قان ياشلىق تەقدىر 🧡 1-قىسىم

文摘   2024-07-26 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى سۈبھىنۇر تۇرغۇن چىۋەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «قان ياشلىق تەقدىر» ناملىق روماننىڭ ئاۋازلىق ۋە يازما نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ! شۇنداقلا باشقا ئوقۇرمەن دوستلىرىڭىزغا تارقىتىپ قويۇڭ!

 باشقا قىسىملىرى 




بۈگۈنكى قىسمى 

♥يازما نۇسخىسى♥
1-قىسىم

 -سوفىيا قىزىم ئۇنداق قىلماڭ، چىقىپ كەتمەڭ! دادىڭىز كەلسە يەنە ماڭا خاپا بولىدۇ، نەگەبارىسىز، كەتمەڭ سوفىيا، قىزىم... قىزىم...! دىدى مىھرىگۈل ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭغان قىزى سوفىياغا يالۋۇرغان قىياپەتتە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىپ، بۇ ئايالنىڭ سۆزىدىن كىيىن سوفىيا ئارقىسىغا ئۆرىلىپلا مىھرىگۈلگە قارىدى ۋە ئۆزىنى بېسىۋالالماي ئاپىسىغا يېنىپ سۆزلەپ كەتتى.

-مەن بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، ئىشىڭنى قىل! تولا مېنى باشقۇرىمەن دېمە، ئاڭلىدىڭمۇ مىنى باشقۇرىمەن دىمە! قەيەرنى خالىسام شۇ يەرگە بارىمەن، مىنىڭ ئىشىمغا ئارلاشما، سىنىڭ يول كۆرسىتىشىڭگە موھتاج ئەمەسمەن، ۋوي تۇرۇپلا دادامنىڭ ئاچچىقلىنىشىدىن قورقۇپ قاپسەنغۇ؟ سەن بەكلا يامان ئىدىڭغۇ؟ ھەجەپ ئۆزگىرىپ قاپسىنا؟ نىم بولدۇڭ؟ نىم دەپ چۈشەندۈرسەڭ چۈشەندۈرمەمسەن، خاپا بولسا مىنىڭ نىم كارىم، قىلىدىغاننى قىپ بولۇپ تېخى ساختىپەزلىكىنى قانداق قىلاي ھى..ھى..ھى.. سوفىيا مىھرىگۈلگە قاراپ ئاچچىق ئاچچىق كۈلۈپ قويدى .

-سوفىيا، مەن سىزگە نىمە يامانلىق قىلدىم، سىز ئۈچۈن ياخشى بولسۇن دەۋاتسام نىمىشقا مىنى چۈشەنمەيسىز قىزىم، مىھرىگۈل سۆزىنىڭ ئاخىرىنى تۈگەتمەستىنلا سوفىيانىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولدى .

-سىنى نىمىشقا چۈشەنگۈدەكمەن، چۈشەنگۈدەك ئىش قىلساڭ چۈشەنمەمدىم، قۇلىقىڭىنى دىڭ تۇتۇپ ياخشى ئاڭلا، ماڭا قىلغان يامانلىقلىرىڭنى ھازىر ساڭا بىر بىرلەپ ساناپ بىرىمەن. دادامغا تىگىۋالدىڭ، بىزنىڭ بەختىمىزنى نابۇت قىلدىڭ، ئىناق ئائىلىمىزنى بەربات قىلدىڭ، سىنىڭ مۇشۇ ئۆيگە كەلگىنىڭنىڭ ئۆزى ماڭا قىلغان يامانلىق، سىنىڭ مۇشۇ ئۆيگە كىلىشىڭنىڭ ئۆزى چوڭ بىر خاتالىق بىلدىڭمۇ ؟

-سوفىيا، بۇنداق دىمەڭ، مەن...

 سوفىيا مىھرىگۈلنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاپ قويۇۋاتاتتى، قىز ۋارقىراپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قايناپ سۆزلەيتتى .

