بەخت قولدىن كەتكەندە 🧡 11-قىسىم (ئەپچىدە 22قىسىم)

文摘   2024-09-02 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

-بۇ گۈل ھەجەپ چىرايلىقكەن،- ئۇ تەشتەكنى ئېلىشى بىلەن يۈرىكىم ئاغزىمغا قاپلىشىپ قالغاندەك جىددىيلىشىپ كەتتىم.

- شۇ.. شۇ.. دوستۇم ئالغاچ كەپتىكەن..

ئۇ تەشتەكنى قولىغا ئالدى-دە ئەتراپىغا قاراپ باقتى. ئۇنىڭ قولىنى تەشتەكنىڭ ئاستىغا ئاپىرىشىدىن ئەنسىرەپ تۇراتتىم.

- سىزنى مەسئۇل دوختۇر چاقىرىدۇ..

سىرتتىن ئاۋاز ئاڭلىنىشى بىلەن سېستىرا تەشتەكنى دەرىزىدە قويدى-دە، زالغا قاراپ ماڭدى.

- ئەمىسە بىر ھەپتە.. - دېدى ئۇ ماڭا ئۆرۈلۈپ قاراپ.

ئۇ چىقىپ كېتىشى بىلەن ياتاقنىڭ ئىشىكىنى يېپىپ تەشتەكنى ئالدىم-دە، ئاستىدىكى ئاۋاز ئۈسكىنىسىنى سۆكتۈم. تەشتەك بىلەن ياستۇق ئىككىلىسى بىخەتەر ئورۇن ئەمەس ئىدى.

ئۇنى دوختۇر كارىۋىتىنىڭ ئاستىغا چاپلىغاندىن كېيىن ئالدىراپ جايىمغا كېلىۋالدىم. پۇت-قولۇم تىترەۋاتاتتى. يەنە بايقىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيتتىم.

 قولۇمدىكى كۇنۇبكىسىلا بار بولۇشتىن باشقا ھېچقانداق رولى بولمىغان تېلىفونغا قاراپ تۇرۇپ كەتتىم. تورغا چىقىپ يېڭى سىنلارنى، ئاستىدىكى ئىنكاسلارنى كۆرەلمەيتتىم. مالچى ھەدەم بىلەنمۇ ئالاقىلىشالمايتتىم.

ئامالسىز دەرىزىگە قاراپ خىيال سۈرۈشكە باشلىدىم. بۇنىڭدىن باشقا ئامالىم يوق ئىدى.

* * *

ئاخىرقى ئىككى كۈنمۇ توشۇپ دوختۇرخانىدىن چىقىش ۋاقتى بولدى. بۇ قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلىدىغانلىقىمنى ئويلىساممۇ، لېكىن سېستىرانىڭ قولىدىكى ئىسپاتنى ئويلاپ بىئارام بولىۋاتاتتىم. ئۇ يېنىمغا كىرىپ ماڭا قاراپ قويدى.

- چىقىدىغان ۋاقتىڭىزمۇ بولدى ھەدە.. ئەمدى يولدىشىڭىزنىڭ قولىغا قالىدىغان بولدىڭىز.. بۇ دەرتتىن قۇتۇلاي دېسىڭىز ئامال قىلىڭ.. پەقەت 20مىڭ بىلەن ئاجرىشالايسىز..

- مەن ئامال قىلاي.. سىننى ھېچكىمگە بەرمەي تۇرۇڭ..

- بەرمەيمەن. خاتىرجەم بولۇڭ. لېكىن بەش كۈندىن كېيىن تورغا تارقىتىمەن..

- چۈشەندىم.

- ماۋۇ مېنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرۇم.. پۇلنى تەييار قىلىپ مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ..

ئۇ ياتاقتىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئىشىكنى يېپىپ كارىۋاتنىڭ ئاستىغا قىستۇرۇپ قويغان ئاۋاز ئېلىش ئۈسكۈنىسىنى ئالدىم-دە، ئىچ كىيىمىمگە سېلىۋالدىم.

تېلىفونۇم يولدىشىمنىڭ نومۇرى بىلەن سايرىدى.

