يالغان ئەر خوتۇن 🧡 8-قىسىم

文摘   2024-08-28 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئەنۋەر ياسىن سەرۋاز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يالغان ئەر خوتۇن» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

-بۇلىدۇ خۇتۇن بۇ يەردە سىزنىڭ زۇراۋانلىقىڭىزغا سۈكۈت قىلىپ تۇرغانىدىن سەھراغا بېرىپ ئىشەك باققىنىم مىڭ ياخشى ئوخشايدۇ.چۈنكى ئۇلار مېنى تىللىيالمايدۇ ئەمەسمۇ؟ -شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنى تېلېفوندا جىلە قىلغاچ ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغانىدىم. ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا ئۇ ماڭا قېيىدىغاندەك ئالىيىپ قاراپ قويۇپ. تېخى يېڭىدىن سېتىۋالغان بىر تۇ كاستۇم -بۇرۇلكىنى مىھمانخانا ئۆيدىكى سافاغا تاشلىدى.

-بۇنى ئالماشتۇرىۋېلىڭ ! بۇندىن كىيىن ھەرقانداق سورۇنغا بارسىڭىز. كىيىمنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىشنى ئۈگۈنىۋېلىڭ!-دېدى ئۇ ھۇجرا ئۆيىگە قاراپ ماڭغاچ.

-رەھمەت. خوتۇن يەنىلا سىز ئەتراپلىق ئويلايسىز جۇمۇ!-دېدىم مەن سافادىكى كىيىمنى قۇلۇمغا ئالغاچ.

-ھۇ ئۆلگۈر! مەن سىزگە مېنى خوتۇنۇم دەپ دىمەڭ دەپ نەچچە قېتىم دېدىم. ئەگەر ئەمدى شۇنداق دەيدىغان بولسىڭىز تىلىڭىزنى كېسىپ. ئىككىنچى گەپ قىلالماس قىلىۋېتىمەن! -ئۇ شۇنداق دەپ ئاچچىقلاپ چالۋاقىغىنىچە ھۇجرا ئۆينىڭ ئىشىكىنى جالاقشىتىپ ئېچىپ يېپىپ كىرىپ كەتتى.

«خەپ توختاپ، تۇر!ئاخىرى بىر كۈنىسى ئۆز ئىختىيارلىقىڭ بىلەن قۇچىقىمغا باش قويمىغىنىڭنى كۆرۈپ باقاي!» مەن شۇنداق دەپ پىچىرلىغىنىمچە ئۇ كىرىپ كەتكەن ھۇجرا ئۆيىگە قاراپ مىيىقىمدا كۈلۈپ قويۇپ يۇيۇنۇپ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتىم. ۋە يۇيۇنۇۋېتىپ. يۇقىرى ئاۋازدا مۇنۇ ناخشىنى ئېيتىشقا باشلىدىم.

سەندىن سۆيگۈ سورىسام نىگار،

سۆزلىرىمدىن بولمىغىن بىزار .

يوللىرىڭدا تەلمۈرۈپ كۈتتۈم،

قىلدىڭ مېنى ھەجەپ ئىنتىزار .


سېغىنىشنى تېڭىپ يۈرەككە،

كۆيەلمىدىم سەندىن بۆلەككە،

داۋا ئىزلەپ يۈردۈم كۆيۈككە،

جاۋاپ بەرگىن قىلما ئىنتىزار .


كۈلەلمەيمەن سېنىڭسىز تاتلىق،

بولماس ماڭا سېنىڭسىز شادلىق،

ئاشىغىڭمەن ئەي قەلەم قاشلىق،

كېچە -كۈندۈز قىلدىڭ ئىنتىزار .


سەن قەلبىمدە يىگانە بىرسەن،

مەن ئۈچۈنلا يارالغان بىرسەن،

باغلىرىمدا ئېچىلغان گۈل سەن،

سۆيگۈ بەرگىن قىلما ئىنتىزار.