-ئەسلى ھەممىنى قىلغان سەن، ئەمدى بولغاندا ساددا قىياپەتكە كىرۋېلىپ تولا دادامغا ھەم ماڭا ياخشى بولىمەن دىمە! سىنىڭ نىيىتىڭنى كىم بىلمەيدۇ؟!... مەن سەندىن نەپرەتلىنىمەن، ئائىلىمىزنىڭ خوشاللىقىنى ھەم تىنچلىقىنى بۇزغىنىڭ ئۈچۈن سەندىن مەڭگۈ نەپرەتلىنىمەن، ھەرگىز، ھەرگىز ماڭا ياخشى بولىمەن دىمە، سىنىڭ تۈگىمەس يالغانلىرىڭغا ئۆلسەممۇ ئىشەنمەيمەن ئەمدى گەپ قىلماي تۇرسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان مىھرىگۈل ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنىمۇ سۆزلىمەك بولدى .

- ئويلاپ بېقىڭ سوفىيا، 14 ياش ۋاقتىڭىزدىن باشلاپ سىزگە ئانا بولدۇم، شۇنىڭدىن بېرىتا ھازىرغا قەدەر سىزگە قىلچىلىك يامان نىيەتتە بوپ باقمىدىم، سىزنى ھەتتا ئۆزۈمنىڭ قىزىدىنمۇ ئارتۇق كۆرۈپ قىممىغىنىم قاممىدى، بۇنى سىزمۇ ياخشى بىلىسىزغۇ؟ شۇنداق تۇرسا ماڭا نىمىشقا يامان كۆزدە قارايسىز؟ مەن سىز ئۈچۈن نىمىلەرنى قىممىدىم، سىزنى مۇشۇنداق دەپ قاممىسۇن دەپ ياخشى بولۇشقا تىرىشىۋاتسام، قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىنى كۆرمەسكە سېلىپ يوققا چىقىرۋاتىسىزغۇ؟ قاراپ تۇرۇپ كۆزيۇمۇشقا كۆڭلۈڭىز قانداقمۇ يول قويۇۋاتىدۇ سوفىيا؟ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە مەن شۇنچىۋالا ئەسكى ئايالمۇ؟ شۇنچىۋالا ناچار، يامان ئايالمۇ؟ قېنى ئېيتىپ بېقىڭە؟ مىھرىگۈل قىزىغا سوئال نەزىرى بىلەن قارىدى.

-ئوھۇي نىمانچە ئالىيجاناپ بوپ كەتتىڭ؟ مىنى بەكلا ھەيران قالدۇرۋاتىسەن جۇمۇ، ئەمما لىكىن ئويۇن دىگەننى ۋەھشى ئوينىيالايدىكەنسەن، قول قويدۇم سىنىڭ ئەقلىڭگە، نىمانچە يامان سەن؟ سىنىڭدەك يالغانچى مەككار خوتۇننى ئۆمرۈمدە كۆرۈپمۇ باقماپتىكەنمەن، ھەيرانمەن، ساختىپەزلىكنى شۇنداقمۇ قاملاشتۇرالايدىكەنسەن ئەمەسمۇ، سەنئەت مەكتەپنىڭ ئارتىسلىق كەسپىدە ئوقۇپ قالغان بولساڭمۇ رول دىگەننى دەششەت ئېلىپ قوياركەنسەن، بىلمەي يۈرۈپتىمەن ياڭزاڭ جىقكەن سىنىڭ، كاللاڭ تېخى بەك ئۆتكۈر، بىردەمنىڭ ئىچىدە مەزلۇم بىچارە قىياپەتكە كىرىپ مىنىمۇ ئىندەككە كەلتۈرۈشنى، ئېغىزىمنى تۇۋاقلاشنى ئويلاپ بولدۇڭ مانا؟ ۋاي ۋاي شۇنداقمۇ ئۇستا ئارتىس بولامدىغان؟ ئاڭلاپ قوي سەن بۇ پەيلىڭ بىلەن مىنى ھەرگىز ئالدىيالمايسەن، سىنىڭ ئۇ ساختا كۆز ياشلىرىڭ مىنىڭ خىيالىمغىمۇ كىرىپ چىقمايدۇ، مىنى ھەرگىزمۇ ياشلىرىڭغا ئىشەندۈرەلمەيسەن، ساڭا دىسەم بىر ئانىغا نىسبەتەن بالىسىنىڭ كۆزياشلىرى دىلىنى ئىرىتەلمىگەن ئايالنىڭ يۈرىكىدە چىن مۇھەببەت بولمايدۇ، باغرىڭنى يېرىپ چۈشكەن بالاڭنى تاشلاپ بۇ يەرگە مال دۇنيا ئۈچۈن كەپسەنيۇ باشقا ئىشلارنى قىلماي قالامسەن؟ ھى.. قىز دىمىقىنى قېقىپ قويۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى :

-خوش سۆزىمىزنى داۋام قىلايلى، نىمىشقا؟ ھە نىمىشقا؟ بالاڭنىمۇ يىتىم قىلىپ، مىنىمۇ يىتىم قىلىپ دادامغا تىگىۋالىسەن ؟دادامغا تىگىۋېلىپ نىمىگە ئىرىشتىڭ، دەپ باقە نىمىگە ئىرىشتىڭ؟ ئۆز ۋاقتىدا سەن شۇنداق قىلمىغان بولساڭ دادام بىلەن ئاپام يارىشىپ قالغان بولاتتى، بىزمۇ خاتىرجەم، تىنچ ياشايتتۇق، بۇ دۇنيادا سەندەك قارا نىيەت ئايالدىن يەنە بىرسى تېپىلماس، بىزنىڭ ئائىلىمىزنى ۋەيران قىلىپ خوش بولدۇڭمۇ؟ دادامنى ئاپامدىن تارتىۋېلىپ خوش بولدۇڭمۇ؟ ئېيتە قېنى ئېيتە! ھېچ بولمىغاندا ئۆزۈڭنىڭ باللىرىنى بولسىمۇ ئويلىساڭ بولمامدۇ؟ سەن نىمانچە باغرى تاش ئانا؟ كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام مەن ساڭا بەكلا ئۆچ، بەكلا ئۆچ... سەن بىلەن پەقەتلا خوشۇم يوق، لەنەت بولسۇن ساڭا! سوفىيا ۋارقىراپ تۇرۇپ شۇنداق دىدى. مىھرىگۈلنىڭ ھەسرەتلىك ياشلىرى مەڭزىنى بويلاپ تاراملايتتى .

-بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى سىز ھامان چۈشىىنىسىز سوفىيا، لىكىن ھازىر ۋاقتى ئەمەس، مەن چۈشەندۈرسەممۇ سىز بەرىبىر قوبۇل قىلمايسىز، بۇنىڭ ھەممىسى بىر تەغدىر قىزىم ... تەغدىرگە ھېچكىم قارشى تۇرالمايدۇ، ئادەم ئۆز تەغدىرىگە نىمىلەرنىڭ يېزىلغانلىقىنى بىلمەيدۇ... بەزى چاغلاردا ئۆزىمۇ بىلىپ بىلمەستىن شۇنداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ، ھەي بولدىلا، سىزگە دىسەممۇ بەرىبىر... ئايال تىترەڭگۈ ئاۋازلىرى بىلەن ئېغىر تىنىپ شۇنداق دىدى .

-تەغدىر؟... قانداق تەغدىر بۇ؟ نەدىمۇ بۇنداق باشقىلارنىڭ ھاياتىنى ۋەيران قىلىدىغان، خاتالىقلارغا خالاپ تۇرۇپ يول بىرىدىغان، بىراۋنىڭ كۈلكىسىنى ھەم بەختىنى ئۆز ھېسىياتىنىڭ ئارقىسىغا كىرىپلا تارتىۋالىدىغان، كىشىلەرنىڭ كۆز ياشلىرىغا سەۋەب بولىدىغان تەغدىر بولسۇن، بىلسەڭ ھەممە ئىشلارنىڭ سەۋەبكارى سەن، ئۆزۈڭچە تەغدىرگە ئارتىپلا قۇتۇلماقچىمىدىم؟!... ئادەم دىگەن ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى يارىتىدۇ بىلەمسەن شۇنى، ھاياتىڭدا قانداق تەدبىر قوللانساڭ، تەغدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ، سەن ئازمىساڭ، توغرا ياشىساڭ قانداقمۇ خاتا ئىش قىلالايسەن، تولاماڭا باھانە كۆرسەتمە ھەم باھانە كۆرسەتسەڭمۇ مەن ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، چۈنكى سەن دىگەن بىر يالغانچى، ئەسكى ئايال! دادامنى ئازدۇرغان ساختىپەز تۈلكە ئايال! ئىشىككە يېقىنلا تۇرغان سوفىيا بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ مىھمانخانا ئۆيدىكى ئۈستەل يېنىغا كەلدى ۋەئۈستەل ئۈستىگە قويۇلغان ئىستاكاندىكى چاينى ئۆگەي ئاپىسى مىھرىگۈلنىڭ يۈزىگە چاچتى. قىز ئاپىسىغا قاراپ سەت بىرنى ئالايدى .