«بۈگۈن مەن يىغىندا سېنى ئالغىلى بارمايمەن. ئۆزۈڭ ماشىنا توسۇپ كەت»

بۇ جۈملىنى كۆرۈپ خوشاللىقىمنى باسالماي قالدىم.

چامداننى سۆرىگىنىمچە ياتاقتىن چىقتىم-دە، مالچى ھەدەمنىڭ ياردەمچىسى بەرگەن ئىسىم كارتىسىدىكى ئادرىسقا قاراپ ماڭدىم. بۇ بىر بىنانىڭ 14-قەۋىتىدىكى ئىشخانا بولۇپ، ئىشىكنى چېكىشىم بىلەن ھېلىقى مال توشۇغان يىگىت ئىشىكنى ئاچتى.

- ياخشىمۇسىز؟

- ئىچىگە كىرىڭ. ھەدەم بار..

ئىشىكتىن كىرىپ مالچى ھەدەمنى قۇچاغلىغىنىمچە يىغلاپ تاشلىدىم.

- ھەرنېمە بولسا قايتىپ چىقىپسىز..

- شۇ.. شۇنداق. لېكىن ئۆيگە قايتقاندا نېمە كۈننى كۆرىمەن بىلمەيمەن..

- ئاۋال ئولتۇرۇڭ. ئالدىرىماي دېيىشەيلى..

ئايال چاچلىرىمنى ئوڭشاپ مېنى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزدى.

- ئىسىم كارتىسىنى ساقلىۋالغانىدىم، شۇڭا ئۇدۇللا كەلدىم..

- تېلىفونىڭىزغا ئۇرسام ئۇلانمىدى.. شۇنىڭغا قاراپ يولدىشىڭىزنى تارتىۋالدىمىكىن دەپ ئويلىدىم..

- ئۇ تېلىفونۇمنى دەرىزىدىن پەسكە تاشلىۋەتتى. قولۇمدىكى بۇ تېلىفوندا ھېچكىمنىڭ نومۇرى يوق.. ئۈندىدارمۇ يوق، شۇڭا سىز بىلەن ئالاقىلىشالمىدىم.

- ئىسىم كارتىدا نومۇر بار ئىدى ئەمەسمۇ..

- بۇ تېلىفوننى ئۇ بەردى. نومۇرنىمۇ ئۇ بېجىرگەن، ئۇ ھەرقانداق ۋاقىتتا مېنىڭ كىم بىلەن ئالاقىلاشقىنىمنى بىلەلەيدۇ.. سىزگە ئاۋارچىلىق تېپىپ بەرگۈم كەلمىدى..

- مۇشۇنداق ۋاقىتتىمۇ مېنى ئويلىغىنىڭىزغا رەھمەت. لېكىن ئۇ مېنى ھېچنېمە قىلالمايدۇ..

- سىزنى ھېچنېمە قىلالمايدۇ. لېكىن ئىككىمىزنىڭ ئالاقىلىشىش يولىمىزنى ئېتەلەيدۇ..

- بۇ نەچچە كۈن نېمىش بولدى؟ ماڭا دەپ بېرىڭە..

- سىز ئەۋەتكەن ئاۋاز ئۈسكىنىسىنى ياستۇقۇمنىڭ ئاستىغا قويۇپ قويغانتىم.ئۇ بايقاپ قاپتۇ.. شۇنىڭ بىلەن مېنى ئۇرغاندىن كېيىن ئۇ نەرسىلەرنى بۇزىۋەتتى..

- بۇنىڭدىن خەۋىرىم بار..

- خەۋىرىم بار؟

مالچى ھەدەم مېنى كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن نائۇشنىكنى قۇلىقىمغا سالدى.

- ئوغلۇم بولمىغان بولسا سىزنى ھېچكىم تونىمايتتى.. ئەمدى نامىڭىز چىقىپ كېتىدىغان بولدى..

- ئەركىشى دېگەننىڭ ئانچە مۇنچە قولى تېگىپ كېتىدۇ.. شۇنداق ۋاقىتتا بىر ئېغىز گەپتىن قالسىڭىز ئۇمۇ توختاپ قالىدۇ..

