قارا كۆڭۈللەر 🧡 25-قىسىم

文摘   2024-09-05 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى تۇرسۇنتوختى توختىروزى شۇڭقار قەلىمىدە پۈتكەن، ئۈنبەر ستودىيىسىدە ئاۋازغا ئېلىنىپ ئىشلەنگەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «قارا كۆڭۈللەر» ناملىق رومان. ئەزىز دوستلارنىڭ بىزنى قوللاپ ئالدى بىلەن مۇشۇ ئېلاننى بىر چېكىپ قويۇپ ئەسەر ئاڭلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم

بۈگۈنكى قىسمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

شادىيە ئىككى تال ئىستاكاننى ئېلىپ چىقىپ بىرىنى زاھىرنىڭ ئالدىغا قويۇپ ھوشسىزلاندۇرۇش دورىسى ئارىلاشتۇرۇلغان گازلىق سۇنى قۇيماقچى بولدى.

- مەن بوتۇلكىسى بىلەنلا كۆتۈرۈپ ئىچەي. سىز ئىستاكانغا قويۇپ ئىچىۋىرىڭ،-دېدى زاھىر يېنىدىكى گازلىق سۇنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ ھوزۇرلىنىپ ئىچكىنىچە.

 زاھىرنىڭ گېپىدىن قىلچىلىك غەيرىيلىك ھېس قىلمىغان شادىيە ھوشسىزلاندۇرۇش دورىسى ئارىلاشتۇرۇلغان گازلىق سۇنى ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى ئىستاكانغا قويدى. زاھىر ئوخشىتىپ ئېتىلگەن تاماقلارنى ئىشتىھا بىلەن يەۋاتسىمۇ شادىيەنى قاچان گازلىق سۇنى ئىچەركىن كۆزى تۆت بولىۋاتاتتى .

شادىيە ئۇنى-بۇنى يىگەچ ئولتۇرۇپ ئىستاكاندىكى گازلىق سۇنى بىرنەچچە يۇتۇم ئىچتى. ئارىدىن بەش مىنۇت ئۆتەر-ئۆتمەيلا شادىيەنىڭ بېشى قېيىپ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشقاندەك بولدى. ئۇنىڭ پات-پات مىڭىسىگە قان يىتىشمەيدىغان بولغاچقا بېشى قېيىپ قالىدىغان ئادىتى بار ئىدى. ئۇ ھۇجرىسىغا كىرىپ قان تولۇقلاش كاپسۇلىنى ئىچمەكچى بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇشىغا كۆز ئالدى تېخىمۇ قاراڭغۇلىشىپ ئۈستەلنى تۇتۇپ قالدى .

- شادىيە، نېم بولدىڭىز ؟- دېدى زاھىر دورىنىڭ تەسىر قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ چاندۇرماي.

- مېنى يۆلەپ ھۇجرامغا ئەكىرىپ قويۇڭ. دورامنى ئىچۋالساملا ياخشى بولۇپ قالىمەن،- دېدى شادىيە پەس ئاۋازدا.

زاھىر ئۇنى يۈلەپ ھۇجرىسىغا ئېلىپ كىرىپ كارۋاتقا ئاۋايلاپ ياتقۇزدى.

- زاھىر…… كارۋىتىمنىڭ يۇقۇرى تەرىپىدىكى تومپۇچكىنىڭ ئىچىدە قان تۇلۇقلايدىغان كاپسۇللۇق دورا بار……،- شادىيە گېپىنىڭ ئاخىرىنى قىلالماي كۆزلىرى يۇمۇلۇپ ھۇشىدىن كەتتى. نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن كۈننىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن زاھىرنىڭ ھايۋانىي نەپسى قۇتراپ شادىيەگە ئاچ بۆرىدەك ھۇجۇم قىلدى .