-ھا..ھا..ھا..تەغدىرمىش تېخى، ئەمسە مىنىڭ بۇ چاينى ساڭا چېچىشىممۇ تەغدىر جۇمۇ! باياتىن ئۆزۈڭ دەۋاتمامتىڭ ئىنسان تەغدىرى ئاجايىپ غارايىباتلار بىلەن تولغان بولىدۇ، نىمىش بولۇشىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ دەپ، مىنىڭ بۇنداق قىلىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولغىيدىڭ شۇنداقمۇ؟ ھى... ھى... ھى... سوفىيا ئاپىسىغا قاراپ ھەم مەسخىرە ھەم ئاچچىق بىلەن قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى. مىھرىگۈل قولى بىلەن يۈزىنى توسۇۋېلىشقا ئۈلگۈرمىگەن بولۇپ ئۇنىڭ يۈزلىرى، چاچلىرى ھۆل بولغانىدى، ئۇ قولىنى يۈزىدىن تارتىپ گەپ قىلىشقا تەڭشىلىپ ئېغىزىنى مىدىرلاتقىنىدا سوفىيا ئاچچىقتىن چەكچەيگەن كۆزلىرىنى ئانىسىغا تىكىپ تۇرۇپ ۋارقىرىدى :

-ئەمدى ماڭا گەپ قىما! يولۇمنى توسما! سىنى پەقەتلا كۆرگۈم يوق، ئۆلىدىغان ئىش بولسىمۇ سىنى كۆرۈشنى خالىمايمەن، بىلسەڭ مەن ساڭا بەكلا ئۆچ! دىدى ۋە ئىتتىك قەدەملىرى بىلەن ئىشىك ئالدىغا كەلدى. پۇتىدىكى ساپما كەشنى قوپاللىق بىلەن سىلكىپ سالغىنىچە تىپىپ چۆرىۋەتتى، ئارقىسىدىن سومكىسىنى كۆتۈرۈپ چاپىنىنى ئۇچىسىغا ئارتىپلا ئارقىسىغىمۇ قارىماستىن بارچە كۈچى بىلەن ئىشىكنى جاڭڭىدە يېپىپ ئۆيدىن ئايرىلدى. شۇ تاپتا مىھرىگۈلگە بولغان چەكسىز ئۆچمەنلىك غەزەپ نەپرەت ئوتلىرى سوفىيانىڭ كۆزلىرىدە لاۋۇلداپ تۇراتتى. «جادۇگەر تۈلكىنىڭ سۆزلىرىنى قانداق قىلاي، سىنىڭ بۇنداق ياشىغىنىڭدىن ئۆلگىنىڭ ياخشى، كۆزۈمنى سەتى! ئۆچلۈكۈمنى كەلتۈرۈپ كەشكىچە كەينىمگە كىرۋالغان، ساراڭ! » سوفىيا ئۆز ئۆزىگە شۇنداق دىگىنىچە بىنا ئىشىكىدىن چىقىپ كەتتى. قىزىنىڭ بۇ قىلىقلىرىدىن، گەپ سۆزلىرىدىن ۋىجدان غورۇرىنىڭ قاتتىق يەرگە ئۇرۇلغانلىقىنى ھېس قىلغان مىھرىگۈل لىۋىنى چىشلىدى ۋە ۋۇجۇدىدىن ئوخچۇپ چىقىۋاتقان ئازابلىق ياشلىرىنى تۇتۇۋېلىشقا ئىمكانسىز قالغانىدى، مىھرىگۈل سوفىيانى توسۇپ قېلىشقا شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ بىراق ئامال قىلالمىغانىدى، ئامال قىلالىغان ھالەتتىمۇ قىزنىڭ بۇ قىلغانلىرى مىھرىگۈلنىڭ يۈرىكىدە ئەلەملىك يول يول يارىلارنى قالدۇرغىنى ئۈچۈن ئۇنى توسۇۋېلىشتىن رايى يېنىپ كىتىشى ئېنىق ئىدى. ئايال كىروسلوغا كىلىپ ئولتۇردى. كۆز ئالدىدىكى قىزىل گۈل كەچتىلەنگەن سائەتكە قارىغىنىچە چوڭقۇر خىياللار قاينىمىغا چۆكتى. ھەسرەتلىك كەچمىشلەر ئۇنىڭ يۈرىكىنى تىتما – تىما قىلماقتا ئىدى. توختىماي چىكىلداۋاتقان مىنۇت، سىكۇنت ئىستىرلىكىسىمۇ مىھرىگلنىڭ خىياللىرىغا تەڭكەش ئىدى، « ئەجىبا مىنىڭ ئۆگەي ئانا بولغىنىم گۇناھمىدۇ؟ ھېلىمۇ قىزىمغا بۆلمىگەن كۆڭلۈمنى ئۇنىڭغا بىرىۋاتىمەن، پۈتۈن مىھرىم بىلەن سۆيۈپ، ياخشى كۆرۈپ كىلۋاتىمەن، شۇنداق تۇرسىمۇ يەنە نىمىشقا مىنى يامان ئالىدىغاندۇ؟ بۇ ئۆيگە كلىشىم مۇشۇ كۈنلەرنى كۆرۈش ئۈچۈنمىدى؟ يۈرۈكۈمگە ئازابلارنى، ئەلەملەرنى قالدۇرۇش ئۈچۈنمىدى؟ مىنىڭ تەغدىرىم نىمانچە كاجدۇ؟ يەنە قانداق كۈنلەرنى كۆرەرمەن؟ نىمىشقىمۇ ئېزىپ ئارسلان بىلەن توي قىلغان بولغىيدىم، پوق يەپمۇ بۇ ئۆيگە كەلگەن بولغىيمىدىم، ئەسلى جېلىل بىلەن ئاجرىشىپ كەتمىگەن بولسام، باللىرىمنىمۇ يىتىم قىلماي شۇ خاتىرجەم تۇرمۇشۇمغا قانائەت قىلىپ ياشىغان بولسام، مال دۇنياغا زىيادە ھېرىس بولمىغان بولسام بۇ ئەلەملەرگىمۇ مۇپتىلا بولماس ئىدىم، ئىشلارنىڭ بۇنداق بولىدىغانلىقىنى، ئۆگەي ئانىنىڭ بۇنچىۋالا يامان ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسام ھەرگىزمۇ جېلىلدىن ئاجراشمايتتىم. بۇ ئۆيدە ئەڭ كۆپ ئازار يەيدىغان، ئەڭ كۆپ ئازاب چىكىدىغان ئادەممەن... كۆزۈمنىڭ ئاچلىقى، نەپسىمنىڭ يامانلىقى مىنى مۇشۇ كۈنلەرگە تاشلىدى، ئەسلى تىنچ تۇرمۇشۇمنى قەدىرلىسەم بوپتىكەن، مىنىڭدەكمۇ ئەخمەق، دۆت ئايال بولامدۇ؟ جېلىلنىڭ قەدرى ھەجەپمۇ ئۆتۈلدى دىسە، ئۇنى سىلكىگەن، تىللىغان ۋاقىتلىرىمدا ئۇنىڭمۇ كۆڭلى مىنىڭكىدەك ئاغرىغان بولغىيمىدى، ئۇنىڭ قەدرىگە ھەجەپمۇ بىر يەتمەپتىكەنمەن .. » مىھرىگۈلنىڭ خىيالىدىكى سوئاللار جاۋابسىز ئىدى، ئۇ جېلىل بىلەن بىللە ئۆتكەن ھەر بىر مىنۇت ۋاقتىنى بىر – بىرلەپ ئەسلىمەكتە ئىدى. جېلىلنى تىللىغانلىرى، سىلكىگەنلىرى خىيال ئىكرانىدا تولىمۇ روشەن نامايان بولماقتا ئىدى... « ئۇ شۇنداق ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەر ئىدىكى، جېلىل ئۆيگە يېقىنلا ئەتراپتا ياغاچچىلىق دۇكىنى ئاچاتتى. ئۇ ئادەتتە چۈشلۈك تاماققا ئۆيگە كىرىدىغان بولۇپ مىھرىگۈلمۇ ئىرىنىڭ كىلىشىگە ئۈلگۈرتۈپ غىزا ھازىرلاپ قوياتتى. ئۇلارنىڭ ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرگۈدەك بىر قىز بىر ئوغۇل پەرزەنتى بار ئىدى، بۇ ئائىلە گەرچە بەك باياشاتچىلىققا ھەم بايلىققا كۆمۈلۈپ كەتكەن بولمىسىمۇ لىكىن ئىللىق ئىدى، ئاددىيلىققا تولغان بۇ ئۆيدە مىھىر – مۇھەببەت چوڭقۇر ئىدى، كۈلكىلەر ئۈزۈلمەيتتى، چىھىرلەردىن تەبەسسۇم ھەرۋاقىت پارلاپ تۇراتتى، ئىناقلىق، خاتىرجەملىك گۈللىرى پورەكلەپ ھۆرمەت ۋە ئىشەنچ ھىدلىرى يۈرەكلەرنى شادلىققا چۆمدۈرەتتى. تولىمۇ ئەپسۇس بۇ ئاددىي ۋە گۈزەل تۇرمۇش ئۇزۇنغا بارمىدى، جېلىلنىڭ باللىرىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كىلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىدى، مىھرىگۈل بۇرۇنقىغا ئوخشىمايتتى، ئۇنىڭ قانائەتچان قەلبى باشقىچە ئۆزگەرگەنىدى، ئۇ بۇ چوڭ شەھەرگە كەلگەندىن بۇيان بەكلا ياسىنىدىغان ھەم مودا قوغلىشىدىغان بوپ كەتكەنىدى، ئەنۋەرنىڭ ياغاچچىلىق دۇكىنى ئېچىپ تاپقان پۇللىرىمۇ ئۇنىڭ ياسىنىشىدىن ئاشمايتتى، باللىرىغا بولغان كۆيۈنۈشلىرىمۇ ئاستا – ئاستا سۇسلاپ كىتىۋاتاتتى، ئەنۋەر بىلەنمۇ دىگەندەك كارى يوق ئىدى، ئىككى گەپنىڭ بىرسى بولسا مال دۇنيا توغرىسىدا ئۇرۇشاتتى. يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىق كۈنلىرى ئىدى، جېلىل كۈندىكىگە ئوخشاش چۈشلۈك تاماقتا ئۆيدە بولدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە ئولتۇرۇپ غىزالانغاندىن كىيىن چۈشتە ھاۋا بەكلا ئىسسىق بولغاچقا بىرە سائەت كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ ئاندىن دۇكانغا چىقىشنى ئويلىغان جېلىل ياستۇقنى كۆتۈرۈپ ياتاق ئۆي تامان مېڭىشقا تەڭشەلگىنىدە، ئۇنىڭ ھەركەتلىرىگە دىققەت قىلىپ تۇرغان مىھرىگۈل