- نەۋرەمنى ئۆزىڭىز بىلەن بىللە تاياق يېسۇن دېگەنما؟ ھېلىقى كۈنىمۇ يۈزى ئىششىپ قاپتۇ، كېچىسىمۇ تىترەپ ئۇخلىيالمىدى، سىز شۇنداق گەپ ئۆگەتمىسىڭىز دادىسىدىن تاياق يېمەستى..

- ئوغلۇمنىڭ ئىشىدىن ئەمدى چاتاق چىقارسىڭىز سىزنى بوش قويىۋەتمەيمەن، يەنە ئاۋۇ دادىڭىز، ئوغلۇمنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرسۇن.. بەش يىل قەرز قايتۇرمىغان بارمۇ.. قانداق خاتىرجەم ياشايدىغاندۇ..

- بىزنىڭ ئائىلىنىڭ يۈزى تۆكۈلىدىغان خىزمەت تاپماڭ، ئۇنداق قىلسىڭىز مەندىن ياخشىلىق كۆرمەيسىز..

¬ - تولا يالغاندىن ئاجىز كۆرۈنىۋالما.. سېنىڭ جېنىڭ ئۇنچە بوش ئەمەس.. خېلى تاياقنى كۆتۈرگەن ئادەم سەن..

- ۋوي، گەپلىرىڭ باشقىچىغۇ.. ئەمىسە نېمە سەۋەبتىن بولسا بولاتتى.. تاياق يېگەنگە دوختۇرخانىغا ئەكېلىپ داۋالاتسام بولامتى..

- ئىككى كۈن جىقراق نەرسە تارتىپ تورغا يوللا. مېنى ئاقلىمىساڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىسەنغۇ..

 ئاۋازلارنىڭ ھەممىسى نەچچە كۈن بۇرۇن قېيىنئاپام ۋە يولدىشىم بىلەن بىلەن دېيىشكەن گەپلەر بولۇپ ھەممىسى تولۇق ئېلىنغانىدى.

- بۇ.. بۇ..

- قانداق ئاۋاز ئېنىقمىكەن؟

- يولدىشىم ئۈسكۈنىنى بۇزىۋەتكەنتىغۇ..

- ھازىرقى ئۈسكۈنىلەرنى يىراق ئارلىقتىن باشقۇرۇپ ئۈنگە ئالغىلى بولىدۇ..

- ئۈسكۈنە ئاۋاز ئالىدۇ. بىر تېلىفوندا ساقلاپ ماڭالايمىز..

مالچى ھەدەمنىڭ شاگىرتى تېلىفونىنى ئېچىپ ماڭا كۆرسەتتى.

- ئاھ.. مەن بۇلارنىڭ ساقلىنىپ قالغىنىنى بىلمەپتىمەن. تېخى ئىسپات يوقاپ كەتتى دەپ بەك ئازابلانغانتىم..

- يولدىشىڭىزنىڭ ئۈسكۈنىنى تاپقان ۋاقتىنىمۇ مەن ئاۋازدىن بىلدىم. شۇڭا سىزگە كېيىنكىسىنى ئەۋەتتىم..

- بەك ئەقىللىقكەنسىز ھەدە.. قايىلمەن..

- سېستىرانىڭ ئاۋازىمۇ تولۇق ئېلىندى..

- بۇ گەپنى سىزگە دەي دەپ تۇرغانتىم. ئۇ ماڭا پۇل بەرسەڭ ئىسپاتنى ساڭا بېرىمەن دەيدۇ..

- بىر قېتىم پۇل بېرىپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمايسىز..

- نېمىشقا بۇنداق دەيسىز؟

- چۈنكى بۇنداق نىيىتى قارا ئادەملەر سىزگە بېرىپلا ھۆججەتنى تېگىدىن يۇيىۋەتمەيدۇ.. ئۇ بەلكى يولدىشىڭىزغىمۇ مۇشۇ نەرسە بىلەن تەھدىد ئىشلىتىپ پۇل ئېلىشى مۇمكىن..

- مەن بۇنى ئويلاپ يەتمەپتىمەن..