*************************

زۇلپىيە شۆھرەت بىلەن چەكلەنگەن مىۋىگە ئېغىز تېگىپ ئۆزىنىڭ ئەپتى-بەشرىسىنى ھەقىقىي تۈردە ئاشكارلاشقا كىرىشتى. ئۇ ئانىسى ئايزۆھرەنىڭ پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ پىلان كۆرسىتىشى بىلەن شۆھرەتكە تەھدىت سېلىشقا باشلىدى.

- قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولۇپ بېشىڭىزنى ئىچىگە تىقىپ يوقاپ كېتەمسىز؟ مەن بويۇمدا قالامدىكىن دەپ بەك قورقۋاتىمەن. شۇڭا تېزرەك بولۇپ توينىڭ تەييارلىقىغا كىرىشسىڭىز بۇلاتتى. بولمايدىغان بولسا بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ؟- دېدى زۇلپىيە تېلىفۇندا تەھدىت ئارلاش.

- مەن بېشىمنى ئىچىمگە تىقىۋالغىنىم يوق زۇلپىيە. سىز ئاتا- ئانىڭىز بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئۆي بىلەن ماشىنىنى تويدىن كېيىن ئالىدىغانغا ماقۇل كەلتۈرىدىغان بولغان. شۇڭا مەن نەچچە كۈندىن بۇيان سىزنىڭ خەۋىرىڭىزنى كۈتتۈم،- دېدى شۆھرەت .

- بۈگۈن كەچ ئىشتىن چۈشۈپ خەلق مەيدانىغا كېلىڭ. قالغان گەپنى كۆرۈشكەندە دېيىشەيلى.

ئىككىسى گۇگۇم ۋاقتى بىلەن خەلق مەيدانىدا كۆرۈشتى.

- مەن ئاتا ئانامغا بۇ ئىشلارنى دېسەم ئۇلار يەنە بۇرۇنقى پىكىرىدە چىڭ تۇرۇۋالدى. قارىغاندا ئۆي بىلەن ماشىنىنى تويدىن ئىلگىرى تەييار قىلمىسىڭىز بولمايدىغان ئوخشايدۇ،- دېدى زۇلپىيە تەتۈر سۆگەتنىڭ ئاستىدىكى ياغاچ ئورۇندۇققا جايلاشقاندىن كېيىن.

- مېنى…مېنى بۇنداق تەڭلىككە سالماڭ زۇلپىيە. بەش قولنى بىراقلا ئېغىزغا تىققىلى بولمايدۇ. بەك بولمىسا ئاتا-ئانىڭىز بىلەن ئۆزۈم كۆرىشەي.

- شۆھرەت، قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولۇپ تولا باھانە- سەۋەب كۆرسىتىپ مەسئۇلىيەتتىن قاچىمەن دېمەڭ. ئۇنداق ئادەم نېمىشقا ماڭا چېقىلاتتىڭىز ؟- دېدى شادىيە ئورنىدىن تۇرۇپ چالۋاقاپ .

- سىز ماڭا چېقىلدى دەپلا بېسىم ئىشلەتمەكچىمۇ؟ بۇنداق شەخسىيەتچى بولماڭ شادىيە.

- نېمە دېمەكچى سىز؟ شەخسىيەتچىلىكنى سىز قىلدىڭىزمۇ مەن قىلدىممۇ؟ ئۆيۈمگە ئاپىرا-ئاپارماستا ماڭا ئاچ بۆرىدەك يېپىشتىڭىز. ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى قىلچىلىك ئويلاشمىدىڭىز. ئەمدى مەندىن قۇتۇلىمەن دەپ ئويلىماڭ .

- ھىم، ماڭا تەھدىت سالماقچىمۇ سىز. دەڭە، مەن مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ نېمە قىلدىم؟ ھېلىمۇ قىلغان ئىشىمغا ئىگە بولۇپ سىز بىلەن توي قىلاي دەۋاتىمەنغۇ؟ لېكىن سىز ھەددىڭىزدىن ئېشىپ تويدىن ئىلگىرىلا توققۇزىمنى تەل قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتىسىز. بۇنداق يولسىزلىقىڭىزغا ھېچكىم چىدىيالمايدۇ.

