قارا كۆڭۈللەر 🧡 16-قىسىم

文摘   2024-08-27 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى تۇرسۇنتوختى توختىروزى شۇڭقار قەلىمىدە پۈتكەن، ئۈنبەر ستودىيىسىدە ئاۋازغا ئېلىنىپ ئىشلەنگەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «قارا كۆڭۈللەر» ناملىق رومان. ئەزىز دوستلارنىڭ بىزنى قوللاپ ئالدى بىلەن مۇشۇ ئېلاننى بىر چېكىپ قويۇپ ئەسەر ئاڭلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم

بۈگۈنكى قىسمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

-تاغا ياخشىمۇ سىز؟- تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان قەيسەر زاھىرنىڭ ئۆيگە كىرگىنىنى كۆرۈپ ئەھۋال سورىدى .

- ياخشى ئوغلۇم ياخشى. قارا، مەن ساڭا نېمە ئېلىپ كەلدىم؟- زاھىر سۇلياۋ خالتىدىن ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتنى ئېلىپ قەيسەرگە تەڭلىدى .

 قەيسەر بىر لۇغەتكە بىر شادىيەگە قاراپ تۇرۇپلا قالدى .

- زاھىر نېمە قىلغىنىڭىز بۇ ؟- شادىيە زاھىرنىڭ قولىدىكى لۇغەتنى ئېلىپ سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ زاھىرنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى،- سەت بولدى زاھىر. قەيسەر تېخى كىچىك، بۇنداق لۇغەتنى ئىشلىتەلمەيدۇ. سىز بۇنى ئۆز بالىڭىزغا بېرىڭ.

- شادىيە سىز…… بۇنداق قىلسىڭىز مەن رەنجىپ قالىمەن. قەيسەرمۇ ئۆز ئوغلۇمغا ئوخشاشقۇ. بەختىيار ئىككىمىز نەچچە يىللىق يېقىن دوستلاردىن. ئەجىبا يېقىن دوستۇمنىڭ ئوغلىغا بولغان كىچىككىنە كۆڭلۈمنىمۇ قايتۇرۋېتەمسىز .

 شادىيە بەختىيارنىڭ گېپى چىقىشى بىلەنلا يۈرىكى ئىزىلىپ كۆزلىرى ياشقا تولدى.

- كەچۈرۈڭ زاھىر. بەزى گەپلەرنى بالىنىڭ ئالدىدا دېيىش ئەپسىز.

- مەيلى، سىز نېمىلا دەڭ. بۇ لۇغەتنى مەن قەيسەرگە ئېلىپ كەلدىم،- زاھىر لۇغەتنى سۇلياۋ خالتىدىن ئېلىپ قەيسەرنىڭ ئالدىغا قويدى.

 شادىيە لۇغەتكە قولىنى ئۇزاتقانىدى، زاھىر ئۇنىڭ قولىنى توسۇۋالدى .

- شادىيە، بىلىمەن. قايسى كۈنلىرى سىزگە ئەدەپسىزلىك قىلىپ قويدۇم. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئالدىڭىزدا ناماقۇل. لېكىن بۈگۈن كۆڭلۈمنى قايتۇرماڭ،- زاھىر گېپىنى تۈگىتىپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

 شادىيە ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇزىتىپ قويۇش ئۈچۈن ماڭدى.

- كەچۈرۈڭ زاھىر. سىزگە قوپاللىق قىلىپ قويدۇم،- دېدى شادىيە ئىشىك تۈۋىگە چىقىپ.

- ھېچقىسى يوق شادىيە. بۇنى سىزدىن كۆرمەيمەن. ئويلاپ باقسام بەختىيار ئۆلۈپ كېتىپ سىزگە قانات سۆرەپ ياخشى قىلماپتىمەن. شۇ ئەدەپسىزلىكىم ئۈچۈن ئۆيىڭىزدىن قوغلاندى بولۇشقا لايىقمەن. لېكىن، سىز مەيلى ئىشىنىڭ ياكى ئىشەنمەڭ. بۇنىڭدىن كېيىن سىزگە ھەرگىز ئەدەپسىزلىك قىلمايمەن،- دېدى زاھىر شادىيەنىڭ ئالدىدا ئەيىپلىكتەك بېشىنى ئېگىپ تۇرۇپ.

