قارا كۆڭۈللەر 🧡 22-قىسىم

文摘   2024-09-02 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى تۇرسۇنتوختى توختىروزى شۇڭقار قەلىمىدە پۈتكەن، ئۈنبەر ستودىيىسىدە ئاۋازغا ئېلىنىپ ئىشلەنگەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «قارا كۆڭۈللەر» ناملىق رومان. ئەزىز دوستلارنىڭ بىزنى قوللاپ ئالدى بىلەن مۇشۇ ئېلاننى بىر چېكىپ قويۇپ ئەسەر ئاڭلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم

بۈگۈنكى قىسمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

-پاھ، بەكلا ئىرادىلىك قىزكەنسىز. غەيرىتىڭىزگە ئاپىرىن،- دېدى شۆھرەت باشمالتىقىنى چىقىرىپ قىزنى ماختاپ.

- خالىسىڭىز مېنىڭ سېپىمگە قوشۇلۇڭ. بىز بىللە تەرەققىي قىلايلى .

- لېكىن مەن سىزدەك گەپكە ئۇستا ئەمەس.

- قاراڭە دەۋاتقان گېپىڭىزنى، دېگەنلىرىڭىز ئۆزىڭىزگە ئوخشىماي قالدى. ئۇ سىزنىڭ غەيرىتىڭىزگە باغلىق ئىش. قىلاي دەپ قالسىڭىز، مەن سىزگە ئۆگىتىمەن .

- مەن ئويلىنىپ باقاي.

ھەرئىككىلىسى چۈشتىن كېيىن ئىشلەيدىغان بولغاچقا تاماق يەپ بولۇپلا خوشلاشتى. ئۇلار مۇشۇ بىر قېتىم ئۇچراشقاندىن كېيىن ئۇچرىشىدىغان ۋاقىتلىرى تېخىمۇ كۆپىيىپ قىلىشىدىغان پاراڭلىرىمۇ ئاۋۇپ قالدى. شۆھرەت ئۆزىنى زۇلپىيەگە قارىغاندا گۈزەلئايغا بەكرەك ماس كىلىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتتى. زۇلپىيە بىلەن يۈرگەن ۋاقىتلاردا ئۇ ھە دېسىلا ئۇنىڭدىن ئاغرىنىپ كېيىم- كىچەك بىلەن سوۋغاتلىق بويۇمنىڭلا گېپىنى قىلاتتى. گۈزەلئاي بولسا زۇلپىيەگە قارىغاندا ئادددىي-ساددىلىقنى ياخشى كۆرىدىغان قانائەتچان قىزدەك قىلاتتى. شۆھرەت زۇلپىيە بىلەن بولغان ئىشىنى بىر ياقلىق قىلۋېتىپلا گۈزەلئايغا تەلەپ قويۇشنى ئويلاپ قويدى .

**********************

شاۋكەت ئاتا-ئانىسنىڭ ئۆيىدە تۇرغىلى بىرنەچچە كۈن بولدى. بۈگۈن شەنبە بولغاچقا ئۇ مەكتەپكە بېرىپ بالىلىرىنىمۇ ياقۇپنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەلدى. بالىلارنىڭ چوڭى خالمۇرات ئون يەتتە ياش بولۇپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيتتى. كىچىگى خالىدە بۇ يىل تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققانىدى. بالىلار بوۋا-مومىسى بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرغاندا سىرتتىن ئىككى ئەركىشى ناھايىتى پەيلىنى بۇزغان ھالدا كىرىپ كەلدى. ئۇلار شاۋكەت بىلەن يوشۇرۇن كۆز بېقىشۋالغاندىن كېيىن قوپاللىق بىلەن دېدى:

- ئادىشوي، نېمانداق گەپ ئۆتمەيدىغان قېلىن نېمە سەن؟ ئۆزۈڭنىڭ ئۆيىگىمۇ بارماي تېلېفون قىلسىمۇ ئالماي يوقاپ كەتسەم مېنى تاپالمايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭما،- دېدى ھېلىقى ئىككى ئەرنىڭ بىرى .

- خاپا بولما ئاداش، مەنمۇ ئۇ ئالدامچىنى ئىزدەۋاتىمەن. ئۇنى تاپالىساملا……

- قۇرۇق گېپىڭنى قوي. بىز سېنىڭ باھانە سەۋەبلىرىڭنى ئاڭلىغىلى كەلمىدۇق. بۈگۈن نەدىلا بولمىسىمۇ پۇل تاپ.