چىن يۈرەكتىن كۆيدۈم ساڭا يار،

بۇ كۆڭلۈمنى قىلىپ ئىختىيار،

ئۆتەيلى بىز كۈلۈپ بەختىيار،

كەل ئامرىقىم قىلما ئىنتىزار .


ناخشامغا مۇنچىنىڭ شارقىراپ چۈشۈۋاتقان سۈيى جۆر بولۇۋاتاتتى.

ناخشامنى ئىنتىزارنىڭ بېرىلىپ ئاڭلاۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇراتتىم، چۈنكى بۇ شىئېرنى نەچچە ۋاقىتتىن ئىنتىزارغا كۈيۈپ يۈرگەن چاغلىرىمدا يازغان بولۇپ. قايسىبىر ناخشىنىڭ ئاھاڭغا سېلىپ پات- پات غىڭشىپ ئوقۇپ قوياتتىم.

قارىغاندا بۇ ياخشى كۆرۈش ئادەملەرنى ھەرنېمە قىلىۋېتىدىغان ئوخشايدۇ.

مۇنچىدىن يۇيۇنۇپ چىقىپ ئىنتىزار ئەكىلىپ بەرگەن كاستىيۇم -بۇرۇلكىنى كىيىپ باشقىچە سالاپەتلىك بۇلۇپ كەتتىم، بۇرۇن كىيىم سېتىۋالسام دائىم ئەرزان باھالىق كىيىملەرنى سېتىۋالاتتىم، قىممەت كىيىمنىڭ ھەقىقەتەن ئۈزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى بار بۇلۇپ بەدىنىمگە چىپپىدىلا كەلگەن ئىدى.

ئىنتىزار مىنىڭ ئۈستى بېشىمغا ئانچىكىملا كۈز يۈگۈرتكەندىن كىيىن مەنسىتمىگەندەك تۇمشۇقىنى پۈرۈشتۈرۈپ قۇيدى.

-خۇتۇن مەن كىلىشكەنمىكەنمەن ئەجەب قاراپ كەتتىڭىزغۇ؟-دېدىم ئۇنى قەستەن جىلە قىلماق بولۇپ.

-ئىشىڭىزنى قىلىڭە! كىم سىزگە قاراپتۇ، سىزگە قارايدىغانغا كۆزۈم بىكار بۇلۇپ قالمىدى مىنىڭ. تۇلا نېرۋامغا تەگمەي بۇلىڭە ئىتتىك ئۇلار ساقلاپ قالدى، -دىدى ئۇ ماڭا ئالىيىپ قۇيۇپ.

-ۋاھ، ۋاھ.ۋاھ، مېنىڭ خوتۇنۇم ئالايسىمۇ چىرايلىق ئالىيدۇ جۇمۇ!

-ئۆتەپ بىرىڭە !كىم سىزنىڭ خوتۇنۇڭىزكەن-ئۇ شۇنداق دەپ قولىدىكى سومكىسنى بىر چۆرۈپلا دۇلامغا بىرنى قۇيدى. بۇ ئۇنىڭ ئاچچىقلىنىشىمۇ ياكى ئەركىلىشىمۇ؟ئۇنى بىلگىلى بۇلمايتى.

-ئەگەر مىنى ئېرىم دىمىسىڭىز بارمايمەن …

-ئۇخلىماي چۈش كۈرۈپ قاپسىز بىز دىگەن يالغان ئەر-خۇتۇن!

-ئۇ پەقەت سىزنىڭ ئاغزىڭىزدىكى گەپ چۇنكى بىزنىڭ توي خېتىمىز قانۇنلۇق!

-ماڭا يېزىپ بەرگەن. تىل خېتىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! ياخشىسى بۇنداق خام-خىيالنى ئاز قىلىپ مەن قىلىڭ دېگەن ئىشلارنى قىلىڭ!ھە، راست! ھېلىقى سانىيەنىڭ سىزگە سوۋغا قىلغان گىلاستۇكنىڭ ئىچىدىن چىققان بارماق دېسكىدىكى ئىشلار زادى قانداق ئىش؟تۇرسۇنئاي بىلەن ئىككىڭلار يۈرۈۋاتامسىلەر؟ -دېدى ئۇ گەپنى باشقا ياققا بۇراپ.

ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ خۇددى توك سوقىۋەتكەندەك چۆچۈپ كەتتىم. ئۇ قانداقلارچە بارماق دىسكىنى بايقاپ قالغان بولغىيتتى. ئەجىبا ئۇ توي كۈنى ئاخشىمى بۇ ۋىدېئونى كۆرۈپ بولغان ئوخشىمامدۇ؟ بوپتۇلا بىر ھىسابتا ئۇنىڭ كۆرۈپ بولغىنىمۇ ياخشى بوپتۇ. ئەمدى سانىيەنىڭ ئالدىدا قىسىلىپ ئۆتۈشنىڭ ھاجىتى يوق. لېكىن چاتاق يېرى مۇشۇ سەۋەبتىن ئىنتىزارخاتا چۈشىنىپ قالمىسا بولاتتىغۇ؟

يا، يا، يا، ياق! بۇ،، بۇ بۇ…سىز نىىمىلەرنى دەۋاتىسىز مەن چۈشەنمىدىم، -دېدىم قەستەن خۇپسەنلىك قىلىپ. باياتىنقى كەيپىياتىم قەيەرگىدۇر غايىب بولغان ئىدى.

- بولدى. خۇپسەنلىك قىلماڭ! مەن باشقىلار بىلەن.ئارلىشىشىڭىزغا قارشى ئەمەسمەن. لېكىن چېكىدىن ئېشىپ كېتىپ قالمىسۇن. چۇنكى ئاتاقتا سىز يەنىلا مېنىڭ يولدۇشۇم. بەك چىڭىغا چىقىپ كېتىپ قالساڭلار سۆز چۆچەكتىن قۇتۇلماق تەس. سىز راستتىنلا تۇرسۇنئاينى ياخشى كۆرەمسىز؟ -دېدى ئۇ. ئۆزىنىڭ بۇ ئىشقا پەرۋاسىزلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولۇپ. لېكىن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن مەيۈسلۈك چىقىپ تۇراتتى.

-نىمىلەرنى دەيدىغانسىز؟ بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن. جىڭ گەپنى قىلسام مەن كۆڭلۈمدە سىزدىن باشقىسىغا ئورۇن يوق. ئۇ كۈنىسى مەن. …بولدىلا بۇ گەپنى دېيىشمەيلى! بىلەمسىز باشقىلارمۇشۇ ئىشنى دەستەك قىلىپ تەھدىت سېلىۋاتىدۇ،

-بۇنى مەنمۇ پەرەز قىلغان.لېكىن ئۇ قانداقسىگە سىلەرنى يوشۇرۇن كۆزەتكەندۇ. قارىغاندا بىر ئىشلارنى سېزىپ قالغان ئوخشايدۇ، شۇنداقمۇ؟ -دېدى ئۇ كۆزۈمگە قادىلىپ.

-بىلەمسىز، بىز بارغان ھېلىقى ئارامگاھ. سانىيەنىڭ ئىلكىدە ئىكەن. ئالدىنقى كۈنىسىلا سىلەر شۇ ئايرىمخانىنى زاكاس قىلىپ تېلېفون ئۇرغاندا ئايرىمخانىغا كامېرا بېكىتىپتىكەن. بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ كەلدىم. ئۇ ئاشۇ ۋىدېئونى دەستەك قىلىپ ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەشكە مەجبۇرلىدى. مەن ئۇنىڭغا قوشۇلمىدىم. ئۇنىڭ نىشانى سىز ئارقىلىق دادىڭىزنى ۋەيران قىلىشقا ئوخشايدۇ. لىكىن بىر مەسىلىنى پەقەت چۈشىنەلمىدىم. شۇنداق تۇرۇغلۇق دادىڭىز نىمىشقا ئۇنىڭغا تەدبىر قوللانمايدۇ. دادىڭىزنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا تىل قىسىنچىلىقى بارمۇ يە؟-سورىدىم مەن ئۇنىڭ ئاغزىدىن گەپ ئالماقچى بولۇپ.