-دۇكانغا چىقمامسەن جېلىل دەپ سورىدى .

-بۈگۈن ھاۋا بەكلا ئىسسىق، يەنە كىلىپ بۇنداق چۈش ۋاقىتتا تۈزۈك سودىمۇ بولمايدۇ، خىرىدار كەلسە شاگىرت بالىلار بار ئەمەسمۇ ئۇلار قارايدۇ، مەن ھىلىراق چىقىمەن... دىدى جېلىل ئايالىنىڭ سۆزىگە جاۋابەن، شۇنىڭ بىلەن مىھرىگۈل يەنە ئېيتتى :

-شاگىرت بالىلار دەپ خەخنىڭ قولىغا تاشلاپ قويۇپ دۇكاننىڭ سودىسىمۇ بوممىغىلى تۇردى مانا، كىم بىلىدۇ قارا ساناپ سەن كۆرە كۆرمەستە سودىنىڭ پۇللىرىدىن ئايرىۋالامدۇ تېخى، قاچانلا قارىسا ئارامنىڭ گىپىنى قىلىپ ياستۇقنى قولتۇقلاپ يۈرگىچە دۇكانغا چىقىپ ئۆزۈڭ بىر قوللۇق ئاچساڭ، كۆپرەك پۇل تاپاتتۇق ئەمەسمۇ؟

-بۇ سىنىڭ نىمەدىگىنىڭ مىھرىگۈل، خەخكە بىكاردىنلا قارا چاپلىما، ئۇلارنىڭمۇ نىيىتى ئۇنچىۋالا يامانمۇ ئەمەستۇ، گۇمان قىلمايلى... دىدى جېلىل ئايالىنىڭ سۆزلىرىگە رەدىيە بىرىپ.