- زاھىر، بەختىيار ئۆلۈپ كېتىپ مەن تۇل بولۇپ قالدىم. تۇل خوتۇننىڭ كەينىدىن سۆز- چۆچەك كۆپ چىقىدۇ. شۇڭا مەن ھەر قانداق ئادەم بىلەن ئارىلىق ساقلاپ يۈرمىسەم بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئەرلەر بىلەن. سىزدىن ئۆتۈنەي زاھىر، بىرەر زۆرۈرىيەت بولمىسا ئۆيۈمگە ئامال بار كەلمەڭ .

- ئۇنداق دېمەڭ شادىيە، سىز ئىككى بالا بىلەن يالغۇز قالدىڭىز. بىر ئۆي دېگەندە ئايال كىشى قىلالمايدىغان ئېغىر- يېنىك ئىشلار چىقىدۇ. باشقا ئىشلارغا يارىمىساممۇ دوستۇم بەختىيارنىڭ ئورنىدا سىزگە ھەر ۋاقىت ھەمدەمدە بولىمەن.

- ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت زاھىر. مەن باشقىلارنىڭ ئۈستۈمدىن سۆز- چۆچەك قىلىشنى خالىمايمەن. جاپا تارتساممۇ، ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ياخشى بولغان ئوبرازىمنى تىكلەپ ياشايمەن.

- مەنمۇ پۈتۈن كۈچۈم بىلەن سىزنىڭ ئوبرازىڭىزنى قوغدايمەن شادىيە. لېكىن ئۆيۈمگە ئىككىنچى دەپ كەلمەڭ دېسىڭىز مەن بۇنىڭغا قوشۇلمايمەن. ئەمىسە مەن كەتتىم، خوش.

شادىيە زاھىرنىڭ سۆزلىرىدىن قىلچىلىك تەسىرلەنمىدى .

چۈنكى ئۇ بۇرۇن شادىيەنىڭ نەزىرىدىن بىر قېتىم چۈشۈپ كەتكەن ئەر. تاغدىن يېقىلغان ئادەم قايتا ئورنىدىن تۇرالىشى مۇمكىن. لېكىن كىشىنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ ئورنىدىن تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس. مەيلى زاھىر ياخشى نىيەتتە ياكى يامان نىيەتتە شادىيەگە يېقىنلاشماقچى بولسۇن. ئۇنىڭ خىيالى مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ھېلىغۇ زاھىركەن، ئۇنىڭدىن باشقا بىر بولسىمۇ شادىيە بەختىيارغا بولغان پاك ئەقىدىسىنى ئۆزى بىلەن بىللە قەبرىلەشكە رازى ئىدى. بەختىيار ئۈچۈن سوققان نازۇك قەلبىگە ئىككىنچى، يارنى ئەسلا سىغدۇرالمايدۇ .

******************************

گۈلگىنەنىڭ ھەركۈنى بېشىنى ئاغرىتىپ بېسىم ئىشلىتىشى بىلەن شەۋكەت ئامالسىز ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىگە پۇل سوراپ كېلىشكە مەجبۇر بولدى. شاۋكەتنى ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار كۆيۈمچان ئوغۇل دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ ئاتا-ئانىسىغا جاپا سېلىپ ئۇلارغا ئارتۇقچە بېسىم قىلىشنى خالىمايتتى. شۇنداقتىمۇ ئاتا-ئانىسىغا قارىغاندا خوتۇنىدىن بەكرەك تەپتارتىدىغان شاۋكەت ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلماي ھۆددىسىدىن چىقالمايتتى. گۈلگىنەنىڭ ئاچچىقى كەلمىسىغۇ قالدى. ئاچچىقى كەلگەن كۈنى ئۆيدىن قار-شىۋىرغان چىقىرىشتىن يانمايدۇ. ئۇنىڭ ئېغىزى شۇنچىلىك بېزەپ ئىدىكى ئېغىزىدىن چىققان گەپنى شاۋكەت بىرەر ھەپتىدە ئاران ھەزىم قىلىپ بولالايدۇ. شۇنداق تۇرسا بۇ ئايالنىڭ گېپىگە قارشى چىقىپ جان توشىمايدۇ .

ياقۇپ بىلەن ھۆرىيەت نەۋرىسىنى ئەركىلىتىپ تاماق يەۋاتقاندا شاۋكەت كەلدى. ئۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن ئېسەنلىك سورىشىپ بولغاندىن كېيىن گەپنى ئەگىتمەي ئۇدۇللا دېدى .

- سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا ئازراق ھاجەت بىلەن كەلدىم. يېقىندا بىز ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئوقەت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان. شۇڭا سىلەرنى يۈز مىڭ كوي قەرز بېرىپ تۇرامدىكىن دەپ كېلىشىم.

 ياقۇپ بىلەن ھۆرىيەت بىر بىرىگە قارىشۋالدى.

- بالام بۇ، بىر ئوبدان خىزمىتىڭلار تۇرسا نېمىلا قىلارسىلەر ئوقەت قىلىپ؟

- دادا، سەن ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن ماۋۇ شەھەردە جان ساقلىماق تەس بولۇپ كەتتى دەيمەن. زىممىمىزدە ئۆي بىلەن ماشىنا قەرزى بار. بالىلار، ئەتە ئۆگۈن ئالىي مەكتەپكە چىقسا ئوقۇتۇشقا پۇل كېتىدۇ. شۇڭا قوشۇمچە تاپاۋەت قىلمىساق بولمايدىغان يەرگە يەتتى.

- مەن ساڭا نەچچە قېتىم دېسەم ئاڭلىمىدىڭ بالام. ئوغۇل بالىنىڭ قەرزى گەدەنگە يەتسە مانتىنى شۇپىلاپ يەيدۇ دېگەندەك تاپاۋەتكە قاراپ چىقىم قىلىشىڭلار كېرەكتى بالام. سەن ئەر كىشى بولغاندىكىن، خوتۇنۇڭنىمۇ باشقۇرۇشنى بىلگىن. ئورۇنسىز ئىشلارغا پۇل سەرپ قىلىپ يۈرمىسۇن. پۇل دېگەننىڭ بىر ئۇچى بىلەكتە بولسا بىر ئۇچى يۈرەكتە بالام .

- ئا…قويغىنا دادا، مەن بۈگۈن سېنىڭ قۇرۇق سەپسەتەڭنى ئاڭلىغىلى كەلمىدىم. قېشىڭغا پۇل قەرز سوراپ كەلدىم. خاتىرجەم بول. يۈز مىڭ كوي پۇلۇڭنى بىر يىلدىن كېيىن قايتۇرىدىغانغا ھۆججەت يېزىپ بېرىپ ئاندىن ئالىمەن .

- مۇشۇنىمۇ گېپىم بار دەپ بىزگە قىلىپ يۈرەمسەن بالام؟ بىز سېنىڭ نېمەڭ؟ ئاتا ئانا دېگەن ئۆز باغرىنى يېرىپ چىققان بالىسى بىلەن ھۆججەتلىشىپ بىر نەرسە بېرىپ يۈرمەيدۇ؟……

- مانا دېمىدىممۇ، يەنىلا مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئاپام چۈشىنىدۇ،- دېدى شاۋكەت ئاپىسىغا مىننەتدارلىق ئىلكىدە قاراپ قويۇپ.

- ئۆزۈڭنىڭمۇ خەۋىرىدە بار بالام،- دېدى ھۆرىيەت گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ،- يېقىندا بىز ئىنىڭنىڭ تويىدا قىلماقچى بولۇۋاتىمىز. ئىنىڭنىڭ تويىغا ئاز دېگەندە يۈز مىڭ كوي پۇل كېتىدۇ. بىزدىمۇ شۇ بارى يوق پۇل پەقەتلا يۈز مىڭ كوي. سەن باشقا يەردىن ئامال قىلىپ تۇرغىن بالام.

- ماۋۇ گەپنى كۆرۈڭ. ئەجەب شۆھرەتنىڭ تويىغا يۈز مىڭ كوي بېرىسىلەر. ماڭا پۇل لازىم بولغاندا بەرمەمسىلەر؟ قارىغاندا شۆھرەت بۇ ئائىلىنىڭ ماڭا قارىغاندا ئەڭ ئەتىۋارلىق بالىسى ئوخشىمامدۇ.

 شەۋكەتنىڭ گېپىدىن جۇدۇنى ئۆرلىگەن ياقۇپ ۋارقىرىدى:

- سەن زادى نېمە دېمەكچى؟ بىزمۇ سېنى ئۆز ۋاقتىدا شۆھرەتنى كۆرگەن كۆزدە كۆرۈپ ئوقۇتۇپ تويۇڭنى قىلىپ قويغان. ئەمدى ئىنىڭنىڭ تويىنى قىلماقچى بولۇۋاتساق سېنىڭ قورسىقىڭ كۆپىۋاتامدا. تېخى سەن بالىلارنىڭ كۆڭلى بولغاندىكىن، ھە ھۇ دېيىشىپ بەرمەكتە يوق دەۋاتقان گېپىڭنى قارا .