-بولدى، بۇ ئىشلارغا سىز ئارىلاشماڭ! ئاپام تۈگەپ كېتىش ئالدىدا مۇشۇنداق بولۇشىنى بىلگەنمىكىن-تاڭ !ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ شىركەت پېيىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى مەن توي قىلغاندىن كېيىنلا مېنىڭ نامىمغا ئۆتىدىغانلىقى توغرۇلۇق. ۋەسيەت قالدۇرۇپ قۇيۇپتىكەن.سانىيەنىڭ ئاپىسى بۇرۇن شىركەتنىڭ كاتىپى ئىكەنتۇق. ئەسلىدە بۇ شىركەت چوڭ دادامدىن ئاپامغا قالغان ئىكەن…بولدىلا بۇ ئىشنى سىزگە دەپ نېمە قىلارمەن؟ ياخشىسى سانىيەدىن يىراق تۇرۇڭ! ئۇ ھېلىمۇ دادامنى جىق قاقتى -سوقتى قىلدى. شۇنداقتىمۇ يەنىلا نىيىتىدىن يانمايۋاتىدۇ. مەنلا بولىدىكەنمەن ئۇنى بۇ رەزىل مەقسىتىگە يەتكۈزمەيمەن. دادامنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا بۇنداق يول قويغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى مەنمۇ چۈشىنەلمىدىم، بولدى زىيا.بۇ ئىشلارنى باشقا كۈنى دېيىشەيلى. ماشىنىنى سىز ھەيدەڭ!-ئىنتىزار. شۇنداق دېگىنىچە سومكىسىدىن ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ ماڭا تاشلاپ بەردى. مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بۇ شىركەتتە ئىشلەش جەريانىدا ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ شوپۇرلۇق پراۋىسىنىمۇ ئېلىپ بولغان ئىدىم.

ببۈگۈن مېھماندارچىلىققا چاقىرغىنى ئىنتىزارنىڭ ئااپىسىنىڭ ئىنىسى بۇلۇپ تۈنۈگۈن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تويىمىزغا قاتنىشالمىغان ئىدى. ئۇمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ شىركەت قۇرغان بولۇپ مۇشۇ شەھەر بويىچە ساناقلىق بايلارنىڭ بىرسى ھېسابلىناتتى. شۇنداقلا مەردان لىدىرنىڭ شىركىتى بىلەن سودا ئالاقىسى بار ئىدى.

مەن ئىنتىزارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن بۇ شەھەردىكى يېڭىدىن سېلىنغان داچا رايونىغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ داچىلار پۈتۈن تاغ تۆپىسىگە ئورۇنلاشقان بولۇپ تۆت ئەتراپى يېشىللىق بىلەن ئورالغان ئىدى، ئايرىم -ئايرىم قىلىپ ئىككى قەۋەت، ۋە ئۈچ قەۋەتتىن سېلىنغان سېلىنغان داچىلار بۇ تاغ باغرىغا ئالاھىدە ھۆسىن قوشۇپ تۇراتتى. مەندەك ئادەتتىكى بىر خىزمەتچىنىڭ بىر ئۈمۈر ئىشلەپمۇ بۇ يەردىن ئۈي ئېلىشىم چۈشۈمدىمۇ مۇمكىن بۇلمايدىغان ئىش ئىدى.

