم.»يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كېسەلخانىسىدىن توي قەسىرىگە كىرىش ھەقىقەتەن ئاجايىپ كەچۈرمىش.بىز ئۇلارنىڭ مەڭگۈ بەختلىك بولۇشىنى ۋە ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى كۆپچىلىككە تارقىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىزتۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدىتەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭيانفون ۋە ئۈندىدار: 13699999340