- جېنىم ئاداش، مېنى تەڭلىككە سالمىغىن. مەن ئالغان مائاشىمنى يىغىپ چۇقۇم پۇلۇڭنى قايتۇرۇپ بېرىمەن،- دېدى شاۋكەت ئۇلارغا ئۆتىنىش نەزىرى بىلەن .

- مائاشىمنى يىغىپ دېدىڭما. سەن بىر ئايدا قانچىلىك مائاش ئالىسەن؟ ئەڭ يۇقىرى ئالساڭ ئون مىڭ كوي ئالىدىغانسەن. بىز ساڭا ئون ئاي ساقلامدۇق؟ - دېدى ھېلىقى ئادەم تەلەتىنى تېخىمۇ بۇزۇپ شاۋكەتنى ئۇرۋىتىدىغاندەك ئەلپازدا.

- بالىلىرىم، گەپ بولسا چىرايلىق دېيىشىڭلار. ئوغلۇم ئىنسانچىلىقتا بىر قېتىم ئېزىپ قاپتۇ. ئۇ پۇلۇڭلارنى بەرمەي دېمىدىغۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا ئازراق ۋاقىت بېرىڭلار. سىلەرنىڭ بېشىڭلارغىمۇ ئېغىر كۈنلەر كەلمەي ئەمەس،- دېدى ياقۇپ ئارىغا چۈشۈپ .

- ئاكا ئەڭ ياخشىسى سىلەر بۇ ئىشقا ئارىلاشمىسىلا.

- يا بولمىسا شاۋكەت سىلىنىڭ ئوغۇللىرى بولغاندىكىن، ئۇنىڭ ئورنىدا يۈز مىڭ كوي پۇلنى بىزگە بېرىۋەتسىلە، بولمايدىغان بولسا بىز ئوغۇللىرىنى ھەرگىز بوش قۇيۋەتمەيمىز. - دېدى يېنىدىكى بىرىمۇ .

- ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭلار بالىلىرىم. پۇل تۈگەيدۇ. بىز ئېشىپ قالىمىز. بۇنداق پەيلىڭلارنى يامان قىلىپ شاۋكەتنى خىجالەتتە قويماڭلار .

- ماقۇل ئەمىسە، ئاتا- ئاناڭ ئارىغا كىرىپ تۇرۇۋالدى. ئۇلارنىڭمۇ يۈزىنى قىلمىساق بولماس. لېكىن، ئېسىڭدە بولسۇن بىز يەنە كېلىمىز. كېلەر قېتىم كەلگۈچە پۇلنى تەييار قىلىپ تۇر .

 ئۇلار گېپىنى تۈگىتىپ چىقىپ كېتىشتى.

- ھەي ئەقلى گەجگىسىگە ئۆتۈپ قالغان دەلتە، سەن ئۇ ئالدامچىغا پۇلنى بەرگەندە ھېچقانداق بىر ئىسپات ئېلىۋالمىغانما؟- سورىدى ياقۇپ.

 شاۋكەت بېشىنى چايقىدى.

- داداڭنىڭ يېرىمىنى دورىيالىساڭچۇ، كاشكى. بىر ئوبدان مائاشىڭ تۇرسا نېمە قىلاتتىڭ سودا قىلىمەن دەپ؟ ئۆمرىدە بىر توخۇغا چاغلىق بىرنەرسە ئېلىپ سېتىپ باقمىغان ئادەم سودا قىلارمىش تېخى،-دېدى ھۆرىيەتمۇ ئوغلىنى ئەيىپلەپ.

- بالىلىرىڭمۇ ئۆزۈڭ بىلەن تەڭ بوپتۇ مانا. مۇشۇ ياشقا كەلگەندە تاپمىغان ئەقىلنى قاچانمۇ تاپارسەن ھە؟

- بولدى، مېنى ئەيىبلەۋەرمەڭلار. ئۇرۇشتىن كېيىن قەھرىمان بولغىلى بەك ئۇستىكەنسىلەر. خەق پۇل سۈيلىسە مەندىن سۈيلىدىغۇ. سىلەر بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى؟ يا مەن سىلەرگە قەرزىمنى تۆلىشىپ بېرىڭلار دېدىممۇ.