- يەنە بەش كۈن ۋاقىت قالدى دەيدىغۇ..

- شۇنداق.

- بەش كۈن ساقلاڭ. ئۇنى ئۈركىتىپ قويماڭ..

- لېكىن مەن بەش كۈنگىچە 20مىڭ پۇل تاپالمايمەن..

- نادان قىز. پۇل تېپىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.. سىز پەقەت قولىمىزدىكى ئىسپات بىلەن ئۇنى ساقچىغا مەلۇم قىلسىڭىزلا بولدى.. بۇ دوختۇرخانىدىكى بىمارلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە قاقتى سوقتى قىلىشقا تەۋە. ئۇ قانۇنىي جازاغا تارتىلىدۇ. خىزمىتىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدۇ..

- لېكىن بۇنداق قىلسام يولدىشىمنىڭ مېنى خورلىغىنى ئاشكارا بولىدۇ.. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە مېنى قىينايدۇ..

- ساقچىلار يولدىشىڭىزنىڭ سىزنى خورلىغىنىنى بىلسە بۇ سىزنىڭ ئاجرىشىشىڭىزغا پايدىلىق..

- شۇنداق بولارمۇ؟!

- نادان قىز. ئۆزىڭىزنى قانۇن بىلەن قوغداشنى بىلىڭ. سىزنىڭ يارىلانغان سۈرىتىڭىز، بالىڭىزنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى. يەنە بۇ ئاۋازلىق ئىسپاتلارنىڭ ھەممىسى يولدىشىڭىزنىڭ خورلىغانلىقىغا تولۇق ئىسپات بولالايدۇ..

- لېكىن..

- يەنە نېمىگە ئىككىلىنىسىز؟

- دادام ئىككىمىز ئۇنىڭغا قەرز..

- قەرز بىلەن ئاجرىشىش ئايرىم- ئايرىم ئىش.. قەرزنى ئاجراشقاندىن كېيىن تۆلەپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ..

- لېكىن 200مىڭنى مەن قانچىلىك ۋاقىتتا تاپارمەن..

- بىلەمسىز. دەل مۇشۇنداق بولغىنىڭىز ئۈچۈن خورلىنىۋاتىسىز. چۈنكى سىز پۇلنى قايتۇرۇشنى ئەمەس يولدىشىڭىزنى سۈيلىمەسلىكىنى بەكرەك خالايسىز..

- ئۇنداق ئەمەس..

- ئۇنداق بولمىسا مەن دېگەندەك قىلىڭ. سېستىرانى ساقچىغا مەلۇم قىلسىڭىز. ئىسپاتمۇ ساقچىنىڭ قولىغا چۈشىدۇ.. شۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىشنى ئىلتىماس قىلالايسىز..

- بۇنداق قىلسام يولدىشىمنىڭ نامىغا داغ يېتىپ شىركىتى ۋەيران بولىدۇ..

- سىزنىڭ كۈتكىنىڭىز مۇشۇ ئەمەسمۇ؟!

- ھەدە، يولدىشىم بىلەن ئارىمىزدا بىر بالا بار.. مەن ئەسلى ھېچقانداق كىرىمى يوق ئايال. يولدىشىمنىڭ سودىسىمۇ بۇ سەۋەبلىك يوق بولسا، بالام جاپادا چوڭ بولىدۇ..

- ئەمىسە يەنە بىر ئامال بار..

- قانداق ئامال؟

- يولدىشىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭ بارلىق قىلمىشلىرىنى سۈرەتكە تارتقىنىڭىزنى، ئىسپاتنى تورغا تارقىتىۋەتمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيتىپ تەھدىد ئىشلىتىڭ..

- ئۇ مېنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋېتىدۇ..

- بەكلا قورقۇنچاقكەنسىز.. ئۇ قولىڭىزدىكى ئىسپاتنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ سىزنى ھېچنېمە قىلالمايدۇ..

- بۇنداق قىلسام نېمىگە ئىرىشەلەيمەن..