- ماڭا قىلىپ بەرگەنلىرىڭگە مىننەت قىلمىساڭمۇ كۆڭلۈمگە بەش قولدەك ئايان. سەن مېنىڭ تويۇمنى قىلغاندا ئارانلا ئون نەچچە مىڭ كوي پۇل خەجلىدىڭغۇ دەيمەن. ھەرگىزمۇ شۆھرەتكە ئاتىدىغاندەك يۈز مىڭ كوي ئەمەس .

- ئەقلىڭ بىلەن گەپ قىلغىن بالام ئۇ چاغدىكى پۇلنىڭ قىممىتى بىلەن ھازىرقى دەۋردىكى پۇلنىڭ قىممىتى ئوخشامدۇ،- دېدى ھۆرىيەت.

- نېمىسى ئوخشىمايدىكەن؟ ئون مىڭ كوي دېگەن ئون مىڭ كوي يۈز مىڭ كوي دېگەن يۈز مىڭ كوي. سىلەر يوقىلاڭ باھانىلەرنى تېپىپ مېنى چەتكە قاقىمەن دېمەڭلار. دېدىمغۇ، مەن سىلەردىن پۇل ئالساممۇ قايتۇرىمەن دەپ. سىلەرگە ھەرگىز قەرزدار بولۇپ قالمايمەن .

- ياخشىغۇ،- دېدى ھۆرىيەت كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ،- سەن بىزگە قەرزدار بولۇپ باقمىغانما؟ سەن ھەممە نەرسىنىڭ قىممىتىنى پۇل بىلەن ئۆلچىمە شاۋكەت. مەن سېنى بوۋاق چېغىڭدا كېچىلىرى ئۇخلىماي ئېمىتىپ، پوق سۈيدۈكىڭنى ئادالاپ بېقىپ مەكتەپتە ئوقۇتۇپ ھازىرقىدەك كۈنگە ئىگە قىلغان. سەن نوچى بولغاندىكىن، ساڭا قىلغان ئەجرىمنىڭ قەرزىنى قايتۇر. قايتۇراي دەپمۇ قايتۇرالمايسەن شۇنداقمۇ؟ سېنىڭ بىزدىن رەنجىشكە نېمە ھەققىڭ بار؟ رەنجىشكە توغرا كەلسە، بىز سەندىن رەنجىگەن بولساق توغرا بولاتتى. چۈنكى سەن تويۇڭنى قىلغاندىن كېيىن باشقىچە بىر ئادەمگە ئايلاندىڭ. خوتۇنۇڭنىڭ سىزىدىغان سىزىقىدىن چىقماي بىزنى نەزەر كۆزۈڭدىن ئېلىپ تاشلىۋەتتىڭ. ھېيت -بايراملاردا پەقەت رەسمىيەت ئۈچۈنلا بىزنى يوقلىغان بولدۇڭ. باشقا ۋاقىتلاردا ھاجىتىڭ چۈشمىسە قاراڭنىمۇ كۆرسەتمىدىڭ. كېيىن بالىلىق بولۇپ ئىككى بالاڭنى تاكى ئوقۇش يېشىغا توشقۇچە بىز باقتۇق. ئايالىڭنىڭ دېيىشچە بىز سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ بولغان ئىكەنمىز. سېنىڭ بالاڭنى بېقىش مەجبۇريىتىمىز بارمىش. ئۇنىڭغىمۇ مەيلى، دېدۇق. سىلەر بىر ئائىلە كىشىللىرىنىڭ قايسىڭلارنىڭ توغۇلغان كۈنى كىلىشىدىن قەتئىينەزەر بىز ئالقىنمىزنى كەڭ ئېچىپ سوۋغا -سالاملارنى شۈڭگۈتۈپ تۇردۇق. ئاغرىپ قالساڭلار دوختۇرخانىغا بېرىپ باقتۇق. ھەتتا داۋالاش چىقىملىرىنىمۇ ئۆزىمىز تۆلىدۇق. لېكىن، بىزنىڭمۇ تۇغۇلغان كۈنىمىز كەلدى. سىلەرنى چاقىرساقمۇ خىزمەت ئالدىراشچىلىقىنى باھانە قىلىپ قاتناشمىدىڭلار. قىسقىسى كەمپۈتكە چاغلىق بىرەر سوۋغات بېرىپ باقمىدىڭلار. بىزمۇ نەچچە قېتىم دوختۇرخانىدا ئاغرىپ يېتىپ قالدۇق. بىرەر قېتىم يوقلاپ باقتىڭلارمۇ؟ بىز سىلەرگە شۇنچە قىلساقمۇ ئايالىڭنىڭ بىزنى كۆرەردە كۆزى يوق. ھە دېسىلا بىزدىن ئاغرىنىشنىلا بىلىدۇ. بىز ئۇلارغا نېمە قىلىپ بەردۇق دېگەننى ئەسلا ئويلىمايدۇ. مانا بۈگۈن يۈز مىڭ كوي پۇل سوراپ كەپسەن. بولغان بولسا سەندىن ئايايتتۇقمۇ؟ بولمىغاندىكىن يوق دېدۇق. يەنە ئەسكى بولدۇق. بوپتۇ، ئايالىڭ بىزنى ئەسكى دېسە دەۋەرسۇن. ئون نەچچە يىل ئۇنىڭغا ياخشى بولالماي ئۆتتۇق؟ يەنە يامان دېسىمۇ ھېچقىسى يوق……