- نېمە دېگىنىڭ بۇ بالام؟ بىزمۇ ساڭا كۆيۈنۈپ گەپ قىلىۋاتىمىزغۇ. سەن يات ئادەم بولغان بولساڭ بىزنىڭمۇ كارىمىز بولمايتتى. بالىمىز بولغاچقا شۇڭا غېمىڭنى يەپ گەپ قىلىۋاتىمىز،- دېدى ھۆرىيەت.

- ماڭا توختىماي تاپا- تەنە قىلغىنىڭلار مېنىڭ غېمىمنى يېگىنىڭلار بولامدا.

- گېپىڭنى ئوچۇق دېمەمسەن. بىز ئەمدى ساڭا نېمە قىلىپ بەرسەك بولىدۇ؟ قارىغاندا مۇشۇ ئۆينى سېتىپ سېنىڭ قەرزىڭنى بىز تۆلىسەك ئاندىن سېنىڭ غېمىڭنى يېگەن بولىمىزما.

 - مەن سىلەرگە قەرزىمنى تۆلەپ بېرىڭلار دېدىمما؟

- ۋاي بولدى قىلىڭ دادىسى، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تۇرماڭ. ئاچچىق يۇتىۋالىسىز.

- ھەي،-دېدى ياقۇپ ئوغلىغا قاراپ بېشىنى چايقاپ قويۇپ،- بۇ بالىلار بىزنى ھامان بىر كۈنى ئاچچىقتىن كېسىلدۈرۈپ ئۆلتۈرگۈدەك.

***************************

ئىككى كۈندىن بۇيان تېنىم-تاپماي ئىش ئىزدەپ چارچاپ قالغان شادىيە بۈگۈن بىركۈن قوپماي ياتتى. ئۇ ئۈندىدارىدىكى ئۇچۇر توپلىرىدىن كەلگەن ئۇچۇرلارنى بىر قاتار كۆرگەن بولسىمۇ، ئۆزىگە ماس كەلگۈدەك خىزمەت تاپالمىدى. كوچىلارغا چىقىپ خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىمىز دېگەن ئېلان چىقىرىلغان ئورۇنلارغىمۇ قاتراپ ھاردى. ئۇ ئورۇنلار ئادەمگە ئېھتىياجلىق بولسىمۇ بەزىلىرىنىڭ ئىش ھەققى تۆۋەن ئىدى. يەنە بەزى ئورۇنلارنىڭ ئىش تۈزىمى ئۇنىڭ ئەتتىگىنى بالىسىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلىدىغان ۋاقىتقا ئۇدۇل كەلمىدى. ئەسلىدە ئۇ ئىشتىن بوشىتىلغان كۈنىلا زاھىر بولغان ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئۇنى ئىزدەپ ئۆيگە كەلگەن ئىدى.

- كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ شادىيە. سىز شۇنداق ئىقتىدارلىق تۇرسىڭىز سىزنى ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار ئەلۋەتتە چىقىدۇ.

 زاھىرنىڭ تەسەللىي سۆزلىرى شادىيەگە تېتىمىدى .

- خالىسىڭىز مەن سىزگە ماس كەلگۈدەك خىزمەت تېپىپ بىرىمەن. ئىشلەشنى خالامسىز.

- بولدى، سىزگە رەھمەت زاھىر. مەن خىزمەتنى ئۆزۈم تاپاي. باشقىلارغا تايىنىپ ياشاشنى خالىمايمەن،- دېدى شادىيە سوغۇقلا .

- نېمە دېگىنىڭىز بۇ شادىيە؟ ئىككىمىز يات ئادەم بولمىساق. سىزگە خىزمەت ئېلىپ بەرگىنىم ماڭا تايىنىۋالغانلىق بولمايدۇ.

- خاپا بولماي قايتىپ تۇرۇڭ. ھازىر كۆڭلۈم بەكلا پاراكەندە .

- شادىيە، كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىقنى كۆرۈپ ئۇنداق تۆگىشىپ كەتمەڭ. سىز جاھىللىق قىلماي مەن تېپىپ بەرگەن خىزمەتنى قىلىڭ. ئەجەب نېمە خىزمەت دەپ سوراپمۇ باقمايسىزغۇ؟

- دېدىمغۇ، سىز مېنىڭ غېمىمنى قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ. مەن ئۆز قىيىنچىلىقىمنى ئۆزۈم ھەل قىلاي.