- ئۇ ئاجرىشىش تەلىپىڭىزگە قوشۇلۇشى مۇمكىن.. شۇنىڭ بىلەن ئەركىنلىككە چىقىسىز..

- سېستىرانى قانداق قىلىمىز؟

- ئۇنى ماڭا قويۇپ بېرىڭ..

- ھەدە.. ئۇنىڭغا 20مىڭ بېرەمسىز؟ لېكىن مەندە ھازىرچە سىزگە قايتۇرغۇدەك پۇل يوق.. .

- سىز ماڭا قويۇپ بېرىپ، ئۆيگە قايتىڭ.. ئەتە چۈشتىن كېيىن مۇشۇ يەردە كۆرۈشەيلى.. سىز قاچان ئەپلىك شارائىت تاپقاندا كېلىڭ.. مەن چۈشتىن كېيىن سىزنى ئىشخانىدىن چىقماي ساقلايمەن..

- بولىدۇ ھەدە.. رەھمەت..

مالچى ھەدەم ياردەمچىسىگە قارىدى.

- ئۇنىڭ چامدىدىنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىڭ..

ياردەمچى چامدىنىمنى كۆتۈرگەندىن كېيىن مەن بىلەن يول بويىغا چىقتى.

- رەھمەت سىزگە..

- ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.. .

ئۇ كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ماشىنا توسۇپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.

ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ مۇخپىر قىز بىلەن يېقىن ئولتۇرغان يولدىشىمنى كۆردۈم.

- نېمانداق دەپ قويمايلا كېلىسەن..

- كېلىدىغىنىمنى بىلەتتىڭىزغۇ..

مۇخپىر ماڭا قاراپ كۈلدى.

- خېلى ياخشى بوپ قالدىڭىزمۇ ھەدە.. ئاكام ئىككىمىز يېڭى تارتماقچى بولغان فىلىم توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىۋاتقان..

نەچچە كۈندىن بېرى قىزنىڭ چىرايى ۋە بەدىنىگە سىنچىلاپ قاراپ باقمىغان مەن، بۈگۈن ئەستايىدىللىق بىلەن قاراشقا باشلىدىم. بۇ دەل ھەركۈنى مەن ئارقىسىدىن كۆرۈپ قالىدىغان قىز شۇ ئىدى.

- شۇنداقمۇ؟! چۈشەندىم.. سىلەر مەسلىھەتلىشىۋېرىڭلار..

- بولدى ئاكا، ئايالىڭىز كەلدى، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى دوختۇرخانىدا ياخشى ئارام ئالالماي قالغاندۇ بەلكى.. ياخشى ئارام ئېلىۋالسۇن. مەن دېگەن بويىچە قىلايلى، ئەتە ئۆگۈن بىر كۈننى بېكىتىپ قايتا تارتايلى..

- بولىدۇ. جاپا تارتتىڭىز..

يولدىشىم مۇخپىرنى يولغا سېلىپ قويغاندىن كېيىن مېنىڭ يېنىمغا كەلدى. تىترەپ كېتىپ باراتتىم.

- خېلى ئەسلىڭگە كېلىپ قالدىڭمۇ؟

- شۇ.. شۇنداق..

ئۇ بىلىكىمنى تۇتقاندا يۈرىكىم ئاغزىمغا قاپلىشىپ قالغاندەك جىددىيلىشىپ كەتتىم.

- بۇ ياققا چىق، سەن بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغان ئىش بار..

ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېھمانخانا ئۆيگە چىقتىم. ئۇنىڭ بىلىكىمدىن تارتىپ يەرگە يىقىتىشىدىن قورقۇپ تۇراتتىم.

- بالىنى ئېلىپ ساياھەتكە چىقىپ كېلەيلى..

- بۇ؟! قانداق بولۇپ..

ئۇنىڭ ئاغزىدىن بۇنداق گەپ چىققانلىقىغا ھەيران بولىۋاتاتتىم.

- قانداق؟! مەن بىلەن ساياھەت قىلغۇڭ يوقما؟

- با.. بار.. لېكىن..

- سۈرەتكە تارتقۇچىلارمۇ بىز بىلەن بىرگە بارىدۇ..

ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق ياخشىلىقىنىڭمۇ يەنە فىلىم تارتىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان چېغىمدا لەسسىدە بوشىشىپ كەتتىم.

- بولىدۇ. سىز نېمە دېسىڭىز شۇ.. مەن ماسلىشىمەن..

- ئاپام ئەتە بالىنى ئەكەپ بېرىدىغان بولدى، بۇ بىر ھەپتىنى بالا بىلەن ياخشى ئۆتكۈزەيلى.. ھەپتە ئاخىرى ساياھەتكە چىقايلى. تەييارلىق قىلىپ قوي.. .

ئۇ شۇنداق دەپ قويۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. بۇنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم، لېكىن يەنە راست بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم.

ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئاشخانىغا كىرىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا تۇرۇپ كەتتىم. ئەتە بالامنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ خوشال بولسام يەنە ئۇنىڭ ئارىمىزدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. يولدىشىمنىڭ مېنى خورلىغانلىقىدىكى ئىسپاتلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن خوشال بولساممۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ ھەممىنى قايتىدىن باشلاپ مەغلۇب بولۇشتىن قورقاتتىم. شىر قوغلاپ يار ئېغىزىغا كېلىپ قالغان ئادەمگە ئوخشايتتىم. شىردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ياردىن سەكرىشىمگە توغرا كېلەتتى. لېكىن ياردىن سەكرىسەم ھايات قېلىش ئېھتىماللىقىم تۆۋەن ئىدى. پەقەت دۇنيانىڭ ماڭا ۋاقىتلىق ئېسىلىۋالغۇدەك بىر تۈپ دەرەخ ياكى شاخ بېرىشىنى كۈتىۋاتاتتىم.

يولدىشىم قايتىپ كىرىپ تاماق يېگەندىن كېيىن ھۇجرىغا كىرىپ ئۇخلاپ قالدى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن ھەيران بولىۋاتاتتىم.

«ئەجەبا ئۇنىڭ ئىدىيەسىدىن ئۆتۈپ قالغانمىدۇ؟! ياكى مېنى بۈگۈن دوختۇرخانىدىن چىقتى دەپ ۋاقتىنچە جازالىماسلىقنى ئويلاۋاتقانمىدۇ؟! »

ئۆزۈمنى تولىمۇ بىمەنە ھېس قىلىۋاتاتتىم. يولدىشىمنىڭ مېنى ئۇرىشىدىن قورقاتتىم يۇ، يەنە ئۇنىڭ مېنى ئۇرماي باشقا بىر ئۇسۇلدا قىينىشىدىن ئەنسىرەيتتىم.

قاچىلارنى يىغۇشتۇرغاندىن كېيىن ئاستا بالامنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتىم. ئۇيان بۇيان ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمايۋاتاتتىم. مالچى ھەدەمنىڭ سېستىرا بىلەن نېمىلەرنى دېيىشكىنىنى بىلمەيتتىم. ئەتە بالام قايتىپ كەلسە يەنە نېمىشلار بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلمەيتتىم. كۈندە ئوي ئويلاپ چارچاپ كېتىپ باراتتىم. لېكىن ئويلاشتىن باشقا ھېچنېمە قىلالمايتتىم. كۈنسىرى ئۆزۈمنى كېرەكسىز ئادەمدەك ھېس قىلىۋاتاتتىم.

ئىشىكنىڭ چېكىلىشى بىلەن يۈگۈرۈپ بېرىپ ئىشىك ئالدىدا تۇرغان بالامنى كۆردۈم.

- كەلدىڭمۇ، جېنىم بالام.. سېنى بەك سېغىندىم..

ئىگىلىپ بالامنى قۇچاغلىدىم. بالام قېتىپلا تۇراتتى.

- بالام.. مېنى سېغىنمىدىڭمۇ؟ ماڭا گەپ قىلمايسەنغۇ..

بالام ماڭا غەزەپ كۆزلىرىنى تىكىپ قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، مېنى ئىتتىرىۋېتىپ قىيىن ئاپامنىڭ قولىدىن تارتقىنىچە ئۆيگە كىردى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章