مەن ماشىنىنى ھەيدەپ داچىغا كىرىپ كەلگەندە ئەللىك ياشلار چاممىسىدىكى شالاڭ چېچىنى كەينىگە چاپلاپ تاراپ كۈلرەڭ كاستيۇم- بۇرۇلكا كىيىۋالغان چىرايىدىن مۇز يېغىپ تۇرىدىغان سېمىز بىر ئادەم ئالدىمىزغا چىقىپ قارشى ئالدى، ئىنتىزار ماشىنىدىن چۈشۈپ، -سادىق دادا!-دىگىنىچە خۇددىي كىچىك قىزلاردەك ئەركىلەپ ئۇنى قۇچاقلىۋالدى.

-ئۇھۇي!!!كىلە قىزىم، كۈرەشمىگىلى ئۇزۇن بۇپتۇ، تۈنۈگۈن تۇيۇڭغا باراي دىسەم ئۈيدە ئازراق كىلىشمەسلىك بۇلۇپ قالدى. شۇڭلاشقا بۈگۈن قەرزىمنى تۈگىتىۋالاي دەپ چاقىرتىشىم، قېنى ئۈيگە كىرەيلى !ھە راسىت ماۋۇ كاللامنى …

-ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ماڭا قۇل تەڭلەپ كەلدى. مەن دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئىككى قۇللاپ كۈرۈشتۈم،

-قانداق ئەھۋالىڭىز تاغا ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟

-ياخشى ئۇغلۇم، قانداق ئۈزىڭىزچۇ ياخشى تۇرۋاتامسىز ؟چۇڭلار سالامەتچىلىكتۇ؟-دىدى ئۇ مىنىڭ ئۈستى-بېشىمغا كۈز يۈگۈرتۈپ،

-ھە راسىت سادىق دادا ئىككىڭلارنى تۇنۇشتۇرۇپ قۇياي !بۇمىنىڭ يۇلدۇشۇم زىيا، -دىدى ئىنتىزارمەندىكى ئۇڭايسىزلىقنىن قۇتۇلدۇرۇپ ۋە مىنى بىلىكىمدىن قۇلتۇقلىۋېلىپ كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنى تۇنۇشتۇردى،

-زىيا بۇياق مىنىڭ سادىق دادام بۇلىدۇ، ئاپامنىڭ ئىنىسى،

-تۇنۇشقانلىقىمدىن خۇشالمەن تاغا!-دېدىم مەن ئىككى قولۇم بىلەن ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ. يۈرىكىم بولسا ھاياجاندىن سوقۇپ كېتىپ باراتتى. چۇنكى بۇ ئىنتىزار بىلەن ئىككىمىزنىڭ بەدىنىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى ئىدى.ئۇ شۇنداق تەبىئىي بولۇپ ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى. باشقىلارغا ئىككىمىزنى ئامراق ئەر -خوتۇنكەن دېگەن تۇيغۇنى بېرەتتى.

-يۈرۈڭلار ئۈيگە كىرىپ پاراڭلىشايلى !ھامماڭلار تاماقنى تەييار قىلىپ قويدى، -سادىق ئاكا، شۇنداق دىگىنىچە ئالدىمىزدا يول باشلاپ ماڭدى.

نېمىشقىدۇر ئۇ شۇنداق قىزغىن كۆرۈنگەن بىلەن مېنىڭ كۆزۈمگە تازا سىغمىغان ئىدى. بەلكىم بۇ مىنىڭ ئالتىنچى سەزگۈم بۇلسا كېرەك. ھەرقاچان مىنىڭ بۇ توغرۇلۇق پەرەزلىرىم توغرا چىقاتتى. ھەرقانداق ئادەمگە بىر قاراپلا باھا بېرەلەيتتىم.