- مەن سىزگە گېپىنى قىلغان خىزمەتنىڭ مائاش يۇقىرى. ھۆكۈمەت تارمىقىدىكى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ خادىمى بولىسىز……

- بولدى، چىقىپ كېتىڭ زاھىر. مەن سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە ئېھتىياجلىق ئەمەس، دەپ نەچچە قېتىم دەيمەن،- شادىيە قوپاللىق بىلەن زاھىرنى سىلكىۋەتتى .

- ماقۇل ئەمىسە، ناۋادا ئىش تاپالماي قالسىڭىز ماڭا تېلېفون قىلىڭ. سىز ئۈچۈن قولۇم كۆكسۈمدە،- زاھىر گېپىنى تۈگىتىپ چىقىپ كەتتى .

زاھىر باشتىلا شادىيەگە قانات سۆرەپ يۈرمىگەن بولسا ئۇنىڭ ياردىمىنى قۇبۇل قىلىشىمۇ تامامەن مۇمكىن ئىدى. لېكىن ئۇ دەسلەپتىلا بىزەڭلىك قىلىپ ئۆز ئەپتى- بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ قويغاچقا شادىيە ئۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلاتتى. ئۇنىڭ ئالدىدا تىلىنىڭ قىسقا بولۇپ قېلىپ ئۇنىڭغا باغلىنىپ قېلىشنى خالىمايتتى. شۇڭا نەچچە زاھىر ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى .لېكىن نەچچە كۈندىن بۇيان كۆڭلىدىكىدەك خىزمەت تاپالماي ھالسىراپ قالغاندا زاھىر گېپىنى قىلغان سوغۇرتا شىركىتىدە ئىشلەپ بېقىشنى ئويلاپ قالدى. دەسلەپتە يوغان گەپ قىلىپ زاھىرنى بوسۇغۇسىدىن قوغلىغان بىلەن مانا ئەمدى جان ساقلاشنىڭ ئورنى قالمىغاندا ئۇنى ئېسىگە ئالغانىدى. يانفۇنىنى قولىغا ئېلىپ زاھىرغا تېلېفون قىلاي دەپ تۇرۇشىغا ئۇنى ئىشتىن قوغلىۋەتكەن دېرىكتوردىن تېلېفون كەلدى. شادىيە ئالدىراپلا تېلېفوننى ئۇلىدى. ئۇ دېرىكتورنى مېنى ئىشقا كىلىڭ دەپ تېلېفون قىلغان ئوخشايدۇ دېگەننى ئويلاپ قەلبىدىكى ئۆچۈش ئالدىدا تۇرغان ئۈمىد چىراقلىرى قايتىدىن ياندى.

- قانداق شادىيە، گېپىمگە كۆنمىگىنىڭىزگە پۇشايمان قىلغانسىز. شۇ تاپتا خىزمەت ئىزدەپ پۇتلىرىڭىزنىڭ تاپىنى تېشىلەي دېدىغۇ دەيمەن. مەن سىزگە ئاخىرقى قېتىم پۇرسەت بېرەي. ھازىرلا يېنىمغا كېلىپ مېنىڭ ھاجىتىمدىن چىقسىڭىزلا ئەتىدىن باشلاپ ئىشقا كەلسىڭىز بولىدۇ،- دېدى دىرېكتور گەپنى ئۇدۇللا قىلىپ.

 بۇ گەپنى ئاڭلاپ شادىيەنىڭ زەردىسى قاينىدى.

- ھۇ ئەبلەخ، مېنى نېمە كۆرۈۋاتىسەن؟ خىزمىتىڭنى چېكەڭگە تاڭ. سەندەك نېمىنىڭ ماڭا شەرت قويۇشقا سالاھىيىتى توشمايدۇ؟ شادىيە قولىدىكى تېلېفۇننى غەزەپ بىلەن يەرگە ئاتتى. تېلىفۇن يۇمشاق كىرىسلو ئۈستىگە چۈشكەچكە ساق قالدى.

شۇ تاپتا ئۇ جاھاندىكى ھەممە ئەرلەردىن نەپرەتلىنىشكە باشلىدى. زاھىرغا تېلېفۇن قىلىپ ئىشقا تونۇشتۇرۇشنى ئېيتىشنىمۇ ئويلىمىدى. ئەمدى ئىككىنچى دەپ ئەر كىشىدىن ئۈمىد كۈتمەسلىك قارارىغا كەلدى. دىرېكتورنىڭ قىلغان ئىككى ئېغىز گېپى بىلەن ئىززەت-غۇرۇرى يەرگە ئۇرۇلغاندەك ھېس قىلىپ ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۇچتى .

****************************

 زۇلپىيە يىغلىغان پېتى ئۆيگە كىرىپ ھۇجرىسىغا ئۆزىنى ئاتتى. بۇنى كۆرۈپ ھەيران بولغان جالالىدىن بىلەن ئايزۆھرە ئۆرىتۆپە بولۇشۇپ كەتتى .

- قىزىم نېمە بولدۇڭ؟ سېنى بىرەرسى بوزەك قىلدىما؟- سورىدى قىزىنىڭ كەينىدىنلا كىرگەن جالالىدىن .

- ۋاي، گەپ قىلساڭچۇ ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقماي، نېمىگە يىغلايسەن ؟- دېدى ئاي زۆھرەمۇ جىلە بولغىنىچە.

 زۇلپىيە ئېسەدەپ تۇرۇپ دېدى:

- مېنى بىردەم… تىنچ قويۇڭلار… سىلەردىن خوش بۇپ قالاي .

- ھەر قانداق گېپىڭ بولسا ماڭا دېگىن قىزىم. بۇنچە ئېسەدەپ يىغلىغۇدەك نېمە ئىش بولدى ئۇنداق؟

- ئاپاڭ توغرا دەيدۇ قىزىم. ئۇنداق بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە يىغلاۋەرسەڭ تۈگىشىپ كېتىسەن .

-ئوش… سىز ئەركىشى بولغاندىكىن چىقىپ تۇرىڭە. قىز بالا دېگەن دادىسىدىن تارتىنىپ مەخپىيەتچىلىكنى ئېيتالمايدۇ .

 جالالىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئايزۆھرە سورىدى:

- ئەمدى دېگىنە قىزىم. يەنە شۆھرەت بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىڭما؟

- ئاپا،- زۇلپىيە ئانىسىنىڭ باغرىغا تاشلىنىپ قايتىدىن يىغىسىنى ئەۋجىگە چىقاردى. ئۇ بىر ھازا يىغلىغاندىن كېيىن دېدى،- ئاپا، شۆھرەت ئۇ…… باشقا بىرنى تېپىۋاپتۇ. ئۇنىڭ چىرايلىق بىر قىز بىلەن بىرگە تاماق يېگەن، باغچىلاردا سەيلە قىلغان سىن كۆرىنىشىنى دوستلىرىم ماڭا يوللاپ بەردى .

- نېمە؟ بۇ شۆھرەت دېگەن بىر نېمە شاختىن-شاخقا قونۇپ يۈرۈيدىغان كېپىنەكنىڭ ئۆزىكەنغۇ. قارا سېنىڭ بوشاڭلىقىڭنى، ماڭا يىغلاپ كۆزۈڭنىڭ سۈيىنى ئېقىتىپ ئولتۇرماي ھېلىقى رەسۋانى تۆپىدىلا تۇتۇۋېلىپ ئۇنىڭ چاچلىرىنى يۇلۇپ رەسۋا قىلۋەتسەڭ بولماسمىدى. مېنىڭ قىزىم بولغىنىم بىلەن پەقەتلا مېنى دورىيالماپسەن.

- ئاپا، بۇنداق قىلسام شۆھرەت ماڭا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتمەمدۇ. ئەمدىچۇ ئاپا، ئۇنىڭغا ئوي ئالىسىز، ماشىنا ئالىسىز دەپ تەلەپنى بەك يۇقىرى قويىۋالماي ئۇنىڭ مەندىن كۆڭلى سوۋۇپ كەتكۈچە تويۇمنى قىلۋالاي. ئويلاپ باقسام شۆھرەتكىمۇ بەك بېسىم قىلىۋېتىپتىمەن. بىز تېخى ياش، ئۆي بىلەن ماشىنىنى ئالدىرىماي ئۆزىمىز پۇل تېپىپ ئالساق بولىدىغۇ. تويدىن ئىلگىرى بىراقلا ئۇنى تۆت يۈز مىڭ يۈەن چىقىمدار بولىسەن دېسەك ئۇ قوبۇل قىلالامدۇ…


ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى باسسىڭىز 30- قىسىمغىچە تولۇق چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章