- ياخشىغۇ، مېنى يولسىزلىق قىلدى دەپ قويۇڭ. يولسىزلىق قىلغاننىڭ نېمىلىكىنى مەن سىزگە كۆرسىتىپ قوياي .

- قولىڭىزدىن كەلسە ياغ چايناڭ شادىيە. مەن دەيدىغاننى دەپ بولدۇم. بۇ ئىشقا كەلگەندە مېنىڭ دېگىنىمگە كۆنمىسىڭىز ئىككىمىزنىڭ ئىشى مۇشۇ يەردىلا تۈگىسۇن. تويدىن ئىلگىرى سىزگە چېقىلغان بولسام نېمە بوپتۇ؟ مۇھەببەتلىشىۋاتقان ياشلارنىڭ ئىچىدە تويدىن ئىلگىرى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن مەنلا ئەمەس. مەن پەقەت نۇرمال ئەرلەر سادىر قىلىدىغان خاتالىقنىلا سادىر قىلدىم خالاس،- شۆھرەت گېپىنى تۈگىتىپ زۇلپىيەنىڭ يېنىدىن ئايرىلدى.

 زۇلپىيە ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ ئاچچىق كۈلۈپ قويدى .

«ھىم، قارىغاندا سېنىڭ كۇكۇلاڭدىن تۇتمىسام ماڭا بوي بەرمەيدىغان ئوخشايسەن. خان ئاچاڭنى سەل چاغلاپ قاپسەن شۆھرەت»

*************

شاۋكەت بىلەن گۈلگىنە ئۆيىدە رولنى سۇ كىرمىگۈدەك ياخشى ئويناپ، قېيناتىسى بىلەن قېينانىسىنى قاقتا-سوقتا قىلىشقا ياردەملەشكەن ئىككى ئادەمنى ئۆيىگە چاقىرىپ ئۇبدان مېھمان قىلغاندىن سىرت ئۇلارغا بېرىشكە تېگىشلىك سۈيۈنچىنى ئالدىغا قويدى :

- يارايسىلەر ئەپەندىلەر، سىلەرنى كۆپ مالال قىلدۇق،- دېدى گۈلگىنە ئۇ ئىككىسىگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ.

- ئۇنداق قىلمىسىڭىزمۇ بولاتتى گۈلگىنە، ھەممىمىز ئۆز ئادەم ئەمەسمۇ،- دېدى ھېلىقى قەرز سۈيلەپ بارغان ئادەمنىڭ بىرى .

- سىلەرنىڭ ياردىمىڭلار بولمىغان بولسا، بىز ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايتتۇق. رەھمەت سىلەرگە،- دېدى ئاتا-ئانىسىنى باپلاپ ئېغىزى قۇلىقىغا يەتكەن شاۋكەت .

گۈلگىنەنىڭ ئەتراپلىق پىلانلىشى بىلەن ئوينالغان بىر مەيدان ئويۇن ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانىدى. شاۋكەتنى يۈزمىڭ كوي پۇلنى يوق قىلدى دەپ يالغاننى توقۇپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كېتىش باھانىسى بىلەن يۈزمىڭ كوي پۇلغا ئىگە بولغان گۈلگىنەنىڭ خۇشاللىقىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەش قىيىن ئىدى.

- دەسلەپتە بىز چوتنى خاتا سوقۇپتۇق،- دېدى گۈلگىنە ھېلىقى ئىككى ئادەم چىقىپ كەتكەندىن كېيىن .

- قانداق دەيسىز؟- سورىدى شاۋكەت .

- ئەسلىدە بۇ سودىنى ئىككى يۈز مىڭ كويدىن باشلىساق بوپتىكەن. ئۇ قېرىلارنىڭ يۈز مىڭ كوي پۇلنى غىڭ قىلمايلا بانكىدىن ئاجرىتىپ بەرگىنىگە قارىغاندا ھەميىنى خېلى توم ئوخشايدۇ.