-چوڭ شەھەردە ياشاۋاتىمىز، بۇ يەردە ئولتۇرسا قوپسا ھەممە نەرسە پۇل بىلەن ھەل بولىدۇ، قاچانلا قارىسا بىر ۋاخ تاماق يەۋالغانغا خوش بولۇپ، بىر كۈن ئۆتسە بىر كۈنگە ھىساب قىلىپ ئۆتەمدۇق؟ بىزنىڭ خەختىن نەرىمىز كام دەيمەن، بىزنىڭمۇ باياشات ياشاشقا ھوقۇقىمىز باردۇ؟ چوڭ يەپ چوڭ ئىچسەك يامان كىتەمدىكەن؟ شۇنداق كۆپ پىلانلىرىم بار ئىدى، لىكىن سەن بۇنداق لىڭتاسمىلىق قىلىپ يۈرسەڭ ئۇ ئارمانلىرىم ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئوخشايدۇ، مىھرىگۈل ھازىرقى تۇرمۇشىغا نارازى بولۇۋاتقان ھالدا شۇنداق دەپ قاخشىماقتا ئىدى .

-قانائەت قىلساڭ بولمامدۇ؟ ھىلىمۇ ھەممە نەرسەڭنى تەل قىپ بىرىۋاتىمەنغۇ؟ يەنە نىمە بولدى؟ بۇ تۇرمۇشىمىزدىن نىمىشقا رازى بولمايسەن مىھرىگۈل، تىرىشىۋاتىمەنغۇ؟ سىنى ھەم باللىرىمىزنى ياخشى كۈنلەرگە ئۇلاشتۇراي دەپ تىرىشىۋاتىمەنغۇ؟ ھەممە ئىش بىركىچىدىلا ۋۇجۇدقا چىقىپ كىتەمدۇ، ئاستا – ئاستا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغۇ؟ ...

-شۇنچەبەك دەپ كەتكۈدەك نىمەمنى تەل قىلۋەتتىڭ دەپ باقە، بىرنى تاپسام بىرسى يوق شۇنداقمۇ زىرىكتىم بۇ ئۆيدىن، شۇنداق ئۇخلاپ يېتىپ تىرىشىۋاتامسەن، بىكا تۇرساڭمۇ ئاسماندىن ئالتۇن يامبۇ، تىللالارنى چۈشۈرەلەيدىغان ئەۋلىيامىدىڭ يا سەن، سىنىڭ بۇ قوڭاڭنىڭ بوشلىقىدا، بىز يەنە ئون يىلدىمۇ مۇشۇ ھالىتىمىز بىلەن نامرات ياشايمىز بىلسەڭ.. مىھرىگۈل جېلىلنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ سۆزلەۋاتاتتى .

-بىرەسائەت كۆزۈمنى يۇمۇۋالاي دىگىنىمگىغۇ تويغۇزۋەتتىڭ، ۋاي بولدى ئامماپتىمەن بۇنداق كۆڭۈلسىز ئارامنى، ساڭا پۇل بولسىلا بولىدىغان ئىش بولسا مەن چىقىپ پۇل تاپاي، مەدىكار ئىشلىسەممۇ ئىشلەپ، يول بويىدا داستىخان سېلىپ تىلەپ بولسمۇ ساڭا پۇل تېپىپ ئەكىرەي بولامدۇ؟ جېلىل ئاچچىقلاپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. مىھرىگۈل ئىرىنىڭ كەينىدىن ئالىيىپ قويۇپ «ساراڭمۇ بۇ، چىقىپ پۇل تاپ پۇل! بىكا ياتقانغا ئىش تاڭ ئاتمايدۇ، تاپقان نىمىسىنىڭ تايىنى يوق گىپىنىڭ چوڭلىقى تېخى، بىر نەسە ئالىمەن دەپ بولغۇچە پۇل يوق دەيدىكەن،ئىشلەپ تاپساڭ بولمامدۇ پۇل دىگەن، تازىمۇ بىر قاملاشمىغان نىمىكىنە بۇ...» دىگىنىچە تۇراتتى.جېلىلنىڭ ئۆيدىن چىقىشى بىلەن ئۇ تىلفۇننى قولىغا ئالدى ۋە ئۈندىدارىغا قارىدى، ئەتراپتىكى كىشىلەر توپىدىن كىمدۇر بىرىنىڭ ئۆزىنى قوشۇش بۇيرۇقى بىرىلگەن ئۇچۇرنى تاپشۇۋالغان مىھرىگۈل «ۋاي ۋۇي كىمدۇ بۇ جىلە بوپ تۇرغاندا...» دىگىنىچە قارشى تەرەپنى قوشتى...


ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز 25-قىسىمغىچە بارلىق قىسىملىرى تولۇق چىقىدۇ👇


Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章