 نەۋرىسى گۈزەلنۇرنىڭ يىغلىشى بىلەن ھۆرىيەتنىڭ گېپى ئۈزۈلۈپ قالدى. ھۆرىيەت نەۋرىسىنى قۇچىقىغا ئېلىپ بەزلىدى .

- بولدى ئانىسى. بۇنىڭغا گەپ قىلىپ ئېغىزىڭلارنى ئۇپراتماڭلار چارچاپ قالىسىلەر. سەنمۇ كالىدەك پۇشۇلداپ تۇرماي ئۆيۈڭگە كەتكىن؟ بىزنىڭ گېلىمىزنى سىقساڭمۇ ساڭا بېرىدىغان پۇل يوق.

 ئانىسىنىڭ دېگەن گەپلىرى خېلىلا تەسىر قىلغان شاۋكەت خىجالەتچىلىكتە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيدىن قايتىپ كەتتى. شۇ تاپتا ئۇنى ئۆيىدە بىر مەيدان جەڭگى-جىدەل كۈتۈپ تۇرۋاتاتتى. ئۇ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىتىۋېتىپ ئۆيىگە بېرىشتىن يالتىيىپ قالدى. ھازىر بارسا يەنە شۇ گۈلگىنەنىڭ قوللىرى ياقىسىدا ئىلەڭگۈچ ئۇچقىنى ئۇچقان. ئۇنىڭدىن كۆرە گۈلگىنە ئۇخلاپ قالغاندا بارسا بىر ئاخشام بولسىمۇ ئارامىدا يېتىپ جىدەل ئويناشتىن ساقلىنىپ قالالايدۇ. ئۇ كىتىۋېتىپ رولنى بۇراپ مۇشۇ يېقىن ئەتراپتىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا قاراپ ماڭدى. ماشىنىدىن چۈشۈپ بىرەر قاۋاقخانىغا كىرىپ بىرەرجىڭ قېقىۋېلىپ ئاندىن ئۆيگە قايتىشنى ئويلاپ قالدى. قاۋاقخانا ئىزدەپ بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسە قاتناش قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىپ ئۆزىچە غۇدىراشقا باشلىدى.

« قانداق ئىش بولغىنى بۇ ئەمدى؟ بىرەر- ئىككى رومكا ئىچىپ قويسىمۇ ئوخشاشلا ھاراق ئىچىپ قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنگە كىرىدىكەن. كۆپ ئىچسە يەنە ئوخشاش. بىرەر-ئىككى رومكا ئىچكەن بىلەن كۆپرەك ئىچكەننى ئايرىپ جازالىسا بۇلاتتىغۇ ئەسلى. بىرچاغلاردىكىدەك ۋېلىسپىت مىنگەن چاغلارمۇ ياخشىكەن بىرھىساپتا. ھېچكىم ھاراق ئىچىپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىدىڭ دېمەيتتى» شاۋكەت غودىرىغىنىچە كەينىگە ياندى.


ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى باسسىڭىز 30- قىسىمغىچە تولۇق چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章