- ھېلىمۇ يۈز مىڭ سوم پۇل دېگەن ئاز پۇل ئەمەسقۇ.

- سىزغۇ ئاشۇ قېرىلارغا چاپان يېپىشتىن باشقىنى بىلمەيسىز. ئەتە- ئۆگۈن ئۇلار ئۆلسە شادىيە بىلەن شۆھرەتمۇ قوپىدۇ بىر ياقتىن ئۇلاردىن قالغان مىراسقا چىشىنى بىلەپ. ئۇلار ئۆلگۈچە ھازىردىن باشلاپ ھەرىكەت قىلغاچ تۇرغان تۈزۈك.

- ئەمدى نەپسىڭنى يىغىۋال خوتۇن. قېرىغاندا ئۇلارنىمۇ جان ساقلىغىلى قويايلى. ئەمدى يەنە ئۇلارنى قاقتى -سوقتى قىلىشتىن كويىغا چۈشمەي ماۋۇ يۈز مىڭ كوي پۇلنى نېمىگە خەجلەيمىز شۇنى بىر دېگىنە .

- نېمىگە خەجلەيتتۇق؟ چىرايلىق زىبۇ-زىننەتلەرنى سېتىۋېلىپ كۆڭلمىز تارتقاننى يەپ- ئىچىپ باشقىلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىپ ياشايمىز.

- تۈزۈك گەپ قىلغىنە خوتۇن ھەي. ئالدىمىزدا ئوقۇتىدىغان ئىككى بالا تۇرسا، يەنە تېخى بىر مۇنچە قەرزلىرىمىز……

- ئوش…… نېمە تۈگىمەيدىغان گەپ بۇ؟ ئىككىمىز مائاشلىق ئادەملەر بالىلارنى ئوقۇتۇش، قەرزدېگەنلەرنى مائاشقا تايىنىپ قالىمىز. ماۋۇ يۈزمىڭ كوينى كۆڭلىمىز تارتقان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىمىز. سىزگە شۇنى دەپ قوياي، بۇ پۇلنى قانداق خەجلىسەم سىزنىڭ پىكرىڭىز چىقمىسۇن. بولمايدىغان بولسا…… بىلىسىزغۇ مېنى .