«بەرگەنلەرگە قوشلاپ بەرگەن بۇ دۇنيا. بەرمىگەنگە مىسقالچىلىك يوق. »دېگەندەك ھەممە مۇناسىۋەت پۇل بىلەن ئۆلچىنىدىغان بۇ شەھەردە، يۇقىرى تەبىقە، ئوتتۇرا تەبىقە. ۋە تۆۋەن تەبىقە دەپ. ئۈچ تۈرگە ئايرىلغان ئىدى.مەن ئۆزۈمنى ئوتتۇراھال تەبىقە دەپ خىيال قىلاتتىم.بۇگۇن بۇ ئۆيگە كېلىپلا ئۆزەمنىڭ بۇ خىيالىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم.چۇنكى بەزىلەرنىڭ ئالدىدا مەن ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىكەنمەن. ئىنتىزار بىلەن ئىككىمىز سادىق ئاكىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بۇ ئۆينىڭ ئىچىگە كىردۇق.

-ھۇي زىلەيخان مىھمان كەلدى!-سادىق ئاكىنىڭ شۇنداق دەپ چاقىرىشى بىلەن. ئىچكىرى ئۆيدىن قىرىق نەچچە ياشلار چامىسىدىكى چاچلىرىنى سېرىق رەڭدە بوياپ بۈدرە قىلدۇرۇۋالغان. يېشىنىڭ چوڭلۇقىغا باقماي يوغان پادىچىلار ئىشتىنى كىيىپ لىغىرلاپ تۇرغان بەدەنلىرىگە لىققىدە كەلگەن سېرىق رەڭلىك گاڭسەر كىيىۋالغان .سېمىزلىكىدىن يۈز گۆشلىرى ساڭگىلاپ كەتكەن بىر ئايال كۈلۈمسىرىگىنىچە چىقىپ كەلدى. ئۇ خۇددى كۆز -كۆز قىلغاندەك بارماقلىرىنىڭ ھەممىسگە ئالتۇن ئۈزۈك سېلىۋالغان بولۇپ. قۇلىقىدىكى ھارۋا چاقىدەك ھالقىسى بىلەن بوينىدىكى يوغان تۇم ئالتۇن زەنجىرى كۆزنى قاماشتۇرۇپ پارقىراپ تۇراتتى.ھەتتا ئۇ ئالدى. چىشلىرى پۈتۈن چاقتۇرۇۋېتىپ ئالتۇندىن چىش سېلىۋالغان بولسا كېرەك ئىنتىزار ئۇنى كۈرۇپلا، -زىلەيخان ئاپا !-دىگىنىچە ئۇنىڭ مەڭزىگە-مەڭزىنى ياقتى.

-بىر شەھەردە تۇرۇپ ئۇزۇن بوپتۇ. جېنىم قىزىم سىز بىلەنمۇ كۆرۈشمىگىلى. تۈنۈگۈن سىزنىڭ تويىڭىزغا بارايلى دېيىشكەن ئىدۇق. لىكىن مەن ساقسىز بولۇپ قېلىپ، بىر كۈنىمىز دوختۇرخانىدا ئۆتتى.ئەمدى ئاپىڭىز خاتىرجەم بولىدىغان بوپتۇ، مۇبارەك بولسۇن قىزىم!-دېدى ئۇمۇ ئىنتىزارنى قۇچاقلاپ مەڭزىگە سۆيۈپ تۇرۇپ، ئۇلار كۆرۈش بولغاندىكىن ئىنتىزار مېنىمۇ ئۇنىڭغا تونۇشتۇرۇپ قويدى. زىلەيخان بولسا خۇددى مېنى مەنسىتمىگەندەك قاراپ قويۇپ مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىنلا بېشىنى لىڭشىتىپ تىنچلىق سورىدى.

-ياخشى تۇردۇڭۇزمۇ ئوغلۇم؟قېنى بۇ ياققا ئۆتۈڭ!

-ھەقېنى، ئوغلۇم بۇياققا ئۆتۈپ ئولتۇرۇڭ! -دېدى سادىق ئايالى بىلەن تەڭلا.

مەنمۇ تەكەللۇپ قىلمايلا ئۇلار كۆرسەتكەن كرېسلوغا چۆكۈپ ئولتۇردۇم. نېمىشقىدۇ ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان مۇئامىلىسى سەمىمىي ئەمەستەكلا قىلاتتى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章