- ماقۇل، ماقۇل. بۇ ئۆيدە قاچان سېنىڭ دېگىنىڭ ھېساب بولمىغان

**************************

 شادىيە ھوشىغا كەلگەندە ئۆزىنىڭ قىپيالىڭاچ ھالەتتە ياتقانلىقىمنى بىلىپ بولغان ئىشلارنى بىر قۇر ئەسلەپ زاھىرنىڭ چېقىلغانلىقىنى بىلدى. ئۈستىگە يېپىلغان يوتقاننى بار كۈچى بىلەن مىجىقلىغىنىچە ھۆركىرەپ يىغلىۋەتتى. ئىچ-ئىچىدىن ئېتىلىپ چىققان يىغا كەلكۈنى ئۇنىڭ يۈرەك-باغرىنى پارە-پارە قىلماقتا ئىدى. نۇمۇس ھەم خورلۇق ئىچىدە ئۆرتىنىپ ئازاپ دېڭىزىغا چۆكۈپ تونجۇقتى. ئېرى بەختىيارغا بېغىشلىغان سۆيگۈ گۈلىنى جودۇن سوقۇپ ۋاقىتسىز ئۈششۈتكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ رەھىمسىز رېئاللىقنى قۇبۇل قىلىش ھەقىقەتەن تەس كېلىۋاتاتتى. شادىيە كارۋات ئۈستىدە ئوتقا چۈشكەن قىلدەك ئۇيان-بۇيان تولغىناتتى. بەختىيارغا بولغان ئەقىدە تېغىنىڭ گۇمران بولۇپ ئۆزىنىڭ شۇمبويىلار تەرىپىدىن چەيلەنگىنىگە ئېچىندى. پۈتۈن ۋۇجۇدىغا تۇتاشقان ئازاپ ئوتلىرى ھازىرلا كۆيدۈرۈپ كۈل قىلۋىتىدىغاندەك بارغانسىرى كۈۋەجەيتتى. شادىيە ھېقىلداپ يىغلىغىنىچە بارغانسىرى دەرمانىدىن كەتتى. ئۆزىنىڭ رۇخسىتىسزلا بېسىپ كىرىپ قەلب ئېتىزىنىڭ نازۇك غۇنچىللىرىنى چەيلىگەن ئادىمىي ھايۋان زاھىرنى تىللاپ قارغايتتى. مەككار تۈلكىنىڭ ھىيلىسىگە ئالدىنىپ قاپقىنىغا چۈشكەن ئۆزىنى ئەيىپلەپ، چاچلىرىنى يۇلۇپ، يۈزلىرىگە كاچاتلايتتى. ئۇنىڭ شۇ تاپتا دىلىنىڭ قانچىلىك ئازار يەپ، نادامەت قوينىدا نالە قىلىۋاتقان ئاھۇ-زارىنى چۈشەنمەك قىيىن ئىدى. بىر چاغدا ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ھۇجرىسىنىڭ چىرىقىنى ياندۇردى. ئۇخلاش كىيمىنى كىيىپ بۇلغانغان تىنىنى ئېرىغداش ئۈچۈن مۇنچىغا كىردى. ئىسسىق سۇنى بولۇشىغا چۈشۈرۈپ بەدەنلىرىنى تاتىلاپ قىزارتىۋەتتى. ئۇ بەدىنىدىكى مەينەتچىلىكنى پۈتۈنلەي تازىلاپ چقىرۋەتمەكچى بولاتتى.

«بەدىنىمدىگە چۈشكەن كىر-داغلارنىغۇ يۇيۇپ چىقىرۋىتەرمەن. لىكىن يۈرىگىمگە چۈشكەن داغنىچۇ. ئۇنى مەڭگۈ يۇيۇپ چىقىرۋەتكىلى بولمايدۇ. ئەمدى قانداقمۇ ئاتا- ئانامنىڭ، بالامنىڭ يۈزىگە قارايمەن؟ بارلىقىمنى بېغىشلىغان بەختىيارنىڭ يۈزىگىمۇ قارا سۈركىدىم. تىنىم بۇلغاندى، يۈرىكىمدە ئۆچمەس داغ قالدى. مۇشۇ داغنى كۆتۈرۈپ ياشىسام ۋىجدانىم ئۆرتەنمەسمۇ»

 شادىيە مۇنچىدا ئۇزاق تۇرىۋېرىپ باشلىرى قېيىپ، پۇت قولىدا مادار قالمىغاندا، ئاندىن جۆمەكتىن چۈشىۋاتقان سۇنى توختاتتى. ھۇجرىسىغا كىرىپ تامغا ئېسىلغان بەختىيارنىڭ سۈرىتىگە قاراش بىلەن تەڭ دىل يارىسى قايتىدىن ئېغىز ئېلىپ ھۆڭراپ يىغلىۋەتتى.

- ئاپا، نېمە بولدۇڭ؟ بۇنداق ھۆركىرەپ يىغلىساڭ مەن قورقىدىكەنمەن،- ئاپىسىنىڭ يىغىسىدىن ئويغىنىپ كەتكەن قەيسەر ھۇجرىغا كىرىپلا دېدى.

- كىرىپ ئۇخلا بالام. ئاپاڭنىڭ چىرايىغا قارىما. ئاپاڭنىڭ ساڭا قارىغۇدەك يۈزى يوق،- دېدى ئۇخلاش كىيىمى بىلەنلا تۇرغان شادىيە ئوغلىغا ئارقىسىنى قىلىپ .

- ئاپا، نېمە ئىش بولدى؟ نېمىشقا بۇنداق دەيسەن؟- ئاپىسىنىڭ گەپلىرىنى چۈشەنمەي قەيسەرمۇ يىغلىدى.

 شادىيە ئوغلىنىڭ يىغىسىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۇنى قۇچقىغا ئېلىپ باغرىغا باستى. زاھىرنىڭ ھاقارىتى جېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەن شادىيە ئۈنسىز نالى قىلاتتى .

« ئاھ، بەختىيار. سىزگە بولغان، پاك- ئەقىدەمنى، سەمىمىي- ساداقىتىمنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرالماي قالدىم؟ شۇ تاپتا سىزگە كەچۈرۈڭ دېگەن گەپنى ئېغىزىمدىن چىقىرالمايمەن. سىز مەندىن مەزگىلسىز ئايرىلغان بولسىڭىزمۇ مەن سىزنى يېنىمدا باردەك ھېس قىلىپ پاك ياشاپ كەلگەن ئىدىم. ھەر قانچە قىيىن كۈنلەردە قالغاندىمۇ ئازغۇنىلار مېنى پۇلغا سېتىۋالالمىغان. ئۇلارنىڭ شېرىن- شېكەر سۆزلىرىگە ئالدىنىپ كەتمىگەن ئىدىم. بۈگۈن مېنى غەپلەت بېسىپ قېلىپ ئامانەتنى تارتقۇزۇپ قويدۇم. ئۆزۈمگە چاڭ قوندۇردۇم. مەن ئەمدى ئالدىڭىزدا ئاسىي بولدۇم. ئەمدى بۇنىڭ ئورنىنى قانداق قىلىپ تولدۇرالايمەن»

 ناتىۋان ئايالنىڭ يىغىسى شۇنچىلىك ھەسرەتلىك ھەم ئېچىنىشلىق ئىدى.

************************

 شۆھرەتنىڭ زۇلپىيەدىن پۈتۈنلەي كۆڭلى سوۋۇغان ئىدى. ئۇ زۇلپىيەگە قىلغىنىغا مەسئۇل بولۇش ئۈچۈن گۈزەلئاينى ئۇنتۇپ كېتىش نىيتىگە كەلگەن بولسىمۇ، زۇلپىيە ئۇنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالماي نائۈمىدتە قويدى. شۆھرەت زۇلپىيەنىڭ تارتىشقۇدەك ھېچنېمىسى قالمىغانلىقىنى بىلىپ يەنە گۈزەلئاينى قوغلىشىشقا كىرىشىپ كەتتى. بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا ئىككىسى تاماق يىگەچ پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.

- نەچچە كۈن بولدى. قارىڭىزنىمۇ كۆرسەتمەس بولۇپ كەتتىڭىزغۇ. مەن ھاياتىڭىزدا ئارتۇقچە ئادەم بولۇپ قالمىغاندىمەن،- دېدى گۈزەلئاي شۆھرەتتىن رەنجىگەندەك قىلىپ .

- ئۇنداق دېمەڭ گۈزەلئاي. سىز ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەم،- دېدى شۆھرەت گۈزەلئايغا يېقىنراق سۈرۈلۈپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتقىنىچە.

شۆھرەت گۈزەلئاينىڭ قولىنى تۇنجى قېتىم تۇتىشى بولغاچقا ئەندىكىپ كەتتى. لېكىن قولىنى تارتىۋالغۇسى كەلمىدى.

- ئەمىسە دەڭە؟ نەچچە كۈن نەگە يوقاپ كەتتىڭىز؟ تېلېفون قىلساممۇ كۆتۈرمىگەن ئىدىڭىز، مەن سىزدىن سەل ئەنسىرەپ قالدىم.


ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى باسسىڭىز 30- قىسىمغىچە تولۇق چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章